-
رەئۇف فەرفى ۋە ئۇنىڭ ئىككى شېئىرى - [چەت-ئەل شېئىرلىرى]
2009-05-02
رەئۇپ پەرفى ئۆزىگىلا خاس شائىرانە تۇيغۇلارنى يېڭىچە مەنا، يېڭىچە ئاھاڭ ۋە يېڭىچە رەڭلەر بىلەن تۇيۇندۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۆزبېك شېئىرىيىتىنى يېڭى بىر جىلۋىگە ئىگە قىلغان شائىر.
ئۇنىڭ "ئەكىس سادا"، "سۇكۇنات"، "توۋا" قاتارلىق 9 پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. شېئىرلىرى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.
شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى مەلۇماتلاردىن ئۇنىڭ 1943-يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئۆمۈر بويى شېئىر بىلەن نەپەسلىنىپ، شېئىر بىلەن ياشاپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شېئىر بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن دەرۋىش كەبى سىرلىق بۇ شائىر 2005-يىلىى 28-مارت ئالەمدىن ئۆتكەن.
رەئۇپ پەرفى دېگەن بىر ئادەمرەئۇپ پەرفى دېگەن بىر ئادەم ـــ
كۆز ئەينەكلىك، چېچى ئاق دەرۋىش.
ئېغىر-ئېغىر باسىدۇ قەدەم
يەلكىسىدە ئۇخلاپ قالغان قىش.
رەئۇپ پەرفى دېگەن بىر ئاسمان ـــ
ئاغرىق يۇلتۇز چاراقلاپ تۇرغان.
شادلىق ئەمەس، غەمكىن بىر داستان
كۆكتە تىغدەك يالتىراپ تۇرغان.
رەئۇپ پەرفى دېگەن بىر دەريا ـــ
شاۋقۇنلايدۇ تىنماي ھەمىشە.
سەھرالاردىن قېچىپ چاڭقاشنى
قالدۇرىدۇ تۈندە بىنەپشە.رەئۇپ پەرفى دېگەن بىر دەرەخ ـــ
خازان بولغان، تامام سارغايغان.
قۇياش ئۇنىڭ ياپراقلىرىدۇر،
شاخ-شېخىدىن ھەر كۈن توزىغان.
"چۆلى ئىراق"ئۇپۇق يانار، ئۇپۇق!
كارۋان يۈرەر قۇملۇقتا قۇم، قۇم...
تۈگىلەردە مىسكىن قوڭغۇراق:
چۆلى ئىراق، چۆلى ئىراق.
تۈن... كۈن ... تۈن...
پايانى يوق مۇڭلۇق بۇ سەھرا،
سەھرادا ئۆسىدۇ خورمىلار تەنھا.
خورما ئاستىدا قەدىمىي بۇلاق:
چۆلى ئىراق، چۆلى ئىراق،
يۈرەك چاۋاك چالىدۇ چاڭقاق.
بىھۇدە سۈيۈنەر كارۋان،
كارۋان ئۈچۈن ئەڭ شېرىن ئارمان ـــ
ئاشۇ بۇلاق...
قۇرىغان بىراق.
چۆلى ئىراق، چۆلى ئىراق،
يولى يىراق، قاينار پىراق...
تۈن... كۈن... تۈن...历史上的今天:
دىلمۇراتنىڭ ھېكايىسى 2009-05-02بۈگۈن جۈمە 2009-05-02پىچاق ۋە ئەر 2009-05-02دەريا ۋە قاشتېشى 2009-05-02كۈزنىڭ تېنى 2009-05-02