-
جەنۇپلۇق ۋە شىماللىقنىڭ دىئالوگى
2009-04-08
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38534213.html
جەنۇپلۇق ۋە شىماللىقنىڭ دىئالوگىسىزنىڭ تېمىلىرڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن. بوۋاممۇ سىزلەرنىڭ يۇرتتىن، قومۇلدىن نوچى ئادەملەر چىقىدۇ. دادام جەنۇپلۇق ئادەتتە ئۆيدە جەنۇپلۇقنىڭ گېپى ئاقمايدۇ...............
(كوت-كوتتىكى سۆھبەتلەر)نىڭ داۋامى
جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانىنى ھىمايە قىلايلى !
مىللى تېرېتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئىزچىللاشتۇرايلى !
يانار ئىسىملىك تورداش.
(سۆھبەت مەزمۇنىدىكى زىيانلىق تەركىپلەر قىسقارتىلدى)
ئانا ۋەتەندىكى مىليون يىللىق ھارارەتنى قۇچىغىغا ئالغان تارىم ، جۇڭغار ئويمانلىقلىرى خۇددى ئىككى گۈلخانغا ئوخشايدۇ.
بۇ گۈلخاننى چورىدەپ ئولتۇرغان يۇرتلىرىمىز ئۇزۇن سەپەر ئۈستىدە دەم ئېلىۋاتقان كارۋانغا ئوخشايدۇ.
ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى ۋە كوئېنلون تاغلىرى بۇ كارۋاننىڭ قىلىچلىرىدەك پارقىراپ ياتىدۇ.
ھاياتلىقنىڭ ۋە ئۈمۈتنىڭ تىنىقىنى ئۈزمەي ياشاۋاتقان خەلقىمىز بۇ ئۈچ قىلىچتىن كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ مەۋجۇتلۇقنى ساقلايدۇ.
مانا بۇ ، دۇنيادىكى ھەقىقى ئوتتۇرا ئاسىيا .
سىز بىلەن بىرەسمى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى سۆھبىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئازراق پاراڭ سېلىپ بېرەي.
جەنۇپتىكى مەلۇم شەھەردىكى ئاھالە كۆچۈرۈش ئىشىدىكى بىر تېمىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلاردا شۇ شەھەر خەلقىنى نامۇۋاپىق بولغان ئەيىپلەشلەرنى ئوقۇغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە رايونىمىزدىكى نۇرغۇن قەدىمى مەھەلە ۋە كوچىلار چېقىلىۋاتىدۇ. ئەجەبا بۇنداق سۈكۈت ، تىلغا ئالغان شەھەردىلا بولدىمۇ ؟ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلۇشلارنى قوغداش ھېسياتى باشقا شەھەر كىشىلىرىدە بولۇپ جەنۇپ كىشىلىرىدە يوقمۇ ؟!
ماڭا مۇشۇ تېما ۋە سىزنىڭ سۆزىڭىز بىرلىشىپ چوقۇمكى بۇ توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
ئالدىنقى قېتىم مائارىپ نازارىتىنىڭ پىكىر ئېلىش لايىھەسىنى ئوقۇۋېتىپ ئاخىرىدىكى 36-نۇقتا يەنى ( 36.جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى تەتقىقاتى.)دىگەن قۇرلارغا كەلگەندە تاساددىپىلا ئويلىنىپ قالدىم.
...................
بىر رايونغا تەۋە بولغان بۇ ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستقا نىمە ئۈچۈن 35 تۈرلۈك لايىھەدىن ئايرىم يەنە لايىھە تۈزەيدۇ ؟ بۇ نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟!
مائارىپ پىلانىدىن باشقا يېزا ئىگىلىكى،سانائەت ۋە خەلق تۇرمۇشى جەھەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئايرىم پىلان چۈشەمدىغاندۇ ؟!
ئەگەر بۇ رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەقىياتى كەينىدە قالغان دىسە ،نىمە ئۈچۈن ئازاتلىقتىن ئىلگىرىلا يېڭى مائارىپ ھەركىتى قوزغالغان يۇقۇرقى ئورۇنلار بۈگۈنكى كۈندە كەينىدە قاالىدۇ ؟!
ناۋادا ئادەتتىكى رايونلاردىن ئىلگىررەك ئېلىپ مېڭىشنى لايىق تاپتى دىسەك ، بۇنىڭدا ئالاھىدە سەۋەپ بارمۇ ؟!
سىز نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ "خوتەندىن خەت" دىگەن ئەدەبىي ئاخباراتىنى روزى سايىتنىڭ "دېھقان بولماق تەس" دىگەن شېئىرىي بايانىنى ئوقۇدىڭىزمۇ ؟ ئەختەم ئۆمەرنىڭ "قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل" دىگەن پوۋىستىنىچۇ ؟!
سىز مۇشۇنداق بۈگۈنكى رىئاللىقتىن پەريات چەككەن ، بۇ مەزمۇندا دات ئېيتقان ئەسەرلەرنى يەنە قايسى يۇرت ئادەملىرى يازغانلىقىنى كۆردىڭىز ؟!
ئۈرۈمچىلىكلەر يازدىمۇ ؟ قومۇللۇقلارچۇ ؟! ياكى غۇلجىلىقلارمۇ ؟!
ئۇلار نىمە ئۈچۈن يازمايدۇ ؟ ياكى ئۇلار ئۇ دەرىجىدە ئازاپ-ئوقۇبەت كۆرمىدىمۇ ؟
كۆرگەن بولسا بۇلاردا يۇقۇرىدىكى ئەلنىڭ يازغۇچىلاردەك ۋىجدان كەممۇ ؟!
باشقا يۇرتلاردىكى رىئاللىقىمىز تامامەن ياخشى بولۇپ كەتتىمۇ ؟!
ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ھەر قانداق دۆلەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولىدۇ. شۇڭلاشقا قومۇلدىمۇ بار . غۇلجىدىمۇ بار جەنۇپتىمۇ بار . ئەمما ۋىجدان يوق . سىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزىۋالغان ياكى قارىغۇچىسى يوق مومايغا خالتا ئۇن بىلەن بىر تۇڭ ماي بەرگەننى ۋىجدان دەپ قارامسىز.......؟!
ۋىجدان ئەشۇ يازغۇچىلاردەك ئاقنى ئاق ، قارىنى قارا دىيىشكە جۈرئەت قىلىش.
سىز ھەممە ئادەم چاۋاك چالغان شەخسنى ۋىجدانلىق دەپ قارامسىز ؟!
ياق ! ۋىجدان چاۋاك تەممەننا ئۈچۈن ئەمەس . شەخسى زىيان كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ئاۋام مەنپەئەتى ئۈچۈن توغرى سانىغان يولغا مېڭىش.
مەلۇم مۇنبەردە جەنۇپتىكى دىنىي ئېتىقاتنى قوغداش ئېڭىنىڭ سۇسلىغىنى ئەيىپلىگەن بىر تېمىنى كۆرۈپ قالدىم. توغرا بەزى تارماقلارنىڭ مىللى تېرېتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى كۆزگە ئىلماي ھەر-خىل ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن جەنۇپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەۋاتقان قىلمىشلىرى مەۋجۇت. بۇ سەۋەپ بىلەن ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان مۇھەببىتىنى مەسخىرە قىلغىلى بولامدۇ ؟!
بۇ خىل قىسمەن نامۇۋاپىق چەكلىمە ئەمەليەتتە بىزدىمۇ مەۋجۇتقۇ ؟!
ئىچكىرىدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەردە روزا تۇتۇش مەزگلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن زوھۇرلۇق ۋە ئىپتا مەزگلىدە بىر يۈرۈش قولايلىق تەدبىرلەرنى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا ئەشۇ ئالى مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىزگە قارىغاندىمۇ تەقۋادار ھېساپلىنامدۇ ؟!
......................
بولدىلا گېپىمىز قېچىپ كەتتى. مەخسەتكە كەلسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىمىزغا نېسبەتەن ئۇيغۇرلار مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراشقان رايون. قانداقتۇ قىرغىز ئوبلاستى ياكى موڭغۇل ئوبلاستى دەپ خەرىتە سىزىشتا كىچىكلەتكەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كۆپ سانلىق نوپوسىمىز بۇ يۇرتلارغا مەركەزلەشكەن.
شىمالىي شىنجاڭ(تۆۋەندە شەرقىي شىنجاڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ نوپۇس بايلىقى جەنۇپتىكى يۇرتلىرىمىزغا قارىغاندا ھېچقانچە ئەمەس.
ھەممىمىز ئاڭلاپ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز . يۇقۇرىدىكى 36- تەدبىردە ئېيتىلغاندەك ئەمەلىيەتتە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىلا ئەمەس بەلكى يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقا ساھەلىرىمۇ ئوخشاشلا باشقىدىن كۈچ چىقىرىپ قوللاشقا مۇھتاج.
بۇ قوللاش ئەلۋەتتە ئۆتمۈشتە سىياسەت بەلگىلەشتىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتىش بىلەن باشلىنىدۇ.
ئوخشاش رايونغا نېسبەتەن ئوخشىمىغان يەرلىك سىياسەت تۈزەش ئومومى رايون كىلىماتىنى تەڭشەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل سانالسىمۇ بىراق ئىككى رايون كىشىلىرىدە ئاسانلا ئۆز-ئارا چۈشەنمەسلىك ۋە تەغدىرداشلىق ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ رادىيو-تېلۋىزورلاردا "دىخان ئاكام باي بولدى" "ئۆتمۈشتىكى يېرى يوقلارغا يەر تەككەچكە يىغلىدى " دىگەندەك مەدھىيە خاراكتىرىدىكى تەشۋىقات پەللىگە يەتكەن بولسىمۇ ئەمەللىيەتتە ھەممىمىز خەۋەردار ئەمما چىش يېرىپ بىر نەرسە دىيەلمىگەن جەنۇپنىڭ يېزا سىياسىتى ھېلىمۇ ئەشۇ پېتى داۋاملاشماقتا.
قايسى ھالەتتە دىسىڭىز ، بىر تۇتاش تېرىش ۋە بىر تۇتاش پەرۋىش قىلىش ھەمدە بىر تۇتاش باشقۇرۇش.
بۇ ئېنىقلا يەر ئىسلاھاتىنىڭ خاراكتىرىگە تۈپتىن خىلاپ بولغان ھېلىقى كونا كومۇنا دەۋرىدىكى ئىش بولسىمۇ ئەمما تا ھازىرغا قەدەر جەنۇپتا نورمال تەرتىپتە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
بۇ ھالەت دېھقانلارنى شەكلى ئۆزگەرگەن ئېكىسپالاتاتسىيەگە دۇچار قىلماقتا. ئېكىسپالاتاتسىيە دىگەن قانداق نەرسە بىلەمسىز ؟!
بۇ ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنى ، مەلۇم ئىدارە قىلغۇچى ئورگان ياكى شەخس تەرىپىدىن ئەمگىكىگە تۇشلۇق ھەققە ئېرىشمەي مەجبۇرى ئىشلىتىش،شۇنداقلا شەكلى ئۆزگەرگەن قىلمىشلار بىلەن ئەمگەكچى قاتلامنى مەجبۇرى ئالداش.
جەنۇپ دېھقانلىرى خالىغان زىرائەتنى تېرىيالمايدۇ. خالىغانچە پۇتاپ-ئوتىيالمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلىشقا پېتىنسا ئىچ يانچۇقىدىكى نەچچە تال تەڭگىسىدىن ،ئېغىلدىكى مېلىدىن بولمىغاندا يېرىدىن ئايرىلىدۇ .ئۇلارمۇ بولمىسا جاپالىق مېھنەتنىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر ئىزلار سالغان شىللىسىغا، پاتاڭدا بىر قەرز يۈكلىنىدۇ.
ئۇلار سېكرىتارنىڭ بازاردىن قىممەت ئوغۇتىنى ئېلىشقا مەجبۇر. ئۇلار ئىچىدە خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ سېكرىتار دىگەننى قىلىشقا مەجبۇر.
بالىلىرى مەكتەپتە بولسىمۇ يەرلىك سىياسەتنىڭ يوليورىقى بىلەن ئوقۇشنى توختىتىپ ئېتىز كولاپ" قۇرت تۇتۇش"قا مەجبۇر...مەجبۇر.
بۇنىڭغا كىم بىر نەرسە دىيەلىدى ؟! سىزمۇ ؟ ياكى مەنمۇ ؟ ياق-ياق ھېچكىم چىش يېرىپ باقمىدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلاردىن مەنمۇ خەۋەردار،سىزمۇ خەۋەردار ، رايونىمىزلا ئەمەس ھەتتاكى پۈتۈن مەملىكەت خەۋەردار. بىزدە ئامال يوق .
چۈنكى ئۇ ئىسمى چىرايلىق يەرلىك سىياسەتنى يەرلىك قانۇن تارماقلىرى قەتئى قوغدايدۇ . يەرلىك ئەمەلدارلار بۇ سىياسەتلەر بىلەن يېنىنى توملايدۇ.سەنئەت تەشۋىقات ئورۇنلىرى بۇ سىياسەتلەرگە پەرداز قىلىپ "ياكېشى" دەپ داڭلايدۇ.
بۇنداق ئەتراپلىق قاشالانغان سىياسەتكە قانداق نوچىكەن ئۇ قارشى مۇقام توۋلىيالايدىغان ؟! قومۇللۇق توۋلىيالامدۇ ؟! غۇلجىلىقچۇ ؟! ياكى ئۈرۈمچىلىكچۇ ؟!
ھېچقايسى توۋلىيالماي ئۈن-تۈنسىز بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ .
قېنى ؟ پالانچى يۇرتنىڭ ئادەملىرى نوچى دەپ بېقىڭ . مۇشۇنداق سىياسەت بىلەن ھازىرلا مۇلايىمجان قىلىۋېتىمەن.
مانا بۇ خىل پەرقلىق يۈرگۈزۈلگەن سىياسەت نەتىجىسىدىكى چۈشەنچە خاتالىقى، بىزگە "شىماللىقلاردىن جەنۇپلۇقلار يۈرەكسىز . جەنۇپلۇقلاردىن شىماللىقلار مەدەنىيەتلىك"تەك خاتا ئۇقۇمنى ئۆزلەشتۈرۈپ قويغان.
زور سانلىق ئۇيغۇر نوپۇسى ئورۇنلاشقان جايلار بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن باشقا يۇرتلارغا سەپەر قىلىپ تىرىكچىلىك ئىمكانىيىتى ئىزدەيدىغان ئادەملەرمۇ جەنۇپتا كۆپ چىقىدۇ. بۇ بىرى جەنۇپتىكى ئۇيغۇر نوپۇس زىچلىقىنىڭ شىمالدىن كۆپلىكى يەنە بىر تەرەپتىن جاھان كېزىش ئىشتىياقىنىڭ جەنۇپ كىشىلىرىدە قويۇقراقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى ئەۋزەللىك بىلەن مۇساپىرەت كوچىسىدا كۆپرەك ساننى ئىگەللەيدىغان جەنۇپلۇقلارنى كۆرگەن شىماللىقلار جەنۇپلۇقلارنى "ھەممىلا يەردە تىمىسقىلاپ" يۈرگەندەك سېزىمغا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ "تىمىسقىلاپ" يۈرۈش رايونىمىزدىكى يۇرتلار ئارا ھازىرغىچە شەكىللەنمىگەن مەدەنىيەت ئۆتۈشمىسى پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بارماقتا ۋە خەلقىمىز ئارىسىدىكى تۇققانچىلىق تۇيغۇسىغا مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
نامراتلىق نىمىنى قىلدۇرمايدۇ. مۇھتاجلىق نىمە كويغا سالمايدۇ.
ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلەردىكى سەلبى كەمچىلىكلىرىنى سىزمۇ ئاستا ھېس قىلىۋالىسىز. كەمچىلىك ئۇ يۇرتقا تەۋە ئەمەس بەلكى ئادەمگە تەۋە.
قانداقتۇ ئەيىپ-نۇقسانسىز ئادەم بولمىغاندەك جۇغراپىيىلىك ۋە ئىستىراتىگىيىلىك سەۋەپلەر تۈپەيلى كەمچىلىكسىز يۇرت بولمايدۇ.
جەنۇپلۇقلارنى پۇلغا ئامراق دەيدۇ. پۇلغا ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئامراق . ھېچقاچاندا مەن پۇلغا ئۆچ دىگەن ھەقىقى ئادەم بولمايدۇ. قومۇللۇقلارمۇ ئامراق ھەتتا بەزىدە جەنۇپلۇقلاردىنمۇ ئامراق.ساناشقا توغرا كەلسە زور سانلىق قومۇللۇقلار قاتناشقان قومۇلدىكى ئۆلۈك سېتىش ۋەقەسىدىن تارتىپ بەدئى فىلىم ھوقوقى تالىشىشقىچە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن كومىدىيىلىك ۋەقەلەردىن ھەتتا جەنۇپلۇقلارمۇ نومۇس قىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرەلەيمەن.مۇنبەرگە يوللايدىغان كېيىنكى تېمىلاردا بۇ توغرىلىق تەپسىلى توختىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
دىمەك يۇرت ئادەملىرىدە مەۋجۇت بولغان ئىللەتلەر ھەممىلا يۇرتتا تېپىلىدۇ.
مەن كۆزۈم بىلەن كۆرگەن جەنۇپنىڭ يېزا-سەھرالىرى ، دېھقان-چارۋىچىلىرى خۇددى يۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىمدىن پەرقلەنمەيدۇ.ھەتتا بەزىلىرى ئېشىپ كېتىدۇ.
ئۇلاردىكى ئادىمەتچىلىك ، ئۇلاردىكى ئىللىقلىق ۋە ساھىپخانچىلىق بىزنىڭ خېلى مەدەنىيەتلىك شەھەرلىرىمىزدە ئۇچرىمايدۇ. ئايلاپ گۆش كۆرمىگەن قازىنىغا سىز بارغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ چوقۇم بىر ئامال قىلىپ گۆش سالىدۇ.
مەيلى تارىختىن قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى ياكى بۈگۈنكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا يەنىلا جەنۇپلۇقلار زور سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ جەنۇپ نوپوسىدىكى ئەۋزەللىك بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولسا تارىختىكى جەنۇپنىڭ مەدەنىيەت-ئىقتىساد مەركەزلىردىكى سەركەردىلىك رولى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق.
ئەگەر مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە زۆرۆر بولسا ۋەتەننىڭ ھەقىقى يۈرىكى ۋە قىياپىتى جەنۇپتا .
جوڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىن مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد جەھەتلەردە پەرقلىنىشى ئۇلارنىڭ ئەققىللىقلىقىدىن ئەمەس. بەلكى سىياسى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىدىن.
شۇنداقلا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى جەنۇپنىڭ ئەيىپلىرى ۋە شىمالنىڭ ئەۋزەللىكلىرىمۇ ئوخشاشلا سىياسەت ۋە ئىستىراتىگىيىلك ئورۇنلاشتۇرۇش پەرقىنىڭ سەۋەبىدىن.
شۇڭا ئومومى خەلقىمىز توغرىسىدا قانچىلىكلا پىكىر يۈرگۈزۈڭ بۇنىڭغا يول ئوچۇق. ئەمما جەنۇپلۇقلار ۋە شىماللىقلار دىگەن ئاتالغۇنى ساددىلىق بىلەن تەھلىل قىلىشىڭىزغا يول قويمايمىز.
خوش . سىز بىلەن بۇ توغرىلىق ئازادە سۆھبەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىمگە ۋە سىزنىڭ سۆھبەتداش بولۇپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
收藏到:Del.icio.us


