سىلەر باللىرىڭلارغا چۆچەكنى قانداق ئېيتىپ بىرىۋاتىسىلەر؟

Storyteller

پەرزەنت تەربىيسىدە بالىلارنىڭ ئەتىدىن-كەچكىچە تېلۋىزور نۇمۇرلىرى، كارتون فىلىملەر، تېلفۇن ياكى تور ئويۇنلىرىغا مەستانە بولۇپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىگە سەلبىي تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلگەندىن باشقا ئاتا-ئانىلار بىلەن ئارىدا بوشلۇق شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن دەپ قارىدىم. مەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بالىلارغا ھېچبولمىغاندا كۈندە كەچتە چۆچەك ئوقۇپ بىرىپ ئۇخلىتىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۆچەكنىڭ تىلى، مەزمۇنى بالىلارنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىدىن بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتمىسە، ئېيتىلغان چۆچەك ئوبرازلىق، چۈچۈك تىللار بىلەن جەلىپ قىلارلىق ئېيتىلغاندىن باشقا، ئارىدا بالىلاردىن بەزى سۇئاللارنى سوراپ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ماختاپ قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يېغىش، ئىنكاسىنى كۈچەيتىش، تەسەۋۋۇر ۋە تىل قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىش بىلەن بىرگە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرسىدىكى يېقىنلىق، مۇھەببەتنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن دەپ قارىدىم.
ئىمكان بار كەچتە ئوقۇيدىغان چۆچەكنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇش، ئىمكان بار جانلىق تىل بىلەن ئېيتىپ بېرىش كېرەك ئىكەن. بالىلارغا چۆچەك ئېيتىپ بىرىشتە بىزنىڭ يەسلى يىتەكچىلىرىمىزدىن باشلاپ ئانىلارغىچە ، بەلكىم دادىلارغىچە ئانچە-مۇنچە تىل مەشىقى، دوراش مەشىقى قىلىپ قويۇشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. ئاخشام چوڭ ئۆيگە بارغاندا ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارغا بىردەم كىتاب ئوقۇپ بەرمەكچى بولۇپ قارىسام ، قولۇمغا ئابدۇراھمان ئەزىز ئوغلىنىڭ «قويچى بالا» دېگەن ھېكايىسى چىقىپ قالدى. ھىكايىدىكى بالىنىڭ خىياللىرى، جاڭگالغا ئىلىپ بېرىپ باقىدىغان قويلىرىغا قويۇۋالغان ئېسىملىرى، قويلىرى خەقنىڭ زىرائەتلىرىگە كىرىپ كەتسە ئارقىسىدىن قوغلاپ «قويلارنىڭ تىلى» بىلەن ھەيدەشلىرىنى جانلىق تىل بىلەن ئوقۇپ، بەزى يەرلىرىنى ھەجۋى قىلىپ دوراپ ئوقۇپ بەردىم، ئارىدا بەزى تەسۋىرلەرنى ئوقىماي ئۆتۈپ كەتتىم. بەزى يەرلەرگە بولسا ئۆزۈمنىڭ بالا ۋاقتىدا قوي باققاندىكى خىياللىرىم، تەجىربىلىرىمنى قوشۇپ سۆزلىدىم. ھىكايە ئارلىقىدا «بالا زاغرا ناندەك يېرىلغان قوللىرى بىلەن … نان سالغان خالتىسىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ » دېگەندەك يەرلەردە توختاپ «ئۆشنە» دېگەن قەيەر؟ «زاغرا» دېگەن قانداق نان؟ دەپ سۇئال سورىغاچ بالىلارنى ھېكايىگە قاتناشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلار ئۇخلاپ قالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇردۇم. ئەتىگەن ئويغۇنۇپلا بوينۇمغا ئېسىلىپ ئاخشامقى ھېكايىنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سوراپتى، بۈگۈن كەچقۇرۇن يەنە ئوقۇيلى دېدىم.
قايسى كۈنى بىر كىنو كۆردۈم. كىنونىڭ ئىسمى «بار ئىكەن، يوق ئىكەن». كىنونىڭ بېشىدىلا يەسلىدىكى تەربىيچىلەرنىڭ پاقا بىلەن مەلىكىنىڭ ھېكايىسىنى بالىلارغا ئېيتىپ بىرىش ئۇسۇلىغا زوقلاندىم. تەربىيىچىلەر، ئانىلارمۇ بالىلارنى جەلپ قىلالىغۇدەك، ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىنى مول تەسەۋۋۇرلارغا تولدۇرالىغۇدەك مەخسۇس ھېكايە ئېيتىشنى ئۈگەنسە بەك گۈزەل بولاركەن دەپ قالدىم.
سىلەر باللىرىڭلارغا چۆچەكنى قانداق ئېيتىپ بىرىۋاتىسىلەر؟ تەسىراتىڭلارنى ئورتاقلاشقان بولساڭلار!


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...