展示图片1 展示图片2 展示图片3 展示图片4 展示图片5
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
مەجۈنى نانىخانىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى


ۋاقتى:2011-05-06
0

مەجۈنى نانىخانىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى

بىرىنچى خىل نۇسخىسى:

 نانىخا سەئتەر، زۇپا، پىننە، سىيادان، زىرە قاتارلىقلار 20گرامدىن، ئىگىر ، بەسباسە، ئارپىبەدىيان، زەنجىۋىل ،جۇيۇز، كەرەپشە ئۇرۇقى توققۇز گرامدىن، تاغ يالپۇزى 40 گرام، ھەسەل 642 گرام.

ئىككىنچى خىل نۇسخىسى:

نانىخا، زەدەك ئۇرۇقى، زەنجىۋىل 40 گرامدىن، زەپەر، بىستىپايەج ئۈچ گرامدىن، كەرەپشە يىلتىزى 15گرام، مەستىكى رۇمى داۋامىنى ئوقۇش»

شاتۇت مۇنداق كېسەللەرگە شىپا!!!


ۋاقتى:2011-05-03
0

شاتۇت

بۇ ئۈجمىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ مېۋىسىنىڭ رەڭگى قارىغا مايىل قىزىل، ياندىكىدەك، تەمى چۈچۈمەلراق بولىدۇ،مانا مۇشۇ مېۋە شاتۇت نامىغا ئاتىلىدۇ.

تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە سۇغۇق ، بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق. بەزى كىتابلاردا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق دەپمۇ قارىلىدۇ .

خۇسۇسىيىتى:

ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلىتىنى تەڭشەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، قان داۋامىنى ئوقۇش»

ئىنسانلاردىكى تەبىئىي مىزاجنىڭ تۈرلىرى


ۋاقتى:2011-05-02
0

ئىنسانلاردىكى تەبىئىي مىزاجنىڭ تۈرلىرى 

مىزاج ئىرسىيەت يولى بىلەن ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغاندا مەلۇم بىر خىل مىزاج ۋە شۇ مىزاج پەيدا قىلغان بەلگە، ئالامەت ۋە مىجەزنىڭ روشەن ئىپادىلىنىپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىغا  ئاساسەن،  ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى مۆئدىتىل مىزاج ۋە مۆئدىتىل بولمىغان مىزاج دەپ ئىككى چوڭ تۈرئايرىلىدۇ.

 مۆئدىتىل مىزاج بولسا ئىنسانلار مىزاجىنىڭ شەكىللىنىپ  چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۆت خىلىتنىڭ بىر – بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولغان كەيپىياتلىرىنىڭ بىر – بىرىنى چەكلەش ، تىزگىنلىشىدىن خالىي بولغان ئورتاق ھالىتى بولۇپ ، مىزاج جەھەتتىن تۈپتىن قارىمۇ – قارشى بولغان بىر جۈپ ئاتا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مەلۇم بىرىدە بۇ خىل مىزاجنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.  بۇ خىل مىزاج ئىنسانلار تەبىئىي  مىزاجى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى داۋامىنى ئوقۇش»

62 نەپەر كىچك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاشتىن دوكىلات


ۋاقتى:2011-05-01
0

62 نەپەر كىچك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاشتىن دوكىلات

قىسقىچە مەزمۇنى :كىچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەخسۇس تەييارلانغان مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋلاپ ئۇنۇمىنى كۇزىتىش . ئۇسۇل : ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاچ تەڭشەش ، ھوللوكنى قۇرۇتۇش چارىسى بويچە مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاش ؛ نەتىجە : 62 نەپەر بىمار ئىچىدە كىسەللىكى ساقايغانلار 40  نەپەر بولوپ % 64 نى ، ئۇنۇمى كورونەرلىك بولغانلار10 نەپەر بولوپ %16 نى ، ئۇنۇمى كورولگەنلەر 10 نەپەر بولوپ % 16  بولوپ ، ئۇنۇمى كورولمىگەنلەر  2  نەپەر بولوپ % 4 بولوپ داۋالاشنىڭ ئۇنۇم بىرىش نىسپىتى%  96 ؛يەكۇن : كىچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى داۋالاشتا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاج تەڭشەش ، ھوللوكنى قۇرۇتۇش ، قۇۋىتى ماسىكەنى (تۇتۇش قۇۋىتى )نىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ، تەدبىرى بويچە مەخسۇس تەييارلانغان مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋامىنى ئوقۇش»

ئاق ئۈجمە


ۋاقتى:2011-05-01
0

 ئاق ئۈجمە

 بۇ ئاق ئۈجمە دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت.

خېمىيىلىك تەركىبى: مېۋىسىدە رۇتىن، كاروتىن،  ۋېتامىن ئا،ب،س، ئاقسىل، قەنت، ئانتوتيانىدىن، ماي، ئەركىن كىسلاتا، ئالكوھول خىلىدىكىلەر، ئۇچۇچان ماي، تاننىن، سېنتائورىيدىن قاتارلىق تەركىبلەر بار.

دورىلىق تەسىرى: تەبىئەت (ئېمۇنت) كۈچىنى ئاشۇرۇش، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى: قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەلغەم بوشىتىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئۆپكىنى داۋامىنى ئوقۇش»

بىر نەچچە خىل گۈلنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىدىن قىسقىچە خاتىرە


ۋاقتى:2011-04-30
1

بىر نەچچە خىل گۈلنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىدىن قىسقىچە خاتىرە

بۈگۈن 2011- يىلى 4- ئاينىڭ 26 – كۈنى ھاۋا ئۇچۇق.

بىر نەچچە خىل گۈلنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ بېقىش ئىسىتىكىدە ، دۇكان ئالدىدىكى باغچىنىڭ نەمخۇش توپىسىدىن ئەكىلىپ، يۇمشاق ئۇۋىتىپ ، كىچىك تەشتەكلەرگە  تەكشى قاچىلىدىم.

رەيھانگۈل، نامازشامگۈلى، ئاق لەيلى گۈلى، گۈلچاي،  كاسىنە قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ دانلىق ، ياخشى پىشقانلىرىنى ئىلغاپ، ئايرىدىم.

ئۈچ تەشتەككە رەيھان  ئۇرۇقىنى توپا يۈزىدىن تەخمىنەن بىر سانتىمىتىر چوڭقۇرلۇقتا سالدىم. ئۈستىنى يەڭگىل چىڭداپ سىڭىشكۈدەك سۇ قۇيۇپ قويدۇم. رەيھان ئۇرۇقىنى ئەسلى توپىدىن 3-4 سانتىمىتىر چوڭقۇرلۇقتا تېرىسا بولىدىغان بولۇپ، مەن گۈل تېرىلىدىغان تەشتەكلەرنىڭ  كىچىكلىكىنى كۆزدە داۋامىنى ئوقۇش»

بۆلجۈرگەن


ۋاقتى:2011-04-29
0

 بۆلجۈرگەن

 بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بۆلجۈرگەننىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت. مېۋىسىنىڭ رەڭگى قىزىل، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، مېۋىسىنىڭ سەتھى(سىرتقى يۈزى)دە ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشاش كىچىك ئۇقۇرچىلىرى بولىدۇ. ھەر بىر ئۇقۇرچىدا بىردىن قىزغۇچ پور رەڭلىك ئۇرۇق مېۋىسى ب بولىدۇ. . پۈتۈن مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ، مىۋە ئورنىدا يېيىلىدۇ.

 خېمىيىلىك تەركىبى: گلۇكوزا، ئامىنو كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ئالم كىسلاتاسى، ۋېتامىن ب1،ب2،س ، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفورلار داۋامىنى ئوقۇش»

كۆزگە گۆش ئۆسۈپ قېلىش


ۋاقتى:2011-04-28
1

كۆزگە گۆش ئۆسۈپ قېلىش (شىرناق)

زۇكام نەزلە سەۋەبچى بولىدۇ ، كۆزنى ئېچىش قىيىن بولۇپ ، قاپاق ئاستىنى قول بىلەن قايرىپ كۆرگەندە كىرگىتكە ئوخشاش نەرسە ئۆسۈپ قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ. كۆز ئىچى دائىم ھۆللىنىپ تۇرغان بولۇپ ، يۇرۇقلۇقتىن قاچىدۇ، كۈنگە قارىيالمايدۇ.

 داۋاسى:

كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قان ئېلىنىدۇ.

ھەزىم قىلىش قىيىن بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىدۇ. مۇنچىغا كىرىپ تەرلىنىش، ياشاڭغۇراتقۇچى دورىلارنى تارتقۇزۇش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ؛ سەبرە ، ئاقاقىيا، ھۇزۇز(رۇسۇت) مامىشا شىيافى، زەپەرلەرنى تېگىشلىك داۋامىنى ئوقۇش»

شەپەرەڭ مايىقى


ۋاقتى:2011-04-27
0

 شەپەرەڭ مايىقى

 بۇ شەپەرەڭنىڭ مايىقىدىن ئىبارەت.

 تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، گۆشىدىن كۈچلۈكرەك.

خۇسۇسىيىتى:

قان جانلاندۇرۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ھارەرەتنى پەسەيتىش، مەددىلەرنى چۈشۈرۈش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، غەيرىي  پۇراقنى يوقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش داۋامىنى ئوقۇش»

شەپەرەڭ


ۋاقتى:2011-04-26
0

 شەپەرەڭ 

 بۇ شەپەرەڭ ئائىلىسىدىكى ھايۋانات شەپەرەڭنىڭ پۈتۈن تېنى بولۇپ ، ئۇنىڭ گۆشى ۋە مايىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .

گۆشىنىڭ تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .

خۇسۇسىيىتى: ئارتۇق ھۆللۈكنى تارقىتىش، كۆزدىكى ئاقنى يوقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ، كۆزنىڭ كۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش،  قورساق سۈيىنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ۋە ئىششىق قايتۇرۇش..

 ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : پالەچ ، ئەزالارنىڭ تىترىشى، زىققە ، ئۇششاق بۇغۇملار ئاغرىقى ،چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى،يانپاش ئاغرىقى،بەل ئاغرىقى،  چاچ چۈشۈپ كېتىش،  كۆزگە ئاق چۈشۈش ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى، قورساققا سۇ چۈشۈش، سۈيدۈك داۋامىنى ئوقۇش»

قارا ئۈجمە


ۋاقتى:2011-04-20
0

بۇ ئۈجمە ئائىلىسىدىكى ئۈسۈملۈك قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسى بولۇپ، رەڭگى قارا ، تەمى تاتلىق بولىدۇ.
خېمىيىلىك تەركىبى: ئاقسىل، قەنت ، كالتسىي ، مىنىرالنى ماددىلار، كاروتىن، ۋېتامىن س، ب، ئې، خ، ب12،ب1 قاتارلىقلار بار .
تەبىئىتى: ئىكىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى: قان كۆپەيتىش، ھارارەت پەسەيتىش، تەرەت يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي قان، سەپرا خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، يىلتىزى ۋە قوۋزاقلىرىنىڭ قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرى بار .

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
گال ئاغرىقى، ئېغىز مۇدۇر-چاقىلىرى، كۆس ئۇسساش، قان ئازلىق، قۇۋۋەتسىزلىك داۋامىنى ئوقۇش»

چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى ھەققىدە 4


ۋاقتى:2011-04-15
0

 تۆتىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

دەسلەپتە سېرىغ چىچەك بىلەن بىخسۇس قايناتمىسىغا ھەسەل قوشۇپ قەي قىلدۇرۇلىدۇ. ئاندىن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ پىشۇرغۇچىسى بېرىلىدۇ.

بىخسۇس، كاسىنە ئۇرۇقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، قۇغۇن ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سۆرۈنجان، بوزىدان قاتارلىق دورىلارنى قاينىتىپ ، سۈيىگە گۈلقەنت قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ رۇمبەدىيان ، بادىرەنجىبۇيا ، پىرسىياۋشان، ئوردان قوشۇلىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ سۈرگىسى ۋە ھەببى سۆرۈنجان بىلەن تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىجى(پىشۇرغۇچى)غا سانا،تۇربۇت، زەنجىۋىل، بەرەڭگى كابىلى ، خىياشەنبەر قوشۇپ سۈرگە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۈرگىگە ئاچچىقتاۋۇز، بوزىدان، تۇربۇت، قەنتەرىيۇن، بۆرە داۋامىنى ئوقۇش»

گۈرۈچ ھەققىدە چۈشەنچە


ۋاقتى:2011-04-14
0

گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بۇغدايغا قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك بولىدۇ . گۈرۈچ تەركىبىدە كىراخمال %75 نى ، ئاقسىل % 8 نى ، ياغ %1.5 – 0.5 نى ئىگەللەيدۇ . يەنە ۋىتامىن ب1 گۇرۇپپىسىدىكى ۋېتامىنلار مول ، نۇرغۇن ئورگانىك كىسلاتالار ، ئۈزۈم قەنتى ، مېۋە قەنتى قاتارلىق يەككە قەنتلەر بار . ئادەتتە بۇغداي ، ئارپا ئىستىمال قىلغۇچىلارغا قارىغاندا گۈرۈچ ئېستىمال قىلغۇچىلارنىڭ تېنى ئاجىز ھەم سۇست ، بوشراق كېلىدۇ . لېكىن ، ياخشى پىشۇرۇلسا ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكى بارلارغا ياخشى پىشۇرۇلغان گۈرۈچتە تەييارلانغان ئاق ئاش مۇۋاپىق كېلىدۇ .

 گۈرۈچنىڭ تەبىئىتى قۇرۇققا مايىل مۆئدىتىل ، يەڭگىل، يۇمشاتقۇچى ( مۇلەييىن) ئۇچۇچان(لەتىپ ) بولغانلىقى ئۈچۈن ، سۈت ، تۇخۇ ، چۈجە گۆشلىرى ياكى داۋامىنى ئوقۇش»

ئارپا ھەققىدە چۈشەنچە


ۋاقتى:2011-04-13
0

 بۇ باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئارپا بولۇپ ، رەڭگى سېرىق ، پۇرىقى  يوق، تەمى تاتلىقراق. بۇ ئۈسۈملۈكنىڭ پىشقان دېنى ‹‹ ئارپا ›› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

 خېمىيىلىك تەركىبى: كراخمال، سۇدا ئېرىيدىغان فىرمىنتلار، ئاقسىل ماددىسى، ئارپا ئۈندۈرمىسى شېكىرى، ۋېتامىن ئا، ب ، ئې، كېتون ۋە باشقا ماددىلار  بار .

 دورىلىق تەسىرى: ئارپا قايناتمىسى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى يەڭگىل دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ئاشقازان ئاقسىل فېرمىنتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى يەڭگىل دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن كراخمال خىزمىتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا نىسبەتەن تەسىرى يوق.

 تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.

 خۇسۇسىيىتى: قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ياللۇغ ۋە ئىششىق قايتۇرۇش، قورۇش، تۇتۇش، چىراينى پارقىرىتىش.

 ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : يۇقىرى قىزىتما، ئىسسىقتىن بولغان تەپ، بۇغۇم ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش، دېئابىت ، جىگەر ياللۇغى،يۆتەل، ئۆپكە سىلى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، سۈت بېزى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بۇيۇن بەز سىلى، باش ئاغرىقى، سەپكۈن ۋە داۋامىنى ئوقۇش»

ئوسما يۇپۇرمىقى ھەققىدە


ۋاقتى:2011-04-11
0

 بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرىدىغان ئۈسۈملۈك ئوسما يۇپۇرمىقىدۇر؛

 بۇ ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئوسما بولۇپ يۇپۇرمىقى ، يىلتىزى، ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

 خېمىيىلىك تەركىبى: بۇنىڭدا ئوسما گلۇكوزى ، گلىكوبراسسىن  قاتارلىقلار بار .

دورىلىق تەسىرى:       ئوسما قايناتمىسى  ph:7.0  بولغاندا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك تۇرمۇزلاش رولىغا ئىگە.  چوڭ ئۈچەي تاياقچى باكتىرىيىسى ، تولغاق تاياقچە باكتىرىيىسىگە  نىسبەتەن مەلۇم داۋامىنى ئوقۇش»

Page 3 of 151234510...Last »