ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ نەزەردىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى
Gulan
يېقىندا ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن تېكساسلىق جەرياننىڭ فەيىسبۇك(دوستلۇشۇش تورى) قا چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. رەسىمدە ئۇ ئۆزىنى قارىمايدىن ئىزدەپ كېلىپ مىھمان قىلغان بىر توپقازاق قىزلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. قىزلارنىڭ كىينىشى ئامرىكىدىكى كېچىلىك كۇلۇبتا ئوينايدىغان قىزلاردىنمۇ بەكرەك ئامېرىكىچە ئىدى. جەيسېن ئەسلى ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ دوستى بىلەن تونۇشىدىكەن. بىۋاستە تونۇشمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ قەدەر قىزغىن ئىزدەشلىرىگە ئانچە كۆنۈك بولمىغان بۇ بۇرادەر تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئاق ھاراقنى ئۇ قىزلار بىلەن تەڭ ئىچەلمەي مەسخىرىگە قالغانلىقى ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەپتۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان قىزلارنىڭ ئوغۇلبالىچىلقنى ھاراق ئىچىش بىلەن ئۆلچىگىنى ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپتۇ. جەرياننىڭ يېزىشىچە ئون نەچچە قىزنىڭ شۇ بىر قانچە كۈن خەجلىگەن پۇلىنى ئۇ نەق بىر يىل خەجلەيدىكەن. تولۇق ئوقۇيمەن »