ئىيۇن 29
ئەينەك، مەن ۋە باشقىلار
«مەن نەگە بارىمەن»
ھاۋا ئاۋۋالقى ھەپتىنى ئەسلىتەتتى. ئىشىكنى قۇلۇپلاپ سىرتقا چىقتىم. نېرىراقتا خوشنىمىزنىڭ كىچىك قىزى تىترەپ تۇرۇپ بىر توپ ئاداشلىرى بىلەن ئويناۋاتاتتى. ئۇ مىنى كۆرۈپ ۋاقىردى:
–ئارمان قېنى؟
–ئۇخلاۋاتىدۇ،– بۇ سۆزنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن. «ئۇ ئەمدى نىمە دەپ ئويلاپ قالار»، قىسقا خىيالىمنى ئۇنىڭ چۆچۈك ئاۋازى يەنە بۆلدى:
–تاڭ ئاتسىمۇ ئوخلاۋاتامدۇ؟
–سوغۇقتا توڭلىمىسۇن دەپ ئويغاتمىدىم.
–ئۇغۇل بالا دىگەنمۇ سوغۇقتىن قورقامدۇ؟ تولۇق ئوقۇيمەن »
ئىيۇن 20
مېنىڭ ئاۋازىم
مېنىڭ ئاۋازىم
كېچە ئاشۇ جىمجىتلىقى بىلەن مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلماقتا. مەپتۇنلۇق ماھىيەتتە مەغلۇبىيەتنىڭ بوسۇغىسىدۇر. مەن ئۇنىڭغا قارىغاندا ئۇنىڭ بارلىققا – ھەممىگە قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ سۆزلەيتتى، ئاۋازىدىن يۇلتۇزلار تۆكۈلەتتى… چىغىر يولدىكى تەنھا يولۇچى، ئۆزىدىن باشلانغان يولدا ماڭغۇچى. ئۇ يىقىلىدۇ، يىقىلغان يەردىن ھەر قېتىم قوپقىنىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چەكسىز ئىشىنىدۇ… تولۇق ئوقۇيمەن »
ئىيۇن 06
ۋوي-ۋوي
(ھېكايە)

مەن ئەزەلدىن ھېكايە توقۇشنى ياخشى كۆرسەممۇ لېكىن ھازىرغىچە قاملاشتۇرۇپ بىرەر پارچە ھېكايە توقۇيالمىدىم، بىر نەچچە رەت ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولساممۇ نەتىجە چىقمىدى. تولۇق ئوقۇيمەن »
ئىيۇن 05
كۈز
بىر تال غازاڭ دېرىزەمگە ئۇرۇلىدۇ-يۇ بىر خىل جىمجىتلىقنى ھېس قىلىمەن. ئاۋازلار يەنىلا ئاينىڭ سۇغۇق نۇرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئەينەكتە ئەكىس ئېتىدۇ.
بۇ كۈز ئاخشىمى، دەيمەن غازاڭلارغا. تەنھالىق ھەققىدىكى باشقا بىر ئويلىرىمدا سېنىڭ غۇۋا كۈلەڭگەڭ، خاتىرەمنىڭ بىرىنچى بېتىدە سېنىڭ شەكلىڭ، كۈزىتىمەن قاراپ يوقلۇققا. سەن بۇرۇنلا شەكلىڭدىن ئازاد بولغان، شۇڭا بىز خەيرىلەشكەن. بىز خەيرىلەشكەن دەقىقىلەردە قارا تېرەك يۇپۇرماقلىرى لەرزان تەۋرىنەتتى… كۈن چۈش بولغانىدى… ئەمدى ئۇ دەملەر ئاۋۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. سۇس قاراڭغۇلۇق بىردىنلا دېرىزەمگە ئۇرۇلدى. بىر تال غازاڭ دېرىزەم سىرتىدا لەيلەپ قالدى. تولۇق ئوقۇيمەن »