چۈشلۈك ئۇيقۇ
ھەممىسى ئېسىمدىن چىقتى
ئەسنىدىم، ئاستا ئۆزۈمگە كىرىپ كەتتىم.
تاملار ئاق پېتى قالدى، كۈز دېرىزەم سىرتىدا ناخشا ئېيتىۋاتاتتى
يامغۇر يۇيۇنۇۋاتاتتى يامغۇردا سىم-سىم.
بىرسى ئىشىكىمنى چەكتى (ئاخىرقى ئىشىكىمنى)
ئادەتتىكى كۈنلەردىمۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بېرەتتى… خۇددى شۇنىڭدەك.
ئۇرۇندۇم ئۆزۈمدىن چىقىشقا
ئۇيقۇ باساتتى ھەر بىر ئۇرۇنۇشلىرىمدا.
دېمەك، ئىشىكىم چېكىلەتتى تۇلىمۇ يىراق بىر يەردىن
مەن ئۇرۇناتتىم ئۆزۈمدىن ھە-دەپ. تولۇق ئوقۇيمەن »