80خالتا بلوگى ئارىدا بىرەر يىل ھەكىم ئەفەندىمنىڭ ھەر خىل «باھانە» لەرى بىلەن ھورۇنلۇقى قوشۇلۇپ دېگۈدەك يېڭىلىنىپ بولالماي قالدى. مانا ئەمدى تورداشلارنىڭ كۆپ سۈيلەشلىرى، 80خالتا تور بېتىنىڭ تېلفۇن ئاندروئىد ئەپ نۇسقىسى ياسىلىپ ئىلان قىلىنىشى نەتىجىسىدە بۇ ھەكىم ئىرىنچەكلىك بىلەن كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ يازما تەييارلاپ ، كۈندىن-كۈنگە جانلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. پەيلاسوپلاردەك ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا جىمىپ كېتىشلىرى، دەرۋىشلەردەك تەنھالىق ئىستەپ يالغۇز يۈرۈپ كېتىشلىرىگە خاتىمە بەرگەندەك تۇرىدۇ. مانا، قارىسىڭىز كۈندە بىر-ئىككى يېڭى، ئىجادىي تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ. ( كۆز تەگمىسۇن ھەكىم ئۇستامغا… ) مۇشۇ ھاياجىنىدا 80خالتا بلوگىغا بىرەر نەسىرى ، شىئىرى دېگەندەك قەلىپ چەشمىلىرىنىمۇ تۆكمەيدۇ دېگىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. مەيلى، نېمىلا بولسۇن بۇ ھورۇن ئەپەندىم بلوگىغا قايتىپ كەلدى. سىزمۇ قايتىپ كىلىڭ، ئىشقىلىپ كۈندە بىرەر قېتىم 80خالتىغا كىرىپ قالغۇدەك بولسىڭىزلا بىرەر خىل يېڭىلىقنى كۆرىشىڭىز مومكىن. ئىشەنمىسىڭىز كۈندە بىر كىرىپ قاراپ باقامسىز يا؟!!!
ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز بۇ ئەپنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ!
80خالتا ئاندرويىد ئەپ چۈشۈرۈش ئادرىسى: app/80halta.apk ئادرىسنى تور كۆرگۈچكە چاپلاپ چۈشۈرۈڭ!