-
ئۇ يىقىلدى رەستىگە - [شېئىرلىرىم]
2009-05-02
ـــ شائىر باتۇر روزىغا مەرسىيە
باتۇر روزى تۈكۈلدى
تۈكۈلدى گۈل بەرگلىرىدەك
ھاياتلىق بىر تۈپ ئاجىز دەرەخ
جان غازاڭمۇ؟ ئېيتقىنا پەلەك!مەن ئويلاندىم قايتىدىن ئۆزۈم ھەققىدە
ئۆلۈم ھەققىدە
ئېيتار سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ
ئۇ يىقىلدى رەستىگە.يىقىلدى ئالامان
يىقىلدى تاش بىنالار.
ئۈزۈلدى تۇيۇقسىز
ئەمدى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان تار.ئۇ يەردە ياتتى
يېرىم سائەت، يېرىم ئەسىر.
بۇ يەر ئۇنىڭ ئىدى
ئۇنىڭ بولدى ھەممىسى ئاخىر...2007-يىلى 28-مارت. خوتەن
历史上的今天:
رەئۇف فەرفى ۋە ئۇنىڭ ئىككى شېئىرى 2009-05-02دىلمۇراتنىڭ ھېكايىسى 2009-05-02بۈگۈن جۈمە 2009-05-02پىچاق ۋە ئەر 2009-05-02دەريا ۋە قاشتېشى 2009-05-02