Drug preguntas

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن -7

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 1 »
بېشى: ?p=131

 

پەرھات تۇرسۇن 

يالماۋۇز ناخشىسى

ئاھ ، خۇدا !
«مەن ئادەممۇ ئەمەسمۇ ؟»
پەيدا بولۇپ باقمىغان بۇنداق خىيال كاللامدا
چۈنكى
مەن ئەزەلدىنلا ئادەم
يەتمىدىم تېخى يوقىلىش مەقامىغا
قورقىمەن
خۇددى پىچاق بىلىگەندە چىققان ئاۋازدەك
ياكى شامالدا لەپىلدىگەن بايراق ئاۋازىدەك
قاغىغان ئۈندىن
قورقىمەن تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن-8

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا يوق »
بېشى: ?p=137 

باتۇر روزى

 

ئايسىز ئايدىڭ

ئايسىز ئايدىڭسەن
دۇنيانى
كۆرسەتكەن كۆزۈمگە ئوغۇز رەڭگىدە ؛
دولقۇنلىرىڭ قۇيۇلماقتا باغرىمغا ،
چۈشۈرگەمدىن تاشتى شاماللار …
كېپەنلەردىن تاشلىدىم قاسراق ،
قاڭقىپ چىقىپ يالتىرىغان ئاسماندىن
شۇڭغۇپ كىردىم بوغۇزىغا بوراننىڭ ،
قوغلاندىم
ئامانەتكە بەرگەن ئۆيۈڭدىن ،
يېيىلدىم تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن -6

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 2 »

بېشى: ?p=129

زۇلپىيە ئابدۇراخمان (نەرگىسە)

 

ئاپئاق سايە

دېرىزە ئەينىكىم ھورلاندى جەزمەن
بەرمىكىم بەك قىيىن قەلبىمگە تەسكىن
چېكىلەر قەلبىمنىڭ پىنھان ئىشىكى ،
ئاچمىغىم بەك قىيىن ،ئاھ ،بەكمۇ قىيىن.
مەڭزىمنى ياققۇم بار سوغۇق ئەينەككە ،
ماجالسىز چۈشلەردىن يىراق –يىراقلاپ .
قاغجىراق روھىمنىڭ ئاراشلىرىدا ،
ئاپئاق بىر سايە كېلەر تاشقىنلاپ …. تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن-5

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 1 »

بېشى: ?p=127

ئابابەكرى توختى

قۇشنامە

كۆيىۋاتقان قۇشلار
يۈرەك رەڭگىدە
يازماقتا كۆزۈمگە تەرجىمىھالىنى.
كۆيىۋاتقان پەرۋاز
ئاسمان كىرپىكىگە ئاسار مارجانلار. تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن-4

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 1 »
بېشى: ?p=124 

قۇربان ئابلىمىت

 

يىلان قاسراق تاشلىغان پەسىل
              (1)  
كۆرۈپقالدىم سەن يوق ئۇيەردە،
كۆرگەنلىرىمچەكسىز باياۋان.
ئىشىنىمەنمەڭگۈ ئۆزۈمگە،
تەڭرىدەكلائۇلۇغدۇر ئىنسان.

يىغلاش دېگەن كونا بىر ئادەت،
ئۈگىنىۋالغان قىزلار يىغلاشنى،
تويى بولغان كۈنىدىن بۇيان.
ئويلاپ قويدۇم نېمە دېيىشنى،
سۆزلەيمەن ھەم سۈكۈتكە پېتىپ. تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن-3

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 1 »
بېشى: ?p=119

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

تاك، تاك، تاك…

تاك، تاك، تاكمەن كەلدىم
جېنىمغىنە، جېنىم ئامرىقىم.
ئەينەك سۇنۇقلىرىدىن چىرايىڭنى ئىزلەۋاتامسەن؟
ياغاچ ئوچاقتا مۇزنى قالاپ ماڭا ئۇماچ ئېتىۋاتامسەن؟
تىكەن، چارمىخلارنى كۆكسۈڭگە سانچىپ تاماكا خالتىسى كەشتىلەۋاتامسەن؟
مەن يالىڭاچ ئۇياتچان…
يۈزۈڭگە تەبەسسۇمدىن ئارتىۋال رومال
كىرپىكىڭنى قېقىپ ئولتۇر يات ئىقلىمنىڭ بورانلىرىدەك تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن -2

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 1 »
 بېشى: ?p=116

ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت

بىر تۈپ دەرەخ

سەن بىر تۈپ يىگانە شېئىر دەرىخى
شېخىڭدا قۇشۇڭ يوق ،سايەڭدە گۈلۈڭ
تەنھا ئاي نۇرىنى تۆكەر جىممىدە.
سەزمەيسەن
تىنىڭدە ئاينىڭ شولىسى….
ئۆرتىنىپ كۆيىسەن تەنھالىقىڭغا
ئىچىڭدە كۆيگىنى  ئۆزۈڭنىڭ ئوتى.
سەن ئەڭ ئاخىرقى شېىر دەرىخى
شىخىڭدا تۇرغىنى يوپۇرماق ئەمەس،
ياكى مىۋە….. تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن -1

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 1 »

بېشى بۇ يەردە: ?p=102

 

مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى

دىلمۇرات

(1)

ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كېسىۋەتتۇق
جاراھەتكە چاپلىشىپ قالغان
ئاپئاق گۈللەرنى ئېلىۋەتتۇق
يۇيۇش تاختىسى ئۈستىدە قالغان نەرسىلەر
ۋاقىت، تەن، ۋە ئەسلىمە. تولۇق ئوقۇيمەن »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن-0

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا: 1 »

ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر

بۇ شېئىرلارنى ئەينى ۋاقىتتا ئەنقا مۇنبىرىدىكى ئايتۇغدى ئەرەبچە تەرجىمىگە تاللىغان ۋە ئەرەبچە تەرجىمىسىنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە بىشارەتمۇ بەرگەن… كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى، خەۋەرسىز قالدۇق. بۇرادەرلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرگە قارىغاندا بۇ كىتابنىڭ ئەرەبچىسى پات يېقىندا چىققۇدەك شۇنداقلا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنىشى مۇمكىن… بۇ شېئىرلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى نۇسخىسى بويىچە شائىر بۇرادىرىمىز شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ ساقلاپ كەلگەن ۋە كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلىرى مۇنبىرىگە يوللانغان. مەن بۇ يەردە بۇرادىرىمىز شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگكە رەھمەت ئېيتىمەن. گەرچە بۇ شېئىرلارنى بىرەر ئورگان مەسئۇل بولۇپ تاللىمىغان بولسىمۇ لېكىن بۇ شېئىرلارنى تاللاپ ئەرەبچە تەرجىمىسىگە ئىشلىگۈچى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا غايەت زور يېڭىلىنىش ئېلىپ كەلگەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىسلاھات دولقۇنىنى قوزغاشقا سەۋەب بولغان كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

   تولۇق ئوقۇيمەن »