<<  جوڭگو ئىستىراتىگىيىسى | باش بەت | ئورۇس ئىمپىريىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى !  >>
  • خوجىنىياز ھاجىم توغرىسىدا قىستۇرما

    2009-03-31

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37293286.html

     

    خوجىنىياز ھاجىم توغرىسىدا قىستۇرما

     

    20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىز شىنجاڭ ، كۆپ-خىل كۈچلەرنىڭ ھوقوق تالىشىش مەيدانىغا ئايلانغان .بولۇپمۇ بۇلاردىن گەۋدىلىكرەكلىرى ،خوجىنىياز ھاجىم ،سابىت داموللا ۋە شىڭشىسەي ،ماجوڭيىڭ ،ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرى بولغان بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بولۇپ ، ھەممىسى ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

    شىڭشىسەي دىن ئىبارەت بۇ شەخىسنى پەقەت تارىخچىلارلا سەلبى نۇقتىدىن ئىزاھلاپ كەلدى ،بىراق ئىزچىل تىنجىماي كېلىۋاتقان بۇ زىمىنغا نېسبەتەن ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلىكى بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىگىنى قوغداپ قالغانلىقى ،ئەڭ مۇھىم توھپىسىدۇر .ئۇنىڭ ماجوڭيىڭدىن پەرىقلىنىدىغان مۇھىم نۇقتىسى دەل مۇشۇ ۋەتەنپەرۋەرلىگىدۇر  .ئۇنىڭ  يالغاندىن كومىنىست ياكى ئاقارتقۇچى بولىۋېلىشى ياكى گومىنداڭچى بولىۋېلىشى پەقەت  كۆپ خىل كۈچلەر گىرەلىشىپ تۇرغان،خەۋپ-خەتەر كۈچەيگەن  شىنجاڭنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتىشتىكى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىدى. چۈنكى بۇنىڭدىن باشقا تەدبىر كۆرۈشكە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئەھۋالى تايىنلىق ئىدى.

    قىسقىسى يېڭى دەۋر قىستاپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق مۇھىتتا شىڭشىسەي ھەقىقەتەن سىياسى نەيرەڭنىڭ ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.

    ماجوڭيىڭ بولسا سېپى ئۆزىدىن بىر لۈكچەك ،مەنپەئەت پەرەس  بولۇپ ،ئۇنىڭدا قەدىمقى جوڭگونىڭ جەڭ سەنئىتى بولسىمۇ ،ئەمما يىراقنى كۆرەرلىك يوق، قومۇش كەپىگە كىم تەكلىپ قىلىپ كەلسە شۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغان جۇگېلىياڭدىن پەرقلىق ھالدا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاتا دۈشمىنىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىتى بولۇشقىمۇ رازى بولىدىغان مەيدانسىز.

    ئۇنىڭدا قەھرىمانلىق بولسىمۇ ،ۋەتەن ،مىللەت ئۇقىمى يوق .ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلشىمۇ پەقەت ناپولېئوننىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغىنىدەكلا مەخسەت ئۈچۈندۇر خالاس.

    ئۇ پەقەت بىر ئەخمەقلەرچە رىئاللىقتىن ھالقىغان خام –خىيالنىڭ قۇلى خالاس .ماجۇڭيىڭچە شەخس جوڭگڭو تارىخىدا بەكمۇ ئاز ئۇچرايدۇ،بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ياشاپ چوڭ بولغان مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

    خوجىنىياز ھاجىم ۋە سابىت داموللام

    خوجىنىياز ھاجىم ،ھازىرقى تارىخچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر مۇرەككەپ شەخس .ئۇنىڭ گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيگەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باشلاپ چىقىشى،يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىغا نېسبەتەن كۆلەم جەھەتتە چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئىچىدە بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت  ش ت ى جۇمھۇرىيىتىنى تارقىتىۋېتىش ۋە  ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت داموللامنى قولغا ئېلىش ۋەقەسى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن بۇ شەخسنىڭ خاراكتىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن .

    خوجىنىياز ھاجىمنىڭ سابىت داموللىنى قولغا ئېلىش ھەركىتى ئەمەلىيەتتە ،ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ،ماجۇڭيىڭ ۋە شىڭشىسەي قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدىن قۇتۇلۇش،ۋە ئۆز قوشۇنىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈش خىيالىدا ۋاقىتلىق مەخسەتتە ئوينىغان ئويىنى بولۇپ،بۇ ئويۇننىڭ ھەقىقى مەخسىتىنى بۈگۈن بىز بايقىمىغان بىلەن، ئەشۇ دەۋردە سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن شىڭشىسەي بايقىۋالغان .

    بۇنى قانداق بىلىۋالغان ؟ 

    بىرىنچىدىن،خوجىنىياز ھاجىم ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغان چاغدىلا شىڭشىسەي بىلەن يارىشىش ئويىغا كەلگەن ،بۇنداق چاغدىكى ئىتىپاقلىق ھەقىقى ئىتىپاقلىق بولالمايدۇ .چۈنكى ئىلگىرى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ كۈچى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغاندا ھەمكارلىشىش تەكلىۋىنى قەتئى رەت قىلغان.بۇنى سوۋېت ھۆكۈمىتى ئوبدان بىلىدۇ .ۋە ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن ئىزچىل گۇمانلىنىدۇ .ھەتتاكى ش ت ى جۇمھۇرىيىتىنى تارقىتىۋېتىش ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قولغا ئېلىش تەك سوۋغىسىدىنمۇ  گۇمانلىنىدۇ .

    ئىككىنچىدىن ،مۇھىم بىر نۇقتا خوجىنىياز قىسىملىرى ئۈرۈمچىگە قايتىش يولىدا ماجوڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ  تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ،ئەشۇ قالايمىقانچىلىقتا سابىت داموللاملار قوشۇندىن چۈشۈپ قالىدۇ . ئۇلار قوشۇندىن ئايرىلىپ ،شۇ جايدىكى بىر كەنتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا تۇرۇپ قالىدۇ ،ئەسلىدە قولغا ئېلىنغان سىياسى جىنايەتچى  ئۈچۈن بۇ قالايمىقانچىلىق قېچىپ كېتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولسىمۇ ئەمما سابىت داموللام قېچىپ كەتمەيدۇ .بەلكىم خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرىنى ئىزدەپ ،ئۇلار بىلەن ئۇچىرشىدۇ.ۋە ئۈرۈمچىگە بىللە بارىدۇ.بۇ قېتىمقى ۋەقەندىن ئۆزىنىڭ قۇلاقلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپقان شىڭشىسەي ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئادەمنىڭ مەخسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ

    جەزىملەشتۈرىدۇ ..خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئوڭۇشسىز پۇرسەتتىن قۇتۇلىۋالغاندىن كېيىن يەنە نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە شىڭشىسەي ،ئۇنىڭ مەخسىتىگە يېتىشىگە يول قويمايدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ئوخشاش خاراكتىردىكى كېيىنكى يەنە بىر شەخس ئېلىخان تۆرە بولۇپ ئۇلارنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىدىيىسى ئوخشاپ كېتىدۇ.

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ئارمىيىسى ماناس دەرياسى بويىدا مەجبۇرى توختىلغاندا رەھبەرلىك تەركىۋىدىكى پەقەت ئېلىخان تۆرىلا بۇ ئىشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئۇ "ھۇجۇمنى توختىتاتساق ئىنقىلاپنىڭ ھەقىقى مەخسىتى باشقا تەرەپكە بۇرىلىپ كېتىدۇ" دەپ قاراپ،ئەمەلىي ھوقوققا ئېرىشىۋالغان باشقا رەھبەرلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي قولىدىن كېلىدىغانلىكى كېلىشىمنى بۇزىدىغان مەخپى ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. ئاقسۇغا ماڭغان قىسىملارنىڭ رەھبەرلىرىدىن سوپاخۇنغا مەخپى خەت يېزىپ ھۇجۇمنى توختاتماي ئاقسۇنى ئىگەللەش توغرىسىدا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھوقوقىنى كېيىن چىققان رەھبەرلەرگە تارتقۇزۇپ قويغان بۇ پىشقەدەم رەھبەرگە ئوخشاشلا سوپاخۇننىڭمۇ قىسىم ئىچىدە بۇنچىلىك ھوقوقى قالمىغان ئىدى.

    دىمەك خوجىنىياز ھاجىممۇ ئېلىخان تۆرىگە ئوخشاشلا شەكلەن ئومومىيلىققا مەجبۇرلانغان بولسىمۇ بىراق ئىدىيىسىدىكى  بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى ئاشكارىلاش پۇرسىتى ئىزدەپ تۇرىدۇ. 

    مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا رەئىس بولغان بۇ ئادەمنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى بىلىپ يېتىپ ئۇنى بۆلگۈنچى دەپ ھېساپلايدۇ .

     

    : ئابدۇرەھىم ئابلەتخان .

    قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.

     


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى