-
پۇقرالارئاڭسىزمۇ ؟
2009-03-31
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37292796.html
پۇقرالار مەدىنيەتسىزمۇ ؟
(قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى)
يولداش جاۋجۇچا (يەنە باشقا جاۋجۇچاۋلارغىما) ياخشىمۇسىز ؟سىزنىڭ قانۇن ۋە ئەخلاق توغرىسىدىكى مۇلاھىزىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ئېچىندىم .چۈنكى ئاتالمىش قەدىمقى زاماندىكى جەمىيەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىلا تەكىتلەپ، قانۇنغا سەل قارايدىغان فېئوداللىق جەمىيەت كۆز قارىشى بۈگۈنكىدەك قانۇنچىلىق ئاساس سانىلىدىغان دۇنيادىمۇ مەۋجۇتكەن . قىسقىسى بۇ كېسەللىكنىڭ جوڭگو زىيالىيلىرىدا تېخىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن نەپرەتلەندىم.
توغرا سىز ئېيتقاندەك قانۇن ئەخلاقنىڭ ئىپادىسى.ئەمما ئەخلاق بىلەن قانۇن بۇ ئارقىلىق باراۋەر بولۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋاپكارلىق دەرىجىسى ئاسمان–زىمىن پەرق قىلىدۇ. شۇنداقلا ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز بەدەۋىلىكنىڭ نىمىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغانمىتىڭىز ؟ !
مەدەنىيلىك قانداق دۇنياغا كېلىدۇ ؟!
مانا بۇلار دەل ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدكى پىكىر ئىختىلاپى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ياكى سىرتىدىكىلەر بولسۇن ئازراقلا قەلەم ئوينىتالىسا جوڭگو خەلقىنىڭ مەدەنىيلىكى توغرىلىق نۇرغۇن ۋايساشلار بىلەن تولغان تەنقىتنامىلەرنى ئېلان قىلدى.ھەتتا بەزىلىرى بۇ خىل ئۇسلۇب بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازاندى.
مەلۇم بىر ئاپاراتقا ياكى ئېنىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلماي بەلكى مىللەتكە ياكى جوڭگولۇقلاردىن ئىبارەت بۇ ئجتىمائى توپقا قارىتىلغان تەنقىتنامىلەر ئاۋام ئارىسىدا يازغۇچىنىڭ ئاجايىپ بايقاش تالانتى بارلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەرنى قانات يايدۇردى .ئەمما يازغۇچى كۈتكەن مەدەنىيلىك بىلەن جۇلالانغان غايىۋى ئەخلاقلىق كىشىلەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى.
سەۋەپ نىمىدە؟!
سەۋەپ ئاددى ،سىز دۇنيادىكى مەدەنىيەتسىز خەلىقلەر قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقىغا دىققەت قىلغانمۇ ؟!
مەدەنىيەتلىك قاتلامنىڭ قايسى رايونلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنىچۇ ؟!
يۇقۇرقى مەزمۇنلاردا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە بولغان ئېنىقلىمىسى ۋە ئىجراسى بىلەن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى ئوتتۇرىسدا ئوڭ تاناسىپ بارمۇ ياكى تەتۈر تاناسىپ بارمۇ ؟!
مانا بۇ ھالقىلىق سوئال ۋە ئۇنىڭ جاۋابى سىزنىڭ كاللىڭىزنى ئايلاندۇرىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرەلەيدۇ.
« قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ئەخلاق قوغدايدۇ » دەپسىز.....سىز قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداشتەك ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ يەلكىسىدىن ئېلىۋېتىپ ،ئىدارە قىلىنغۇچى قارا خەلىقنىڭ ئەخلاقىغا ئارتىپ قويۇپ قانداق مەخسەتكە يەتمەكچىتتىڭىز ؟! بۇ گەپ بىلەن كىمنى گولاپ قانداق مەخسەتكە يەتمەكچىتتىڭىز !؟گەپنىڭ سېسىقىنى قىلغاندا ، ئارمىيە، قوراللىق ساقچى ،ساقچى ۋە ئۇنۋېرسال پىدائىلار قانۇننىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالماي ئەمدى تۇتسا سېپى يوق ،پەقەت توۋلاشقا ئېتى بار ئەخلاق قانۇننىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ قالدىما ؟!
سىز مەسىلىلەرگە ماھىيىتىدىن مۇئامىلە قىلىڭ . بۇ ماقالىڭىز بىلەن نۇرغۇن پارىخور،قانۇن بىلەن ئوينىشىدىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا كوڭزىدەكلا ئالىجاناپلىق بىلەن يول بېرىپسىز.قارىغاندا سىزنىڭ بىرەر قانۇن ساھەسىدە ئىشلەيدىغان تۇققىنىڭىز بار ئوخشىمامدۇ.؟ ھېلىمۇ بۇ كۆز قاراشنى سىزدەك بىر يالغۇز زىيالى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ناۋادا مەلۇم قانۇن ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا بىز بۇنى قانۇننى قوغداش جەھەتتە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالماي ئاخىرى بار بالاسىنى ئاۋامنىڭ ئەخلاقىغا ئارتىپ قويۇپتۇ دەپ چۈشەنگەن بولاتتۇق.بىراق بۇ بىر زىيالىنىڭلا شەخسى كۆز قارىشى ئىكەنلىگىنى بىلىمىز.
يەنە بىر كۈلكىلىك نۇقتىنەزىرىڭىز..ياۋروپالىقلارنىڭ مەدەنىيلىك كۆز قارىشى دىنىي ئەخلاق بىلەن قولغا كەلگەن دەپسىز..ئەجەبا ئوتتۇرا ئەسىر خىرىستىئان دۇنياسى دىنىي تۈزۈم بەكمۇ مۇكەممەل دۇنيا ئىدى..سىزنىڭچە شۇ دەۋر مەدەنىيلىك دەۋىرگە ئەڭ يېقىنما ؟
بۇ ئېنىقلىمىنى سىزدەك بىر تارىخىي دىنىي ئېتىقاد سەرگۈزەشتىسى يوق بىر پۇخرانىڭ يېنىكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىنى خالاس.دىنىي ئېتىقادمۇ ھازىرقى زامان قانۇنچىلىقىنىڭ ئەسلى يىلتىزى .
دىن پەقەت ئاۋام ئارىسىدىكى ئەخلاقىي مەسىلىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.ماھىيەتتە ئۇمۇ بىر خىل دۆلەت تۈزۈلمىسى بولۇپ دىكتاتورا ۋاستىسى ئارقىلىق ئەخلاق كاتىگورىيىسى دائىرىسىدىن چىقىپ جىنايى قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرنى جازالايدۇ.
سىزنىڭ دىنىي كۆز قارىشىڭىز بويىچە بولغاندا دىنىي ئاڭغا ئىگە بولۇشلا مەدەنىي جەمىيەتنىڭ ئاساسى بولىدۇ دەپ ھېساپلايدىكەنسىز.
ئەمما دىنىي قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ ساپاسى بولمىسا ،جەمىيەت مەدەنىيلىكتىن يەنىلا يىراقلاپ كېتىدۇ.
سىزنىڭ« غەرپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىغا بولغان سەمىمىيىتى دىنىي بۇرچتىن كەلگەن » دەپلا قۇتۇلىشىڭىز مەملىكىتىمىزدىكى ئىشچىلار بىلەن كارخانە ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماجرالارنى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلمىغانلىقىدىن دىگىنىڭىزمۇ قانداق!؟ بۇ گەپ مېنىڭدەك بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەم ئۈچۈن ياخشىدەك بىلىنگەن بىلەن ئەمما ماھىيىتىدىن ئويلىساق تولىمۇ بىپەرۋا يەكۈن.
بۇ مەسىلە سىزنىڭ غەرپ كارخانىلىرىدىكى ئىشچىلار بىلەن جوڭگو كارخانىلرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى چۈشەنمىگەنلىكىڭىزدىن كېلىپ چىققان.سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بار.ئىپتىدائى جەمىيەت باسقۇچىدا تەڭ تەخسىمات تۈزۈمى يولغا قويۇلغان شۇ دەۋىردە مەيلى ئاقساق-چولاق بولسۇن ياكى كۈچتىڭگۈر بولسۇن بۇ ئىجتىمائى توپنىڭ ئىچىدە ھوقوقتا باراۋەر بولغان.
سىزنىڭچە جوڭگودىكى كارخانىغا سادىق بولمايۋاتقان ئىشچىلار دىنىي ئېتىقادى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىنمىدۇ ياكى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىنمىدۇ ؟
غەرپتىكى ئىشچىلارنىڭ مەدەنىيلىكىگە ھەۋەس قىلغۇچە نىمە ئۈچۈن شۇلار ئۇچراۋاتقان قانۇننىڭ ئادالىتىگە ئىجرا بولۇش دەرىجىسىگە ھەۋەس قىلمايسىز ؟!
غەرپ ئىشچىلىرى ۋە كارخانە ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىز ئېيتقان قوش تەرەپلىك مۇھەببەت دەل ئۇلارنى كارخانە باشقۇرۇشتا مۇككەممەل ئىجرا بولىدىغان قانۇن بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدكى مەجبۇرىيەتنى قانۇن روياپقا چىقارغان.
"قانۇن-تۈزۈم تەشەببۇسى سەرخىل مەدەنىيەت بىلەن بارلىققا كېلىدۇ دەپسىز"...
بىزدىكى قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئوموملاشقان .ئەمما پۇخرالارنىڭ قانۇن-تۈزۈم تونىشى يات ئەللەرنىڭكىگە قارىغاندا تولىمۇ يۈزەكى.
قانۇن تەشۋىقاتىنى ئومولاشتۇرىشىمىزدىكى بۇ مەغلۇبىيەت زادى
نەدە ؟
بۇ سەۋەپ بىزنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىمىزگىلا باغلىقمۇ ؟!
بىزدە سەرخل مەدەنىيەت يوقمۇ ؟!
ئۇنداقتا جوڭگولۇقلارنىڭ بەش مىڭ يىللىق سەرخىل مەدەنىيەت تارىخى نەگە كەتتى؟!
قانۇن – تۈزۈمنىڭ تەشۋىقاتچانلىقىلا ئاۋامنىڭ قانۇنىي ئېڭىنى ئۆلچەش دەرىجىسى بولالمايدۇ.
بىزدە بىر ھېكمەت بار .«سەن بالاڭغا نىمىنى قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بەرمەكچى بولساڭ ،سەنمۇ شۇنى قىلىشتىن ساقلان».
مانا جوڭگولۇقلاردىكى قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى بەزى قانۇن ئاپاراتلىرىنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇننى ئىجرا قىلىشىدىكى ساداقەتسىزلىكى ۋە بىيرۇكاتلىقى.
ئىلگىرى مەلۇم ناھىيىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەلۇم رەھبەر تەرىپىدىن ناھەق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلىنىڭ داۋاسىنى ئاقتۇرالماي تاكى مەركىزى سىياسى-قانۇن كومىتىتىنىڭ دەرۋازىسىغىچە بارغانلىقى ،ھەتتاكى ئۇلار تەرىپىدىن نورمال خىزمەتكە دەخلى قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن سولاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. كۆرمىگەن بولسىڭىز ئېۋەتىپ بېرەيمۇ ؟
سىزنىڭچە ئەشۇ قانۇننىڭ ئادالىتىنى ئىزدەپ تاكى مەركەزگىچە بارغان پۇقرا بىلەن ئۇلار دەۋالاشقان قانۇن ئىگىلىرىدىن قايسىسى بەكرەك مەدەنىي قاتلامغا ياتىدۇ؟!
بىزنىڭ يېزىدا دۇگا ئىسىملىك بىر ئاكىمىز بار.
ئۇ يېزا تەۋەسىدىكى نۇرغۇن يەر ئىگىلىرىنىڭ تەر تۆكۈپ ئاچقان يەرلىرىنى سىرتتىن كەلگەن ئاققۇنلارغا سېتىۋەتكەن يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ تاكى مەركەزگىچە باردى.
بىراق يەرلىكنىڭ ئەرزىنى شۇ يەرلىك سورايدىغان بەلگىلىمە بويىچە يەنە جايىغا قايتىپ كەلدى.كۈلكىلىك يېرى ئولىمپىك مەزگىلىدە يېزا رەھبەرلىرى بۇ ئاكىمىزنىڭ يەنە بېيجىڭغا بېرىپ چەتئەللىكلەرنىڭ ئالدىدا مەدىنىيەتسىزلىك قىلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن نازارەتنى كۈچەيتتى. سىز كۈتكەن مەدەنىيلىك مۇشۇنداقمىدى !؟
خوش سىزنىڭچە دۇگا ئاكىمىز مەدەنىيمۇ ياكى بىزنىڭ يېزا رەھبەرلىرى مەدەنىيمۇ ؟!
بىزنىڭ ئىلگىركى شەھەر باشلىقى بىر قېتىم خوشنىسىنىڭ تونىشىنى تەپكەنلىكى سەۋەبى بىلەن تەپكۈچىنى قاتتىق بىر تەرپ قىلىش توغرىلىق ئۆزى شەخسى تېلفۇن بېرىپ بۇيرىغان ئىدى. ئەمما يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك ۋىلايىتىمىزدىكى يەر سودىسى بىلەن بېيىۋاتقان رەھبەرلەرنى دۆلەت ۋە شەخىسنىڭ بايلىقىنى نىمە قىلدىڭلار؟دەپ سوراپمۇ قويمىغان.
خوش بۇ قانۇننىڭ ئىجراچىسى بولغان شەھەر باشلىقى مەدەنىيگە كىرەمدىكەن؟! قىززىق يېرى بۇ شەھەر باشلىقى ھازىر ئاپتونوم رايونغا ئۆستى.
بۇ گەپلەرنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەزى شەخىسلەرنىڭ نامۇ-شەرىپىنى ئاشكارە ئېيتىشنى ئويلىغان بولساممۇ.بىراق نام-ھوقوق قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن ئاشكارلىمىدىم.ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز« ھايت »دەڭ .مەن ھەرۋاقىت تەييار . سىزنى يېتىلەپ كۆرسۈتۈپ قوياي.
بىر ئېنگىلىز تونۇشۇم بولىدىغان ،ئۇ ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن تارىخىي سۆھبەتلەرنى قىلىپ تۇراتتۇق.ئۇ كۆپۈنچە بىزنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنىمىز ۋە جاھان مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىمىز توغرۇلۇق تولىمۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ ،ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا بەكمۇ ساپاسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى ،شۇنداقلا ئادىمىلىك ئەخلاقنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بەكمۇ ئېتىبارسىزلىشىپ كەتكەنلىكى توغرىلىق ۋايىم يەپ ،بۇنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ۋەيران قىلىش گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ مېنى تولىمۇ قورقۇتىۋەتكەنتى.
كېيىن ئۇنىڭ سۆھبەتلىرىدە بۇ ئاتالمىش ئەخلاقسىز ئۇيغۇرنىڭ مىسالى بەك ئاۋۇپ كەتكەچكە مەنمۇ .ئويلىنىپ قالدىم.
توختا !؟
بۇ قانداق گەپ ئەجەپ جىم تۇرۇپ بەرسەم تۇرمۇشنىڭ يۈكىنى كۆتۈرەلمەي بېلى ئېگىلىپ كەتكەن خەلقىمگە يەنە بىر پاتمان گۇناھ ئارتقىلىقى تۇرىدىغۇ !
-خەپ! كۆك كۆز –دىدىم ئىچىمدە .
كېيىن ئۇنىڭدىن قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى ،مەدەنىيلىك بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ ئۆتۈشمىسى توغرىسىدا سوئاللار سوراپ باقتىم.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى خىرىستىئانلار بىلەن شۇ دەۋردىكى جوڭگولۇقلارنى سېلىشتۇردۇم.ھازىرقى ياۋروپالىقلار بىلەن لاتىن ئامرىكىسى خەلقىنىڭ مەدەنىيلىك پەرقىنى سورىدىم.بۇ مەدەنىي ياۋروپالىق ئاخىرى دىمەكچى بولغىنىمنى ھېس قىلدى.كېيىن ئۇنىڭغا « ئىككىنچىلەپ ئۇيغۇر توغرىلىق چوڭ گەپ قىلماسلىق»نى تەكىتلەپ قويدۇم.ھازىر بىز كۆرۈشكەندە ئۇ بۇ توغرىسىدا توختالمايدىغان بولدى.
شۇنى بىلىۋېلىڭكى ئاۋامدا ئەخلاق كەمچىللىكى جوڭگولۇقلاردىكى كىرزىس ئەمەس . قانۇنچىلىق قۇرلۇشىنىڭ مۇھىملىقىدىن ئەخلاق قۇرۇلىشىمۇ مۇھىم ئەمەس.
ئەڭ مۇھىمى قانۇننىڭ باراۋەر ئىجرا بولىشى ھەممىدىن مۇھىم.
بىز نۆۋەتتىكى قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىمىزدا ئىجرا ئۆلچىمى توغرىلىق توختالماي.چىدىماسلىق قىلغاندەك ئاۋامنىڭ مەدەنىيلىكىگە يۈكلەپ قويساق بۇ تۆلىمۇ ئەقىلسىزلىق.
جەمىيەتتىن ئادالەتكە ئۇچرىمىغان ئادەم تەبىئىلا قارشىلىق تۇيغۇسىدا بولىدۇ.ھېچ بولمىغاندا كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرۈپ قويغىسى كېلىدۇ.
بىرەر قېتىم سۇ تالىشىش،ئىش ھەققىنى ئالالماسلىق،ئۆمۈر بويى ئىشلەپمۇ ناۋادا ئاغرىپ قالسا خاتىرجەم داۋالىنالماسلىق....لارغا ئۇچراپ باقمىغان دۆلەتنىڭ سىزدەك ئاسراندى ئەركە نوپۇزلۇقلىرى يەنىلا ئاۋامدىكى قانۇن كۆز قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكى ،مەدەنىي ئەمەسلىگى توغرىسىدا ۋايسىمىسۇن.
قىسقىسى بىز پۇخرانى مەدەنىي بول دەپ مەجبۇرلىماڭ . ئالدى بىلەن مەدەنىيلىك سىزدىن كەلسۈن . ئۇنداق بولمىغاندا بىز يەنىلا كۆرۈنگەن يەرگە چار ئارىلاش تۈكىرىۋېرىمىز.
سىزلەردىكى ئىسىل پىكاپ، يۇقۇرى مائاش، زامانىۋىلاشقان تۇرالغۇ، چەتئەل تىللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ چىرايلىق سۆزلەپ قويۇش، ساقىلىنى پاكىزە ئېلىپ، ئىسىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ،مەدەنىيلىكنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس.
ھەقىقى مەدەنىيلىك بولسا قەلبىدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى بولۇشتۇر.كۆز ئالدىدىكى ناھەقچىلىققا سۈكۈت قىلىش ئالىجاناپلىقمۇ ئەمەس بەلكى ھەقىقى ئىنسانى پەزىلەتتىن مەھرۇم ھايۋانىلىقتۇر!
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
历史上的今天:
مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟! ( 1- بۆلەك ) 2009-03-31مائارىپنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك ( 2- بۆلەك ) 2009-03-31مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!( 3- بۆلەك ) 2009-03-31ئورۇس ئىمپىريىسى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى ! 2009-03-31خوجىنىياز ھاجىم توغرىسىدا قىستۇرما 2009-03-31
收藏到:Del.icio.us


