ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئىشلارنى قىلىڭ
سىتېۋ جۇبىس
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ كەلگەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ زات ھايات ۋاقتىدا دۇنيانى قانداق زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بولسا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە دۇنيانى شۇنداق زىلزىلىگە سالدى.