ئۆلۈمنىڭ سىرتى
ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ «ئۆلۈمنىڭ سىرتىدا» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ
ئۆلۈم بىر پارچە ئەينەككە ئوخشايدۇ،
قارىساڭ ئۆزۈڭنى كۆرەلمەيسەن.
ئۆلۈم ئېقىۋاتقان سۇ ئۆزىگە قاراپ
ھەي، ئۇ خاتىرەڭدىكى تۇپا باسقان ۋەتەن.
بىلىسەن، ئۆلۈپ كەتتى تاڭلار، يۇلتۇزلار،
ئۆلۈپ كەتتى يەنە ساھىپجامال تۈن.
ئۆلۈم مەندىن باشلانغان جىمجىت، پەرىشان
مەن ئۇنى ھېس قىلىپ ئولتۇردۇم بۈگۈن.