-
مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!( 3- بۆلەك )
2009-03-31
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37295130.html
ئاۋىستىرىيىلىك بىر تونۇشۇمنىڭ ئۈچ بالىسىدىن پەقەتلا بىرىنىڭلا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانتىم .ئۇنىڭ ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بىر ئوغلى بىر ماشىنىسازلىق كارخانىسىدا تېخنىك .ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە مائارىپتىكى ئىقتىسادى كاپالىتى بىز بىلەن زور پەرقلىنىدۇ.بەلكىم بۇ پەرق بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئالى مائارىپ كۆز قارىشى ئوتتۇرىسىدا بولسا كېرەك.
دۆلىتىمىزنىڭ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مائارىپى بىر تەرەپتىن پۇخرالارنىڭ تەربىيلىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت پۇخرالىرىنى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان سىياسى-ئىقتىسادى بىلىملەر بىلەن قوراللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەمما ئالى مائارىپ باسقۇچىغا بېرىپ بولغىچە يۇقۇرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ يادرولۇق نۇقتىسى ئورۇنلىنىپ بولىدۇ. ئالى مائارىپ باسقۇچىدا پەقەت مەلۇم كەسپتە ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىم ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ چەكلىك قىممىتى بىلەن مۇھىملىق جەھەتتە ئىلگىركى مائارىپ باسقۇچلىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. شۇنداقلا تەغدىرىمىزدىكى ھايات-ماماتلىق باسقۇچ دەرىجىسىنىمۇ ئالالمايدۇ . تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى جەمىيەتكە تۆھپە قوشۇش يېشىغا يەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە يۇقۇرىلاپ ئوقۇشنى تاللاش ياكى جەمىيەتكە چىقىشنى خالاش ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئەمما دەسلەپكى مائارىپ باسقۇچىدىكى پەقەت ئالى مەكتەپنىلا نىشان قىلغان ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى ۋە ئوقۇتۇش كەيپىياتى ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇنداق يۈرەكلىك قارار قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆلتۈرۈپ بولىدۇ
دىمەك خەلقىمىزنىڭ ئىدىيىسىگە مائارىپ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن سىڭدۈرۋېتىلگەن يۇقۇرقىدەك بىر قىسىم نامۇۋاپىق تەشۋىقاتلار ئاخىرى بېرىپ خەلىقنى مائارىپنىڭ ئەسلىدىكى چەكلىك قىممىتىدىنمۇ گۇمان قىلىدىغان ۋە ئىشەنمەيدىغان ھالەتكە ئاپىرىپ قويىدۇ.
ئالى مائارىپنىڭ پۇل ئۈچۈن بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ھەتتا يالغان تىۋىپتىنمۇ بەكرەك پو ئېتىپ،مەيدانغا چۈشىشىگە بولمايدۇ.قىسقىسى مائارىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بىلەن بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
4. مائارىپتا كەمچىل بولىۋاتقىنى – ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى.ماھىيەتتە ئىلمىلىك باشقا ئۇقۇملارغا قارىغاندا مائارىپتا ئەڭ ئوموملىشىشقا تېگىشلىك ئۇقۇم. يېقىندا مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى دەل بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى دوگمىلىقنى ئۈزۈل كېسىل تۈگىتىشنى مەخسەت قىلغان. مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلمى بولالمىسا جەمىيەت ۋە كېيىنكى تەرەقىيات باسقۇچىدىكى نەتىجىلەرنىڭ ئىلمى بولىشىدىن ئېغىز ئېچىش يالغان شوئار بولۇپ قالىدۇ.ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىنى قانداقتۇ چارشەنبە ئېچىلىدىغان سىياسى ئۈگىنىشتىلا تەكرارلاپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە ئات ئايلىخانغا يول سارىخانغا دىگەندەك كۆنۈككەن قىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش بىر تەرپتىن ئورمانغا ئوت قويۇپ،بىر تەرەپتىن "ئوتتىن مۇداپىئە كۆرەيلى" دەپ توۋلايدىغان تۈلكىلەرنىڭ ھۈنىرى.
ئىلمى مائارىپنىڭ يادروسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجاتچانلىقىنى ئۆستۈرۈشنى مەخسەت قىلىشى كېرەك. بۇ ئىجاتچانلىق ھەرگىزمۇ مەلۇم كەشپىيات ئۈستىدىلا ئېلىپ بېرىلمايدۇ. بەلكى ئۈگەنمەكچى ھەر بىر نۇقتىنى مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇنۋېرسال ماتىرياللار(دەرسلىك،قىرائەتخانە،تەبىئەت،جەمىيەت...) ئىچىدىن ئىزدەپ چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىزدىنىش ئوقۇغۇچىنىڭ ئاكتىپلىقىنىلا ئەمەس بەلكى بايقاش ئىقتىدارىنىمۇ يېتىلدۈرىدۇ. ئىلگىركىلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە گۇمانلىنىش پوزىتيىسى بىلەن تەھلىل قىلىشىغا بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ.
بۇ جەرياندا ئۇ جەمىيەت بىلەن ئۇچۇرىشىپ ئۈگىنىشكە تېگىشلىك بىلىم ياكى كۆرۈپ قويۇشقا تېگىشلىك بولغان بىلىم ۋە ياكى ئۈگەنمىسىمۇ بولىدىغان بىلىملەرنى تاللاپ چىقالايدۇ.
شۇنداق بولغاندىلا ئۇ تەربىيلىنىش باسقۇچىدا ئۆزى كەلگۈسىدە تەۋە بولىدىغان جەمىيەت توغرىسىدا رىئالنى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ شۇنىڭغا ماس تەييارلىق قىلالايدۇ.
مانا بۇ مائارىپنىڭ بىزگە قىلىپ بېرەلەيدىغان ھەقىقى خىزمىتى.
ئەمما بىزدىكى مائارىپ قۇرۇلمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنى قوزغاش توغرىلىق تەشۋىق قىلغان بىلەن ،ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش بوشلىقىنى كونتۇرۇل قىلىدۇ. تاللاش ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.گۇمانلىنىش ۋە رەت قىلىش نوپۇزى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىچارە ئوقۇغۇچى تاھارەت تۇڭى ياكى ئەخلەت چىلىكى بولسىمۇ كۆنۈشكە مەجبۇرلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ كاللىسىغا قاچىلىنىۋاتقان مەيلى ئەخلەت ياكى بىلىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر سۈكۈت قىلىدۇ.
چۈنكى مائارىپىمىز بەلگىلىگەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچى دېپلوم ئالالمايدۇ . دېپلوم ئالالمىسا بىرەر ئورۇنغا خىزمەت دەپ بارالمايدۇ. خىزمەت تاپالمىسا ئوقۇغان ئەجرى يوق بولىدۇ، ،ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلەلمەيدۇ،جەمىيەتتە كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىزدا زۆرۈر بىلىم ياكى زورۆرىيىتى يوق بىلىمنىڭ ھەممىسى پەرقلەنمەيدۇ .ھەتتا زورۆر بىلىملەردىن زورۆر بولمىغان بىلىملەرنىڭ دەرس سائىتىمىزنى ئىگەللىۋېلىش ۋاقتى كۆپرەك.
ئاسما ماياك،ئېلىمىتلار دەۋرى جەدىۋىلى،سىنوس،كوسىنوسلارنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قوللىنىش قېتىمى نىسبەتلەشتۈرگەندە يۈزدە بىر پىرسەنمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت كەسپى خادىملار ئۈچۈن بەزىدە قوللىنىدىغان مىقدار ،ئۇنى پەقەت ئىشلىتىش ۋاقتىدا ماتىريالغا قاراپ پايدىلانسا بولىدۇ. بىراق بىزنىڭ شۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ ئۈگەتكەن بالىلىرىمىزدىن بىرىمۇ ۋاقتى كەلگەندە بۇ قىممەتنى ئېسىگە ئالالماي يەنىلا قايتىدىن ماتىريالغا قاراشقا مەجبۇر بولىدۇ. مانا بۇ زۆرۆرىيىتى يوق بىلىمنىڭ بىزدىكى ئاخىرقى تەغدىرى.
بىزنىڭ باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى دەرسلىكلىرىدە ئۇچرايدىغان باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشىش مەزمۇننى ئىگەللەشكە پەقەت ئىككى سائەتمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدۇ. ئەمما دەل مۇشۇ مەزمۇن بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ. مۇئامىلە سەنئىتىدىكى بىلىمىمىز ئەمەلىيەتتە تەغدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. مۇئامىلە سەنئىتى مەڭگۈلۈك بىلىم،ئۇ ئۆز ئىچىگە ئىقتىساد،سىياسى،مەدەنىيەت...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئامىللارنى ئالىدۇ. باشلانغۇچتىن باشلاپ زۆرۆر بولغان بۇ بىلىم بىزدە زۆرۆرىيەت سانالمايدۇ.
ئەدەبىيات،سىياسەت،تارىختەك زۆرۈر پەنلەر توغرىسىدا بېرىلگەن ماتىريالنى يادلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەلۇم ۋەقە ياكى ھادىسە توغرىسدا شەخسى پىكىرنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇنۋېرسال ماتىرياللارنى ئىزدەشكە سەپەرۋەر قىلىنمايدۇ .دەرسلىكتە بېكىتىلگەنگە قارشى چۈشەنچە سۆزلەشكە يول قويۇلمايدۇ.سىتالىن ئۇلۇغ ماركىسىزىمچى دىيىلىدۇ.ئۇنى جاللات دەپ جاۋاپ بېرىشكە بولمايدۇ.
بىر خىل ۋەقەنى قىرىق ئوقۇغۇچى بىر خىل چۈشۈنىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. گۇناھسىز ئوقۇغۇچىلار خاراكتىرىنى يوقۇتۇشقا باشلايدۇ .ئەمەلىيەتتە ئىجاتچانلىقنىڭ ئانىسى بولغان خاراكتىر خاسلىقى يېڭىدىن مائارىپ قوينىغا كىرىشتىن باشلاپلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بۇنداق خورلىنىشى مائارىپتا ئاساسى سالماقنى ئىگللەيدۇ.
بۇ دەل بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ ئىپادىسى.
تىببى ئىستاتىكىلاردىن قارىغاندا ھازىر جوڭگودا 60٪ ئوقۇغۇچى يىراقنى كۆرەلمەيدۇ .بۇ ئۇلارنىڭ چېكى يوق بوشلۇقلارغا ،ھەيۋەتلىك تاغ چوققىلىرىغا،پايانسىز ئېتىز-يايلاقلارغا قاراپ كۆزىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرمايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
چۈنكى ئۇلار كۈندىزى مەكتەپتە دەرس بىلەن ئالدىراش،ئاخشىمى تاپشۇرۇق ئالۋىڭى بىلەن تەغدىرداش ،ئاران كەلگەن تەتىلدە بولسا تاپشۇرۇقتىن باشقا كۇرسقا قاتىراش .
تەبىئەت بىلەن باغلىنىدىغان دەرسلىكلەر بىرەر تەشتەك گۈلمۇ بولمىغان دەرسخانىدا ئۆتىلىدۇ. كوللىكتىپ لاگىر پائالىيىتى،مەلۇم تارىخىي ئىزلارنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتى ئۇلاردا قەتئى بولمايدۇ.بۇنداق تار مۇھىت،بېكىمە مەنزىرە ئىچىدە بالىلىرىمىز ھېلىمۇ پۈتۈنلەي قارغۇ بولۇپ قالمىغانلىقىغا شۈكرى.
ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆزىلا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالماي بەلكى كۆڭلىمۇ يىراقنى كۆرەلمەيدۇ. ئائىلىدە گەپ ئاڭلاش،سىنىپتا ئىنتىزام ساقلاش،كەلگۈسىدە باشلىقى بىلەن پىكىرداش، بولۇش بىزدىكى ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلچىمى.
راس گەپنى قىلغاندا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى مەلۇم ئورگاننىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە ئۇ ئېنىقلا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.دەرسخانىدا فىزىكىنىڭ تۆنۈگىنى ۋە بۈگۈنىنى ئوقۇپ بولغان بولسىمۇ جەمىيەتتە ۋېلىسىپىت رىمونت قىلىش بىلەنمۇ جېنىنى باقالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بالىلار دۆت ئەمەس. مەسىلەن ،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەكتەپ تەرىپىدىن ئۈگىتىلدىغان ھەممىلا دەرسلىكنى ئۆزلەشتۇرۇپ ماڭالايدۇ.بۇ ئوخشاش ياشتىكى غەرپ باشلانغۇچ مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆتۈرۈش دەرىجىسىدىن كۆپ ئۈستۈن. ئەمما تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا چىققىچە ئۇلاردا ئۆزگىرىش باشلىنىدۇ. دەسلەپ قېنىدىكى مەرىپەت ئاشىقلىقى بىلەن باشلانغان قىزغىنلىق ئاستا سۇسلاپ كېتىدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا چارچاپ كېتىدۇ. ئادەمنى ئەمەس دەرسلىكنى ئاساس قىلىدىغان كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تەكرارلاش بېسىمى ئۇلارنى ھاردۇرىدۇ.
ئىنساننىڭ ئىجاتچانلىقى پەقەت قىزىقىش ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ.
قىزىقىش بولسا كۆڭۈلنىڭ ئارزۇسى بىلەن تۇغۇلىدۇ. قىرىق بالىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئارزۇسى بىر خىل بولمايدۇ.يەنى قېلىپلاشقان دەرسلىك بىلەن تەربىيلەنگەن بالىلاردا ئۆزلىرىنىڭ شەخسى قىزىقىشىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى تامامەن يوقايدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىجاتچانلىقمۇ بولمايدۇ.
ھەر يىلى جوڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا قوللىنىۋاتقان يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كۆپ قىسمى چەتئەلدىن كىرگۈزۈلدۇ. بۇ ھالەت بىزنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولۇپ ماھىيەتتە ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىجاتچانلىق ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چەتئەلدىن كىرىۋاتقان بىر قىسىم يېڭى تېخنىكىلارنى روياپقا كەلتۈرىدىغانلار قانداقتۇ مۇكەممەل مائارىپ تەربىيىسى ئالغانلار ئەمەس.بەلكى رىموتچى ،تازىلىق ئىشچىسى،ھاممال ھەتتا بىكاچىلاردۇر.
ئىجاتچانلىق ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى ،مائارىپ پەقەت بۇ ئىقتىدارنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولغۇچى .ھەرگىزمۇ ياراتقۇچى ئەمەس. يۇقۇرقى بايانلاردىن بىزدىكى مائارىپىمىزنىڭ ئىجاتچانلىقنى تەرەقىي قىلدۇرۇش ئەمەس بەلكى يىگىلىتىش رولى ئويناۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.
بىر دۆلەتنىڭ مائارىپ نەتىجىلىرى ھەرگىزمۇ ساۋاتلىقلار نېسبىتى ياكى كۆلەملەشكەن مەكتەپ مۇھىتى..دىگەندەك ئىپادىلەر ئەمەس.
ئۇنىڭ ھەقىقى ئىپادىسى تەربىيلەنگۈچىنىڭ مەۋجۇت ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرەلەيدىغان مائارىپ ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كەلگۈسىدە چوقۇم بىزنىڭ مائارىپىمىز دەرسلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا قانداق قىلىش كېرەك دەيدىغان تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ . بۇنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ئىلمى تەرقىيات كۆز قارىشى.
مەن ئالاقە قىلغان نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى ئوموملاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت يېتىشمەي دەرس توختۇتۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى سىياسى ئۈگۈنىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشتەك ناچار قىلمىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مائارىپ ئورۇنلىرىدىمۇ كۆرۈلىشى ئىلمىلىكنىڭ سىياسىيلىقنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. قىززىق يېرى مەن مۇئامىلە قىلىشىۋاتقان مەلۇم مەكتەپ ئىككى ئاساسەننى ئومولاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتىن يېزىسىدىكى بىر قاسساپقا قەرزدار بولۇپ قالدى. ئەگەر مائارىپ ئۈچۈن قاسساپقا قەرزدار بولۇپ قېلىشقا توغرا كەلگەن بولسا بۇ ئىش بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ شۆھرىتى بولغان بولاتتى.
مائارىپقا نېسبەتەن سىياسىۋىلىقى كۈچلۈك يولداشلار ئەمەس بەلكى كەسىپچانلىقى يۇقۇرى بولغان ئادەملەر مەسئۇل بولالايدۇ. ئىلمىلىك مائارىپنىڭ جېنى. ھەتتاكى سىياسى ھاۋا قويۇق بولغان ھەربى قوشۇن ئىچىدىمۇ ئىلمى كەيپىياتنى ئوموملاشتۇرىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋردە مائارىپنىڭ سوغۇق سۇنىمۇ يۈرەكلىك ئىچەلمەسلىكتەك بىنورمال تەغدىرى كىمنى ئېچىندۇرمايدۇ ؟!
سىياسى تۈستىكى ۋەدە-نىزاملار بىلەن مائارىپقا ئېمىزگە سېلىپ قويۇش ، مائارىپ سېلىنمىسىنى تەشۋىقات خاراكتىرىدىكى مائارىپ ئەسلىھەلىرى ئۈچۈنلا سېلىش مائارىپنى ھەقىقى قوللاش ئەمەس. ئىلمى تەرەقىياتقا ماس قىلىقمۇ ئەمەس.بۇ مائارىپ سېلىنمىسى بىلەن مائارىپ سىياسەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەتۈر تاناسىپلىق.
مائارىپ مەبلىغىنىڭ زۆرۆر كۈچ بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئاكتىپلىقىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال دۇنيا بىلەن تونۇشىشى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلدىغان كەسپ-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا سېلىنىشى مائارىپنىڭ ھەقىقى ئىلمى تەرەقىيات يولىغا ماڭغانلىقىدۇر.
ئاخىرىدا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ جاپاكەش باغۋەنلىرىگە ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.ھۆرمەت بىلەن:
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت،
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
ABDUREHIM ABLATHAN
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى历史上的今天:
مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟! ( 1- بۆلەك ) 2009-03-31مائارىپنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك ( 2- بۆلەك ) 2009-03-31ئورۇس ئىمپىريىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى ! 2009-03-31خوجىنىياز ھاجىم توغرىسىدا قىستۇرما 2009-03-31جوڭگو ئىستىراتىگىيىسى 2009-03-31
收藏到:Del.icio.us


