بىلىمەن كەلمەيسەن مېنى سېغىنىپ
ئاڭلىنار ئاخىرقى قەدەم تېۋىشىڭ
ئىشىكنىڭ بىپايان يوچۇقلىرىدىن.
بىلىمەن، كەلمەيسەن مېنى سېغىنىپ
باشقا بىر تۇيغۇدۇر مەندىكى لېكىن…
يازىمەن قەغەزگە ئېيتار سۆزۈمنى
يازىمەن… ئاقلىققا كېتىمەن كىرىپ.
ھاياجان ئىچىدە ئاتىدۇ تاڭلار،
ھاياجان ئىچىدە تۈگەيمەن ئىرىپ. تولۇق ئوقۇيمەن »
36-ناخشا
1
بىرىنچى ناخشا مېنى ئۇخلاتماقچى بولاتتى
تۈڭلۈكتىن بىر نۇر كىرەتتى، مېنى چاقىراتتى.
ئىككىنچى ناخشا تۇپا ئىدى يۇمشاق، يىرىك
مېنى ئوينايتتى، مېنى يۇياتتى.
ئۈچىنچى ناخشىدىكى سەھەر بىلەن
تېنىمنى ياپتىم يېرىم.
تۆتىنچى ناخشا دادامنى ياساپ چىقتى
چوڭقۇر ۋە چەكسىز يوقلۇقلاردىن. تولۇق ئوقۇيمەن »