-
ئورۇس ئىمپىريىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى !
2009-03-31
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37293350.html
ئورۇس ئىمپىريىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى !
ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن مۇبارەك 8-ئاي ئىچىدىكى خەلقارادىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولغان گىروزىيە بىلەن ئورۇسلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
بۇ ئۇرۇش ئورۇسلارنىڭلا ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز رايونىدىكى ئورۇس تەھلىكىسى بىلەن ياشاۋاتقان كۆپلىگەن مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي تەغدىرىدە مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينىدى.
ئورۇس كومىنىستلىرى قۇرغان ئىمپىريەنىڭ بىر قىسمى پارچىلانغاندىن كېيىن شەكىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق تەسىرى ۋە دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان ئورۇسلار ئەڭ ئاخىرقى مامات توچكىسى بولغان گىروزىيە ئۇرىشى بىلەن تەل-تۆكۈس تۈگەشتى.
قانداق سەۋەپلەر بۇ ئۇرۇشنى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى بېكىتتى ؟
ئەسلىدىكى ئورۇس كومىنىست ئىمپىريىسى دەۋرىدىكى دۇنياۋى شۆھرىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلغان ئورۇسلار ئاتتىن شۇنداقلا چۈشكىسى كەلمىدى.مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقارادىكى سىياسى ئىقتىسادى ھوقۇقلىرىغا چامىنىڭ يېتىشىچە چات كېرىش بىلەن شۇغۇللاندى.
غەرپنىڭ بۇ ئىمپىريەنى پارچىلاش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان ئورۇسلار ،ئۇلارغا بولغان ئاداۋىتىنى خەلقارادىكى ھەر خىل پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قارشىلىشىش يولىدا ماڭدى. ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ياردەمگە مۇھتاج نامرات دۆلەتلەرنى ئەتراپىغا يىغىۋېلىپ ،ئۇلارنى غەرپ بىلەن قارشىلىشىش يولىدىكى ھەمدەمچىسىگە ۋە لاگىرىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى.بىراق ئۆلگەن ئىت بەرىبىر ئۆلۈك ئىت .زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بىر ئىمپىريەنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭىچە پىكىر بىلەن مەۋجۇتلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇلارنىڭ مۇتلەق تەغدىرى ئىدى. ئەمما كۆنگەن خۇي ئۆلگىچە دىگەندەك كونا مۇقام بىلەن ئۆز يولىدا مېڭىۋەردى.ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئەسلىدىكى ئورۇسنىڭ دۇنياۋى تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ئەمەس بەلكى قالغان يولىنىمۇ تارايتىشقا باشلىدى.ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرىدە تاپقان ئىتىپاقداشلىرى ماھىيەتتە ئۇنىڭ بىلەن ماددى مەنپەئەت مەخسىتىدىكى ئىتىپاقداش بولغاچقا بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق ۋاقىتتا بۇ ئوتنىڭ ئىچىگە بىرلىكتە قول تىقىشنى خالىمىدى.ھەتتاكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى،شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئۆز-ئارا تۈزۈشكەن بارلىق شەرتنامىلەرنى ئۇنتۇپ قالدى.بۇ خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا سىتالىن ياپونىيە بىلەن قىلغان كېلىشىمنى بۇزۇپ مەنپەئەت ئۈچۈن ياپونىيەگە ئۇرۇش ئاچقاندەكلا بىر ئىش بولدى.
1994-يىلىدىكى چېچىنىيە
مۇھىمى ئۆزىنى دۇنياۋى چوڭ دۆلەت ساناۋاتقان ئورۇسلار بۇ ئۇرۇشنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە گىروزىيەدىن ئىبارەت كىچىك بىر دۆلەت بىلەن ب د ت تا تەڭ ئورۇنغا قويۇلدى. بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنكى خەلقارا مۇناسىۋەتلەردە چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى پەش قىلىشىغا ئەجەللىك زەربە بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 43-يىلى ئامىرىكا،ئەنگىلىيە بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئورۇسلار بۈگۈن خەلقارا تەرىپىدىن گىروزىيە بىلەن باراۋەر ئورۇندا مۇئامىلە قىلىندى. تېھراندىكى ئۈچ كاتتىۋاش دەۋرىدىكى چۈش ئەمدى يوقالدى.
نەزىريە جەھەتتىن ئورۇسلارنىڭ قارشى ئۇرۇش قىلىشى توغرا بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورۇس ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلىشى ۋە گىروزىيەگە ياردەم بېرىپ قوللىشى ھەتتاكى ئەنئەنىۋى ھويلىسىدىمۇ قوغلاپ چىقىرلىشى بۇ رايوندا ئورۇس ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۆزلىرىدىكى يادرو بومبىسىنى دۇنيادىكى ئورنىنىڭ بەلگىسى دەپ سانىغان ئورۇسلار غەرپنىڭ ئاددىغىنە بىر گىروزىيە بىلەن سالغان قىلتاق ئۇرۇشىدا تاكتىكىنىڭ ھەقىقى كۈچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندۇ ئېھتىمال. يادرو بومبىسىنىڭ ئىشلىتىش مۈمكىنچىلىكى مىڭدە بىرگىمۇ يەتمەيدىغان قورال بولۇپ،ئۇنى ئىشلىتىش بىر دۆلەت ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلەۋاتىدۇ.ئورۇسلارنى نەچچىمۇ يىللاردىن ئاستا-ئاستا قورشاپ كېلىۋاتقان شەكىلدە بومبىغا قارشى سېستىمىنىڭ قۇدرىتى ماھىيەتتە دۇنيانىڭ ھەقىقى خوجىسىنىڭ كىملىكى بۈگۈن ئىسپاتلاندى.قانداقلا بولمىسۇن ئېتىلماقچى بولغان بومبىنىڭ تېگىش نىسبىتىنىڭ دەرىجىسى بۇرۇنقىدىن كىچىكلەپ كەتتى.ناۋادا ئورۇسلار يادرو بومبا ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلسا قارشى تەرەپنىڭ ھالقىلىق نىشانلىرىغا ھۇجۇمنى باشلاپ بولغىچە ئۆزلىرىنىڭ يەر شارىدىن يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىقتى. ۋە ھاياتلىقنى تاللىدى .
ئۇلار تاللىغان بۇ ھاياتلىق – ئورۇس ئىمپىريىسىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق پارلاق سەھىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىلەن نەتىجىلەندى.
گىروزىيەگە ئامالسىزبېسىپ كىرىش،ئۇرۇشتا يېڭىلىپ جەنۇبىي ئۇستىست ۋە ئابغازىيەنىڭ مۇستەققىلىقىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ئىتىپاقداشلىرىنى چۆچۈتىۋەتتى.
دىمەك غەرپنىڭ ئويۇنلىرىغا ئاسانلىقچە قول تىقماي بىتەرەپ بولىۋېلىشقا كۆنگەن ئىتىپاقداشلىرى ئورۇسنىڭ ئاچچىق بىلەنلا قىلىپ قويغان ئىشىغا قاراپلا قالدى.ئورۇس ۋاقتى كەلگەندەبۇ تەشكىلاتلارنىمۇ بالاغا تىقىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
بۇ خىل پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سېلىشتەك شەخسىيەتچىلىك ئۇنىڭ رايون تەۋەسىدىكى ئەنئەنىۋى ئىتىپاقداشلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشقا ئاپىرىدۇ.ۋە بۇ تەشكىلاتلارنى قۇرۇق جاھازىدسىدىن چۈشۈشكە مەجبۇرلايدۇ. بۈگۈن ئورۇسنىڭ بۇ ئۇرۇشتا كەتكۈزۈپ قويىشى بىلەن بۇ رايوندا يېقىنقى ئەللىك يىل جەريانىدا كۆرۈلمىگەن رايون مەسىلىسى ۋە مۇقۇمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ مۇقۇمسىزلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى جوڭگو ۋە ئورۇستىن باشقا دۆلەتلەرگە زور پايدا ئېلىپ كەلدى.ئۇلار بۇ دادىسى تاپمىغان ئۇششۇق" ئاكا"سىدىن قۇتۇلدى.ئۇلار ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش بىلەن ئورۇسقا قارىغاندا ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىن غەرپنىڭ تەشكىلاتلىرىغا ئەمدى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.ئۇلارنىڭ كېيىنكى خەلقارالىق مۇناسىۋىتى چوقۇم ئورۇسنى ئاتلاپ ئۆتۈپ باشقا تەرەپكە ماڭىدۇ.دىمەك بۇ رايوندا بۇ قېتىم قىسقا بولسىمۇ ئەمما ھەل قىلغۇچ دۇنيا ئۇرىشى بولۇپ ئۆتتى.
روزۋېلىت بىلەن چېرچىل "ئاتلانتىك ئوكيان نىزامنامىسى"دا ماقۇللىغان فاشىزىمنىڭ خەرىتە ئۆزگەرتىشىنى ئېتىراپ قىلماسلىق خىتاپنامىسى گېتلېر ئەرۋاھقا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق موسكىۋانىڭ كوچىلىرىدا يەنىلا لەيلەپ يۈرمەكتە.
بۇ ئۇرۇش شەكىل جەھەتتە ئورۇس ۋە گىروزىيە بىلەن بولغاندەك قىلسىمۇ ،ماھىيەتتە ئىككى قۇتۇپ ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ ئورۇس قۇتۇبىدىكىلەرنىڭ ئۆز رايونىدىكى قىممىتى ئېنىق بېكىتىۋېتىلدى.يەنى ئاددى دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئۆكتە پىكىرى ئاساسەن نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ خەلقارا سەھنىدىكى نوپوزى قانچىلىك ۋاقىتتا يوقالغان بولسا ،شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاسانلىقچە قايتىپ كەلمەيدۇ.
1994-يىلىدىكى چېچىنىيە
مانا بۇ تارىختىن بۇيان دۇنياغا بېرىشنى بىلمەي پەقەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان قاراقچىلارنىڭ ئاخىرقى تەغدىرى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەقەت يېڭى دۇنيا تەرتىۋىدە شەكىللىنىۋاتقان يېڭى ئىمپىريەگە بېقىنىشتىن باشقا يول قالمىدى.
غەرپ بولسا يادرو بومبىسىنى قۇدرەتنىڭ تىمسالى دەپ ھېساپلايدىغان بارلىق ئەل دۆلەتلىرىگە نەچچىمۇ يىللاردىن بىلدۈرەلمەيۋاتقان ھەقىقەتنى تولىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بىلدۈرىۋالدى.
بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ كۈچ سىنىشىش دۇنيانىڭ باشقا قۇتۇپلىرىدىكى غەرپكە قارشى دۆلەتلەرگە زور بېسىم پەيدا قىلدى .ئورۇس مەغلۇبىيىتى ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرىنىڭ تاۋۇزىنى قولتۇغىدىن چۈشۈرۋەتتى. غەرپ بىلەن قارشىلىشىشنىڭ مۇھىم ئاۋانگارتىنىڭ بۈگۈنكى تەغدىرى ،ئۇلارنىڭمۇ ئاخىرقى تەغدىرىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ قالدى.ئىلگىرى كاۋكاز رايونىغا غەرپ تەسىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلەش كۈچى يوقىلىپ ھەتتاكى ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر ش ئا ئە ت ،ب دت تىنىچلىق ساقلاش قىسىملىرى،ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك كىرىشكە يول ئېچىلدى.
غەرپ بۇ رايوندىكى سىياسى تەسىرىنى بىر يىلغا قالماي تولۇق ئورۇنلاپ بولىدۇ.ئۇلار بۇ رايوندىكى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى مونوپۇل قىلىپ،بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولغان ئورۇسنى قوش تەرەپلىك مەغلۇپ قىلدى.جوڭگونى بولسا ناھايىتى ئاسانلا قىسماققا ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى. ئورۇسلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئاسىيلىق قىلىپ جەنۇبىي ئۇستىست ۋە ئابغازىيەنىڭ مۇستەققىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ( تۆنۈگۈنكى بىر خەۋەردە پوتىن بۇ رايوندىكى ئىككى دېھقاندچىلىق مەيدانىنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىدىن شەپە بېرىپتۇ) بۇ تەشكىلاتقا ئەزا جوڭگوغا ئىلگىرى غەرپمۇ تېپىپ بېرەلمىگەن باش ئاغرىقىنى تېپىپ بەردى.ئورۇسلارنىڭ بۇ قىلمىشى (ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق پۈتۈن مەھەلىنى كۆيدۈرۋېتىشتەك ئەخمىقلىقى) غەرپنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلىقىنى قانۇنلاشتۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىملىق دەرىجىسى ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ناھايىتى ئاز بەدەل بىلەن غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن سودا بولۇپ قالدى.
ئۇرۇشنىڭ ئورۇسنىڭ ئەنئەنىۋى ھويلىسىدا يۈز بەرگەنلىگىنىڭ ئۆزى ئورۇسلارنىڭ دۇنيانىڭ يېرىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا سىمۋول بولۇپ قالدى. بېرلىندىن بېيجىڭغىچە ھەتتاكى ئادرىياتىك دېڭىزى،چوڭ ئوكياندىن ھالقىپ لاتىن ئامرىكىسى ،ئافرىقا قىرغاقلىرىغىچە سۇنۇلغان ئورۇسلارنىڭ مەۋھۇم قولى كېسىۋېتىلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تەغدىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىۋالغان ئورۇسلار بۈگۈن ئۆزىنىڭ تەغدىرىنىمۇ غەرپكە تارتقۇزۇپ قويدى.گېرمانىيە ،يۇگۇسلاۋىيە،موڭغۇلىيە...لەردەك كىلون دۆلەتلەرنى پەيدا قىلىپ دۇنيا تەرتىۋىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلالىغان ئورۇسلار بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ غەرپنىڭ رۇخسىتىسىز خەلقارا سەھنىگە يېڭى بىر دۆلەتنى تىقالمىدى.
ئورۇسلاردىن ئىبارەت بۇ ۋاپاسىز خوشنا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۆزىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.چۈنكى بۇ تەشكىلاتتىكى يادرولۇق دۆلەت جوڭگو ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا خەلقارادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن قىلغان دىپلۇماتىيە ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە ئورۇس بىر چەتتە قاراپ ئۆزىنىڭ تارىخىي ئىتىپاقدىشى توغرىلىق ئازراقمۇ ئىجابى دېپلوماتىيە ئېلىپ بارمىغان. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ بۇ ئىشقا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش پوزىتسىيىسى تۇتقان ئىدى.ئەسلىدىنلا ماھىيەتلىك مەنپەئەت دەرىجىسىگە ئىگە بولمىغان بۇ تەشكىلاتتىن ئورۇسلار ئەلۋەتتا چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ كەتمەيدۇ.
نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئورۇسلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ جوڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھەربىي ئىتىپاق قۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خاتىمىسىدە چىقىرىلغان ئەجەللىك ئىپادە.شۇنداقلا كەلگۈسىدە غەرپنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلىقىغا يېقىلغان يېشىل چىراق.
دىمەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ نوپۇزى ، بۇ ئۇرۇش سەۋەبى بىلەن بەربات بولدى.
مانا مۇشۇ نەتىجىنىڭ ئۆزىلائاز كەم بىر ئەسىرلىك تىرىشچانلىقنى يوق قىلدى.
ئورۇس ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلانغان ئىستىراتىگىيىلىك پىلاندىكى قاپقانغا ئامالسىز دەسسىدى. بۇ ئامالسىزلىق بۇ رايوندىكى نۇرغۇنلىغان ئامالسىزلىقلارغا مۇقەددىمە بولۇپ قالدى.
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
abdurehim ablathat
历史上的今天:
مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟! ( 1- بۆلەك ) 2009-03-31مائارىپنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك ( 2- بۆلەك ) 2009-03-31مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!( 3- بۆلەك ) 2009-03-31خوجىنىياز ھاجىم توغرىسىدا قىستۇرما 2009-03-31جوڭگو ئىستىراتىگىيىسى 2009-03-31
收藏到:Del.icio.us



ئورۇس ئىمپىريىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى !
Blog:ئىشتىياق2009-06-18 14:58:34