Drug preguntas

ئېمىلىي دېكىنسون: تاش

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

ئېمىلىي دېكىنسون (1830 — 1886 ئامېرىكا)

تاش

تاشتىنمۇ بەختلىك نەرسە يوق،
ئۆزى يالغۇز چىغىر يولدا سارسان يۈرەر، بۇرچ نېمە؟ زادى بىلمەس.
ئۇنى زۆرۈرىيەتلەر قورقۇتالماس، يەكتىكى بېغىر رەڭدۇر يەر جىنسىدىن،
ئۆتكەن زامان ئۆز ئۇچىسىغا كىيىدىغان.

ئۇ قۇياشقا ئوخشاش مۇستەقىل،
ئۆز ئالدىغا يېپىشىدۇ ياكى ئاجرايدۇ.
ئۆزىنىڭ مۇتلەق قىسمىتىنى ياشايدۇ،
تاسادىپىي ئاددىيلىق بىلەن.