<<  مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!( 3- بۆلەك ) | باش بەت | شىڭشىسەي ئۈستىدىن _ قانۇنىي دەۋا  >>
  • مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟! ( 1- بۆلەك )

    2009-03-31

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37294609.html

     

     ياراتقان پەرۋەردىگار بارلىق ئادەم بالىسىنى ئۆزى ياراتقان ھەممە مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپتۇ. ۋە ئادەمدىن ئىلگىرى يارىتىلغان ئەڭ ئەزىز تەبىقە بولغان پەرىشتىلەرنىمۇ ئادەم بالىسىغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇپ ئىنساننىڭ قۇدرەت-ھۆرمىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپتۇ.

    ئۇنىڭ مەخلۇقاتلار ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن،ھاياتىي-تەبىئەت ۋە دۇنيا،ئالەم-سامانىڭ خەلىپىسى(يول باشلىغۇچىسى) قىلىپ بۇ دۇنياغا ئېۋەتىپتۇ.......

    ئۇنداقتا بۇ ئالەمدىكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى نادان-دۆتلەر قەيەردىن كېلىپ قالدى؟!

    مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!

    جوڭگونىڭ ئىنسانى ھوقوق ھەركىتى پىلانىنى قوللايلى،

    ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىنى مائارىپىمىزدا ئوموملاشتۇرايلى !

     

    ئاساسى مەزمۇنى:

    1. ئىمتىھان نەتىجىسىدىكى تەڭسىزلىك

     2. مائارىپنىڭ چەكتىن ئاشقان ھوقوقى.

    3. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى نىشانسىزلىق.

    4. چوقۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇش كېرەكمۇ ؟

    5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى مائارىپنىڭ ئورنى .

    6. مائارىپتا كەمچىل بولىۋاتقىنى – ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى.


    قىستۇرما:

    يېقىندا تور ئاخباراتلىرىدا بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەن كۈنىنى ئانا مەكتىۋىنىڭ ئىچىدە قىپيالىڭاچ بولۇپ ھاراق ئىچىپ تەبرىكلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى .

    شۇنىڭدىن كېيىنلا ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەن كۈنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا چىقىپ مەكتەپنىڭ ئىسمىغا سىيىپ (تۆۋەندىكى سۈرەتتە)رەخمەت ئېيتقانلىقىمۇ خەۋەر قىلىندى.........

    چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىنىڭ مۇدىرى يېقىنقى بىر قېتىملىق نۇتىقىدا "ھازىرقى جوڭگو مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا نىجاسەت قۇيۇشنى توختىتىشى كېرەك" دىگەن مەزمۇندا نۇتۇق سۆزلەپ جوڭگو مائارىپىغا نېسبەتەن ئەڭ ئېغىر بولغان باھانى بەردى. بۇ باھا ھەققانى بولغان باھامۇ ؟!

    ئۇنداقتا جوڭگو مائارىپىنىڭ تۈنۈگۈنى مەغلۇپ بولغان مائارىپمۇ ؟!

    قانداقلا بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، جوڭگولۇقلارنىڭ مائارىپ كۆز قارىشىدا زۆرۈر ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان دەۋر قىستاپ كەلدى.

    دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا خۇددى شەرىقتىن چىققان باھار شامىلىدەك مەركەزنىڭ ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىنى يېتىپ كەلدى. بۇ شامالنىڭ ئىلگىركى ئاز بىر قىسىم مەملىكەت خاراكتىرلىك ئۈگىنىشلەرگە ئوخشاش ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالماي قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمۈت قىلمايمىز.

    مائارىپشۇناسلارنىڭ " ناچار ئوقۇغۇچى يوق بەلكى ناچار ئوقۇتقۇچى بار دەيدىغان ھېكمەتلىك ئىبارىسى بار.ئۇنداقتا يۇقۇرقى سۈرەتتكى ناشايىن قىلمىشلار بىلەن مەكتەپكە رەخمەت ئېيتقان ئوقۇغۇچىلاردىكى مەسئۇلىيەت زادى كىمدە ؟!شۇنداقلا بەزى ئوقۇغۇچىلاردىكى مائارىپقا تۇتقان ئۆكتە پوزىتسىيە نەدىن كەلگەن . بىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىر قىسىملار دەپ ئايرىپ قويالمايمىز(ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار).

    بىزدىكى مەدەنىي قاتلام سانىلىدىغان زىيالىيلار توپىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى مائارىپچىلار. مائارىپچىلارنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىشىدىكى سەۋەپ قانداقتۇ مائارىپ كەسپىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىى سەۋەبىدىن ئەمەس.بەلكى مىللى گەۋدىمىزدىكى زور سانلىق ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى ئىدارە قىلىپ تەربىيلەش ئېھتىياجى سەۋەبىدىندۇر.دىمەك ئەشۇ زور سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا، زىيالىيلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان مائارىپچىلار شەكىللەنگەن. بۇ خۇددى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شېركىتىنىڭ جوڭگونىڭ نوپۇس ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ دۇنيادىكى بەش يۈز كۈچلۈك كارخانە قاتارىغا كىرگەنلىكىدەكلا بىر ئىش.

    جوڭگو مائارىپى يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنگە قەدەر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن مىليونلىغان تايانچ كۈچلەرنى تەربىيلەپ بەردى. پۇخرالارنىڭ ئازاتلىقتىن ئىلگىركى مەدەنىيەت ساپاسى بىلەن ھازىرقى مەدەنىيەت ساپاسى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرغۇسىز زور يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈردى. ساۋاتسىزلار قوشۇنى تۈگىتىلىپ ،ساۋاتلىق بولۇش نېسبىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى چەككە چىقتى.

    ئەمما باشقا ساھەلىرىمىزدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولغانلىقىدەك مائارىپ ساھەيىمىزدىمۇ تۈگىتىشكە تېگىشلىك ناھايىتى ئاز بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا.


     

    1.  ئىمتىھان نەتىجىسىدىكى تەڭسىزلىك ۋەمائارىپنىڭ چەكتىن ئاشقان ھوقوقى.

     ھازىر ياخشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇشنىڭ ئۆلچىمى ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە ئەڭ يۇقۇرى نومۇر بىلەن ھېساپلىنىدۇ. بىز ياشاۋاتقان پۈتكۈل جەمىيەت نۆمۇر چېكى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە چىققان مەكتەپنى ئەڭ ياخشى مەكتەپ دەپ قارايدۇ.

    يۇقۇرى نومۇر ئالالىغان ئوقۇغۇچىنى ئالى مائارىپ ئورۇنلىرى تالىشىپ قوبۇل قىلىدۇ.چۈنكى بىز ئادەتلەنگەن تەپەككۈردە چوقۇم ئەشۇ بالا ھەممىدىن ئەقىللىق !

    قېنى بىز ئالدىرماي بۇ يۇقۇرى نومۇر نىشانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەغدىرىگىچە قاراپ باقايلى.

    ئەمەلىيەتتە ئاخىرىدا بۇ ئەقىللىق بالىلار پەقەت ئوقۇ-يادلاش مەيدانى بولغان مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەقىقى رىقابەت قاينىمى بولغان جەمىيەتتە قەيەرلەردىدۇ تۇنجۇقۇپ قالىدۇ.

    ئۇلار پەقەت تەكرار قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. ئەمما جەمىيەتكە چىققاندا بولسا ھەممىنى باشقىدىن باشلايدۇ.

    ئەگەر ئىمتىھان نەتىجىسى ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئىش بولسا بىزنىڭ نەزىريىۋى ئاساسقا ئىگە مائارىپىمىزدا يۇقۇرى نەتىجىلەرگە ئىگە بولغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن سۇغا داڭگال چۈشكەندەك يوقاپ كەتمەيتتى.ئەمەلىيەتتەئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەكتەپ مۇھىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،خۇددى كارامەت كۆرسىتىدىغان مەيداندىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېچ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمەيدۇ.

    قىستۇرۇپ قويىدىغان بىر مەزمۇن، بىزنىڭ ھەممە پەندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز چوقۇم ئالدى بىلەن دەرس تەييارلىقى تۈزىشى كېرەك.دەل مۇشۇ يادرولۇق ۋەزىپە ئون يىل ئىلگىرىكى بالىلار بىلەن كېيىنكى بالىلارنىڭ تەپەككۈرىدىكى پەرقلەنمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ.ۋە بەلگىلەنگەن تەكشۈرگۈچى تەرىپىدىن مەزمۇنى تەكشۈرۈلدۇ.ئورۇنلىمىغان ئوقۇتقۇچىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن جازا بېرىلىدۇ.

    دىمەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنىشىدىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ مەزكۇر دەرسلىككە بولغان شەخسى تەپەككۇرى بوغۇلۇپ بولىدۇ. بۇ خىل دەرس تەييارلىقى مائارىپتىكى ئۇنۋېرساللىق ۋە كۆپ قىرلىق ئالاھىدىلىك بىلەن تۈپتىن سىغىشالمايدۇ.

    خوش ئەلاچى بولغان بالىلار قانداق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ يۇقۇرى نومۇرغا ئېرىشىدۇ ؟!

    ئۇلار ھەر قايسى پەنلەردە بېرىلگەن مەزمۇنلارنى ئالدى بىلەن ئوبدان ئوقۇيدۇ.ئىمتىھانغا يېقىنلاشقاندا قېتىقىنىپ يادلايدۇ. بۇ يەردە چۈشىنىدۇ دىگەن سۆزنى ئىشلەتكۈم كەلمىدى.چۈنكى چۈشىنىش تەپەككۈرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .ئۇ مەڭگۈ بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ساقلىنىدۇ.بىراق ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى ئۈگەنگەنلىرىمىز ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىزدا بېرىلگەن دەرسلىكتىكى سوئاللارغا تەييارلانغان جاۋاپلاردىن باشقىچىرەك جاۋاپ بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا پەقەت ئەڭ تولۇق ۋە توغرا يادلىيالىغانلار يۇقۇرىدا ئېيتىلغان يۇقۇرى نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.

    دىمەك بۇ يۇقۇرى نومۇر قانداقتۇ مەلۇم چۈشەنچە ياكى يېڭىلىق ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئوشۇقچە قىلىقى يوق،ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىنتىزام بۇزۇشتىن قورقىدىغان، بىرەر ئىجاتچان تەپەككۈرگە ئەمەس،يۇقۇرى نومۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھارماي يادلايدىغان بالىلارغا بېرىلىدۇ.ۋە شۇنداق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

    بۇنىڭ بىلەن مائارىپ ئورۇنلىرى جەمىيىتىمىزدىكى يۇقۇرى مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن ئومومى جەمىيەت كەيپىياتىدىمۇ بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئوموملىشىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىدۇ.

    يۇقۇرى نومۇر ھېچقانچە ئىشنى بەلگىلىيەلمەيدۇ دەپمۇ ئېيتالمايمىز.ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرى باشقۇرغۇچىلىق قاتلىمىدىكى نامزاتلارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق باسقۇچ بولۇپ سانىلىدۇ.

    ئەمما ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان،ئىجاتچانلىققا ئىگە پۇخرالار توپىنىڭ شەككىللىنىشىدە تەپەككۈر تەرەقىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

    رىئالىقتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيە باشقا گەپ. بىراق بىر نەچچە مۇتەخەسىسنىڭ تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ كىتاپتىن چىقارغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش رىئاللىقتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش ئەمەس. شۇڭلاشقا سىز چىقارغان سوئاللاردىن ئالغان يۇقۇرى نومۇرمۇ رىئاللىقتىكى ئىقتىدار ئەمەس .

    ھازىرقى  جوڭگو ئىقتىسادىدا زور يۈكسىلىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان ئاساسلىق توپ ئەمەلىيەتتە يۇقۇرى مەلۇماتلىق دىپلومىغا ئىگە ئادەملەر بولماستىن بەلكى ئالى تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەردۇر.


    بىر سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ماھىيەتتە رەڭدار ئېچىلىشقا تەييارلانغان گۈللەردۇر. سىز ئۇلارنى پەقەت قىزىل رەڭدىلا ئېچىلىشقا مەجبۇرلىسىڭىز دۇنيادا قىزىل ئەتىرگۈل كۆپىيىپ كېتىپ ئۇنىڭ قىممىتى ئەخلەت بولۇپ قالىدۇ. ئۈگىنىشتە ئىقتىدارسىز بالا جىسمانى ساھەدە ئىققتىدارلىق بولىشى مۈمكىن،ئىنتىزامسىز بالىنىڭ پائالىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولىشى مۈمكىن،تولا قول كۆتەمەيدىغان بالا مەلۇم تۈرگىلا قىزىقىشى مۈمكىن.دىمەك ياخشى ئوقۇغۇچى ياكى ناچار ئوقۇغۇچى دىگەن باھانى ئۇنىڭ جەمىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى ھاياتىي كۈچى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر مائارىپتىكى يۇقۇرى نومۇرنى ئاساس قىلىش توغرا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى مەلۇماتلىق بولسا بولاتتى. مەن تونۇيدىغان باشلانغۇچ 3-يىللىقنى پۈتتۈرگەن بىر بالا رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئالى مەكتەپنىڭ تەتقىقات گۇرۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇپەسسەل بىر لۇغەتنى ئىشلەپ چىقتى.بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئالى ئۇنۋانلىق ئوقۇتقۇچىلار مەزكۇر "ساۋاتسىز"نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خىزمەت قىلدى. جىېجاڭلىق قارا قوساق موزدۇزنىڭ قولىدا نۇرغۇن دوكتۇرلار نان يەۋاتمامدۇ ؟! بۇنداق مىساللار ئەتراپىمىزدا ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا مىڭ. دىمەك مائارىپ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي-ساپاسىنى بەلگىلىيەلىگەن بىلەن بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ . ئۇ پەقەت ئومومى خەلقنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ خالاس.

    بىزنىڭ مائارىپقا ئەسكەرتمەكچى بولغىنىمىز - ئۇنىڭ بىزنى دەرىجىگە بۆلۈش ھوقوقى يوق .پەقەت بىزگە مۇلازىمەت قىلىشلا مەجبۇرىيىتى بار.بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جەمىيەتتىكى ئورنىمىزنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشكە تىرىشىمىز. ئۇ بىزگە ئىستىقبالىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى بېرەلمەيدۇ. ھەتتا بەزىدە مائارىپتىن ئالالمىغان بەزى ھەل قىلغۇچ بىلىملەرنى جەمىيەتتىن،ئائىلىدىن ياكى خىزمەت جەريانىدىن ئېلىشىمىز مۈمكىن.

     شۇڭلاشقا مائارىپىمىز بىر سىنىپتىكى قىرىق بالىنى دەرىجىگە ئايرىيدىغان ھوقوقىنى توختىتىشى ،ھەممە بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئىقتىدارى بىلەن بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگەللىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر قازى ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

     چۈنكى بىز ئادىل-باراۋەر يارىتىلغان. دۇنياغا كېرەكسىز،ئىقتىدارسىز بىرمۇ ئىنسان يارىتىلمىغان.


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى