بىر تورداشنىڭ ئورۇقلاش خاتىرىسى

13270021

دوستۇم،
سىىزمۇ يىقىندىن بىرى ئۆزىڭىزنى سەمرىپ كەتتىم دەپ ئويلاۋاتامسىز؟
ياز كىلەر كەلمەي ، ئىسسىققا چىدىيالماي قالدىڭىزمۇ؟
بۇرۇنقى چىرايلىق مايكىڭىز كىچىك كىلىپ قالدىمۇ؟
ئامراق ئىشتىڭىزنىڭ بېلى كەلمەيۋاتامدۇ؟
پەلەمپەيگە چىقسىڭىز ھاسىراپ كىتەمسىز؟…. ھەتتا يول مىڭىشمۇ تەس كىلىۋاتامدۇ؟….
ئەمىسە ، ئورۇقلاڭ!….
ئورۇقلاش تەس!… ھەقىقەتەن تەس!…
لىكىن، چوقۇم ئورۇقلىغىلى بولىدۇ!
مانا مەن بىر نەچچە ئايدىلا 15 كىلوگىرام ئورۇقلىدىم!….
مىنىڭ ھىكايەم!..
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پۇتۇم سۇنۇپ ئالدى-كەينى بولۇپ ،4-5 ئاي داۋالاندىم. شۇ جەرياندا ئەسلىدىكى 66 كىلوگىرام كىلىدىغان ئېغىرلىقىم بىراقلا 81 كىلوگىرامغا يەتتى.
داۋاملىق سەمرىۋەردىم. سېمىزلىكنىڭ دەردىنى بىر يىل يەتكۈچە تارتىپ، بۇلتۇر 5-ئايغا كەلگەندە 84كىلوگىراملىق بەدىنىم ئۆزۈمگە ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلايمەن دەپ ، قەتئىي نىيەتكە كەلدىم.
ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتمىدىم، تاماقتىن ئۆزۈمنى بەك چەكلىمىدىم.لىكىن ،قىلمىغان ئىشىم قالمىدى.

توردىن نۇرغۇن ماتىرىيال كۆردۈم، كىتابخانىغا كىرسەملا شۇ توغرىلىق كىتاپلارنى ئوقىدىم…
ئىشىنەمسىز؟! شۇ يىلى 10-ئايغا كەلگەندە، ئەسلىدىكى 84 كىلوگىرامدىن بىراقلا 69كىلوگىرامغا چۈشتۈم!
بەلكىم قانداق ئۇسۇل قوللاندىڭ دىيىشڭىز مۇمكىن.
ئاڭلاڭ ھە!
ئەتىگەن ،چۈشلۈك تاماقنى مۇۋاپىق يەڭ، يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. نەپسىڭىزنى يىغىڭ. كەچلىك تاماقنى ئازايتىپ، كونتىرول قىلىڭ. مەن ئورۇقلىغان مەزگىلدە ، ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لەغمەندىن ئۆزۈمنى تارتقان. بىر ياز مىنىرال سۇدىن باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەرگە يىقىن كەلمىگەن. كولا كۆزۈمگە ئوت كۆرىنەتتى لىكىن! كەچلىك تاماقتىن بىراقلا قول ئۈزۈش تەس، لىكىن ئاستا ئاستا ئازلاتسىڭىز كۆنۈپ كىتىسىز…. ھەممىسى كۆنۈشتىن! تاماقنى 70-80% تويغىچىلا يەڭ… ئۆزىڭىزنى بەك راھەت ھىس قىلىسىز.
مۇۋاپىق چىنىقىڭ. ئەينى چاغدا مىنىڭ پۇتۇم تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەن. يۈگرەلمەيمەن. لىكىن كۈندە ئاز دىگەندە ئۇدا بىر سائەت پىيادە ماڭدىم. ئۈنۈمى بەك ياخشى…! سىناپ بىقىڭ! ئامال بار پىيادە مېڭىڭ…

ماتىرىيال كۆرۈڭ. توردا نۇرغۇن ئورۇقلاش توغرىلىق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. بىر كىتاپ تەۋسىيە قىلاي!
ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىت بەرقى نىڭ تەرجىمىسىغۈ دەيمەن ، « ئورۇقلاش جېڭى » دىگەن كىتاپ! ماڭا بەك جىق پايدىسى بولغان! (مۇشۇ ئاكامغا رەھمەت ئىيتىمەن!)

ئورۇقلاشتا ئەڭ مۇھىمى ئىرادە، ئىشەنچ!
چوقۇم ئورۇقلىيالايمەن دەپلا ئويلاڭ.

بىلىڭىزنى چىڭلا باغلىسىىڭىز ، بىر ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز… مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى مىنى تىخىمۇ ئورۇقلاشقا ئىلھاملاندۇرغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان. چۈنكى، 80 كىلوگىراملىق ئۆتكەلنى بۇزغان ۋاقتىمدا، تاس قالغان خوشلۇقۇمدىن يىغلىۋەتكىلى!…

ئورۇقلاش تەس!… ھەقىقەتەن تەس!…
لىكىن، چوقۇم ئورۇقلىغىلى بولىدۇ!
مانا مەن بىر نەچچە ئايدىلا 15 كىلوگىرام ئورۇقلىدىم!….
دىمەك، مەن ئورۇقلىدىم، سىزمۇ ئورۇقلىيالايسىز!….
بۈگۈنلا باشلاڭ!… ئاز ۋاقىتتىن كىيىن، يول يۈرسىڭىز ،پەلەمپەيگە چىقسىڭىز ھارسىرىمايدىغان، كىچىك كىلىپ قالغان ئامراق كىيىملىرىڭىزنى كىيەلەيدىغان ، قىز (ئوغۇل) دوستىڭىزغا تىخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرىنىدىغان ، ھەممە ئادەم كۆرسە، ئورۇقلاپسىزغۇ؟… دەپ ھەيران قالىدىغان بولىسىز……
سىزگە ئامەت تىلەيمەن!….


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...