ئىگىسى: nurbag

بىر جۈملىلىك مۇلاھىزە ___ نۇربەگ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 23:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەددۇق، سىز  بۇ مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى، ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنى «ساپاسىز» غا چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاڭ!  
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى بەك ساپالىق چاغلىسىڭىز، ، قېنى شۇ ساپارىڭىزغا چۇشلۇق ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز؟  بىزمۇ بىر ئوقۇپ چىقايلى ئۇ ئەسەرلىرىڭىزنى!
ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنىمۇ مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇپ، ساپادىن گەپ ئاچقىنىڭىز قىزىق!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 23:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
otluk
بۇ ياشلارنىڭ بۇ تور ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ ئىلھام بېرىلگەنلىكى بۇ تورنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلامسىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ناچار ئەسەرلەرمىدۇ؟

forum.php?mod=forumdisplay&fid=69


ياكى بۇ شېئىرىڭىزنى "ئېسىل شېئىر'' دەپ قارامسىز؟

قۇربانجان تەۋەككۈل (otluk)


كۆزلىرىم


ئاداققى تەلپۈنۈش كۆزلىرىم سېھىر،

سېھىرنىڭ تۇتقۇنى كۆزلىرىم يالقۇن.

نىگارنىڭ كۆزلىرى كۆزۈمنىڭ نۇرى،

كۈزۈمگە تارالغان كۆزلىرىڭ يالقۇن.



كۆزلىرىم كۆزۈڭدە بىر تامچە ياشتۇر،

تامچە ياش كۆڭۈلنى تەشكەن بەك يامان.

كۆڭۈلنىڭ كۆزلىرى كۆزلەرگە تۇتاش،

تۇتاشقان كۆزلەردە كۆيۈپ كۈل جاھان.





كۆزلىرىڭ كۆزۈمدە گويا بىر دېڭىز،

دېڭىزدا كۆزلىرىم قولۋاقلىق ئادەم،

كۆزلىرىم كۆزۈڭنى باشلاپ كېلىدۇ،

كۆزلىرىم سېىرىگە چۆككەندە ئالەم.




2013ـ يىل 29ـ ئىيون



رەڭ پەسلى

<ھېكايە>

< زامانۋى جەميەتنىڭ شەھەرلىشىشى ئويغۇر ياشلىرىغا زور روھى كىرزىس ئېلىپ كەلدى. بۇ ھېكايىدە مۇدىرنىزىمچە ئۇسلۇب ئارقىلىق قىز -ئوغوللار ئارسىدىكى تىپىكلەشكەن روھى كىرزىسنى بەدئىي تىپ،  ئۆزگىچە بايان نوقتىسى ئارقىلىق ئېچىپ  بىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ>


   دېرىزىنى ئېچىۋەتتىم. سىرىتتىن قېرى كالىنىڭ تىنىقىدەك ئىسسىق شامال كىرمەكتە. تېلۋۇزۇر كۆرمەيمەن،  تېلۋۇزۇرنى خىيالغا ئوخشتىپ خىيال قىلىمەن. تەكچىدىكى ئۆلۈپ قالغان گۈلنى نىمىشقا تاشلىۋەتكۈم كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بەلىكىم ئۇ گۈلنىڭ رەڭگىگە قاتتىق ئۆچلىكىمدىن بولسا كېرەك. چوغدەك قىپقىزىل گۈل، گۈلدەك قىپقىزىل رەڭ مېنىڭ قاتتىق ئۆچلىكىمنى قوزغايدۇ. شۇنداق، قاتتىق ئۆچ بولغان نەرسىلەرنى تاشلىغۇم كەلمەيدۇ...ئۆيۈمدىكى مۇھەببەت رومانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىرتىپ تاشلىدىم. ھەممىنى ئۇنتىغۇم كەلدى،

  ئۆي ئىچىگە غېرىپلىقنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. ھەيدىمىگىلى ئۇزۇن بولغان ماشىنامنى ھەيدەپ كوچىلارنى كەزدىم. سانسىز تۆت كوچىلاردىن ئۆتتۈم، تۇيۇقسىز قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ماڭسا قانداق بولدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ قالدىم، بولۇپمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندە، ئەمما تېنىم سەل  شۈركۈنۈپ قالدى، قورقتۇم ... كوچلاردىكى خىلمۇ ـ خىل كىيىملىك قىزلارنى كۆرسەم كۆزۈمنى قاچۇرمەن، كۆزۈم رەڭ سەزگۈمگە باقمايتتى. كىيىم ـ رەڭ. ئۇ قىزنىڭ بەلگىسى. قىزلار ئۈستىدىكى كىيملىرى بىلەن كۆزۈمگە خىلمۇ ـ خىل رەڭدە كۆرنىدۇ. مەن رەڭ دۇنياسىغا چۆككەن ئادەم، رەڭ تونۇيمەن، ئەمما رەڭدىن قورقىمەن. بولۇپمۇ قىزىل رەڭدىن تېخىمۇ قورقىمەن.

  تېخى يېقىندىلا مېىڭەمدىكى ئۆسمىدەك ماڭا ئازاب ئېلىپ كەلگەن  دوختۇرخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ ئۇنى خىيال قىلىپ قالدىم، ئۇنى تۇنجى رەت ئۇچراتقان چاغدىكى ھالىتىنى،مۇندىن بىر پەسىل بۇرۇنقى ئۇنىڭ بىلەن تىياتىرخانا ئالدىدا كۆرۈشكەن ۋاقىتنى خىيال قىلىپ قالدىم.

ماشنا ھەيدەپ كېتىۋاتمەن. كوچىلاردا ئاندا ـ ساندا ئۇچىراپ قالغان قىزلارغا سەپسالدىم، قىزلارنىڭ كىيملىرىنىڭ رەڭگى مېنى خىيالغا باشلايتتى. زېرىكىشلىك بويتاقلىقىمدا يېلىنجاۋاتقان، كۈندىن ـ كۈنگە رەڭلىنۋاتقان قىزلار مېنى قىزىقتۇراتتى.  يانفۇنۇم سايراپ قالدى. تېلغۇننى ئېلىپ تېلفۇن ئۇرغۇچىنىڭ تونۇش سالىمىغا جاۋاپ قايتۇردۇم.  

ـ تېلفۇن نۇمۇرىمنى ئۇنتۇپ كىتىدىغان بولغانغۇ؟ـ دېدىم مەن تۇيغۇمدا مەۋجۇدلىقى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قىزغا دوق قىلىپ.

ـ نۇمۇرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن سىزنى ئۇنتۇمىدۇق ، نەگە ماڭغان بۇ كەمدە؟

ـ ئۇنتۇمىدۇق دەيسەنغۇ يەنە كىم ئۇنتالماپتۇ،

ـ شۇ مەن... سىز بىلەن كۆرۈشەي دەپ ئۇرغان، نەدە سىز ؟

ـ مەن ئۆيدە، سىرىتقا چىققۇم يوق. كىيىن كۆرۈشەرمىز.

ـ يالغانچى، تېخى بايىلا ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كەتتىڭىزغۇ؟

ـ ۋاھ، ماراپ ياتتىڭىزىمۇ نىمە ؟ ـ تۇنجى قېتىم ئالدىمدا قىلدىغانغا قىلىق تاپالماي قالدىغان قىزدىن خۈدۈكىسىردىم.

ـ ياقەي، تىياتىرخاننىڭ ئالدىغا كەلسىڭىز سىزنى ساقلاپ تۇراي.

تېلفۇننى قويۇۋەتتىم. چاچلىرنى كونا مەھەللىمىزنىڭ تاملىرىدا يۈرىدىغان مۈشۈكلەرنىڭ رەڭگىدەك بويىۋالغان تونۇش  قىزنىڭ تېلفۇندىكى گەپلىرى مېنى ئاز ـ تولا قىزىقتۇردى. ئۇنىڭدىن زىرىككەن بولساممۇ ماشىنىنىڭ رولىنى تىياتىرخانا تەرەپكە بۇرىدىم.

ـ ياخشىمۇسىز ؟ بۇ دوستۇمنىڭ ئىسمى يىگانە، تونۇشۇپ قېلىڭلار ـ دېدى سېرىق چاچلىق تونۇش قىز تىياتىرخاننىڭ ئالدىدا قولىنى ماڭا تەڭلىگىنچە يېنىدا تۇرغان قىزنى ئىشارەت قىلىپ . ئۇ تارغىنە ئىشتان، كالتە يەڭ مايكىسى بىلەن ئالدىمدا بۇرۇنقىدەكلا ھېجىيىپ تۇراتتى، نىمىشقىدۇر كۆزۈمگە ئىشتان كىيۋالغان مۈشۈكتەك كۆرۈنۈپ كەتتى...

قىزلارنىڭ ئۈستىبېشى رەڭ، ئۇنىڭدىن قىزنىڭ بەلگىسىنى كۆرۈش تامامەن مۇمكىن دەپ ئويلايتتىم، شۇ سەۋەپ ئالدىمدا دوستى بىلەن تۇرغان مۈشۈك سىياقلىق بۇ قىزنىڭ ھالىتى دوستىدىن پەرىقسىز ھالدا شەھۋىتىمنى قوزغايتتى.

ـ ياخشىمۇسىز ؟ ئىسمىم پولات ـ دېدىم يېنىمدا تۇرغان يىگانە ئىسىملىك قىزغا قاراپ تۇرۇپ قولۇمنى تەڭلىگىنىمچە.

چاچلىرىنى يېنىدا تۇرغان مۈشۈك سىياقلىق قىزنىڭ چاچلىرىغا ئوخشاش رەڭدە بويىمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۈستىباشلىرىنى قىسقا كۆڭلەك بىلەن تۈزۈكمۇ ياپالمىغان قىز ئالدىمدا مۈشۈك سىياقلىق قىز بىلەن ئوخشاش رەڭدە تارتىنىپقىنا تۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرگە قارىدىم. شەھلا كۆزلىرىدىن چىدغۇسىز سىھىرى نۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان قىز نىمىشقىدۇر قولىنى تەڭلىمەي باش لىڭشتىپلا سالام قىلدى، مەن قىلچە غەيرىلىك ھىس قىلمىدىم. ھاۋادا دىدارسىز قالغان قولۇمنى چۈشۈرۋېتىپ قىزنىڭ قولىغا قارىدىم.كۆزلىرىم قىزنىڭ كالتە يەڭ،قىسقا كۆڭلىكىنىڭ يىڭىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان سۈتتەك ئاپئاق بىلەكلەرنى، بىر تالمۇ ئۈزۈك سالمىغان ئىنچىكە، يۇمران بارماقلارنى، تىزلىكتە سۈرەتكە تارتىپ چىقتى. گۇناھ يولىغا كىرگىنىمدە ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر شاللاق ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلماقتا يوق، يېڭىدىن تونۇشقان بۇقىزغا ھەۋسىم قوزغىلۋاتاتتى.   

ـ بىلىمەن.

ـ نىمىنى بىلىسىز؟ ئىسمىڭىز باشقىچە ئىكەن ھە؟ يىگانىما سىز؟

ـ ئىسمىڭىزنى دەيمەن، ئىسمىمنى دەمسىز؟ شۇنداق يىگانە.

ـ ۋاي ـ ۋۇي، ئىسىم، ئىسىملا دەپ كەتتىڭلارغۇ بىرەر يەردە ئولتۇرۇپ ئىسملىرىمىزنى بىلىشمەيلىمۇ؟ ـ دېدى مۈشۈككە ئوخشايدىغان سېرىق چاچلىق قىز، كۆزلىرىمنى يىگانە ئىسىملىك قىزنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈزۈشكە مەجبۇرلاپ.

قىزلار تاتلىققا ئامراق دەپ قىياس قىلغىنىمچە ئۇلارنى تورتخاننىڭ ئايرىمخانسىغا  باشلىدىم. زال ئىچىدىن تارتىپ ئايرىمخانلارنىڭ ھەممە بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرغىچە سوزۇلغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلەردىن كۆرە ئالدىمدىكى ئىككى قىزنىڭ بولۇپمۇ سېرىق چاچلىق تونۇش قىزنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن يېنىمدا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۈستىدىكى رەڭلەر كۆزۈمنىڭ يېغىنى بەكرەك يەيتى. ئاپئاق قىسقا كۆڭلەك، ئاپئاق پاچاقلار ۋە ئاق رەڭ كۆزۈمنىڭ قارسىدىمۇ، ئېقىدىمۇ قېتىپ قالغان ئىدى.

ـ ئەجەپ جىملا ئولتۇردۇڭلارغۇ، يىگەچ، پارڭلاچقاچ ئولتۇرمامدۇق ـ دېدى مۈشۈككە ئوخشايدىغان تونۇش قىز

ـ سەنلا گەپ قىلدىڭغۇ ئەتتىگەندىن بىرى، دوستۇڭ گەپنىمۇ ئىسمىدەك يالغۇز ـ يىگانە قىلامدۇ نىمە؟ دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ، ئۇ قولىنى ئۈستەل ئۈستىگىمۇ چىقارماي قىسقا كۆڭلىكىنى تارتىپ ئۇزارتماقچى بولغاندەك قولىنى كۆڭلىكىنىڭ ئايغىدىن ئۈزەلمەي ئولتۇراتتى.

بۇ گىپىم بىلەن يىگانەنىڭ باشقا تەرەپكە قارۋالغان كۆزلىرى كۆزلىرىم  بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى. شۇ پەيىتتە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چىدغۇسىز سھىرى نۇر كۆزلىرىمگە توختىماستىن تۆكۈلگەندى...

ـ سىزنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن ـ دېدىم ئۇنىڭغا، مۈشۈك سىياقلىق قىز بىزنى خالىي قالدۇرۇپ چىقىپ كەتكەندە.

ـ شۇنداقتۇ، ئەمما سىز كۆرمىدىڭىز، يېنىڭىزدا تۇرساممۇ كۆرمىگەنسىز بەلكىم.

ـ تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، چىقىشىپ ئۆتسەك. دېدىم ئۇنى رەت قىلمايدۇ دەپ ئويلاپ.

ـ تۇنجى قېتىمدىلا بۇنداق ئالدىرسىڭىز، كىيىن چاتاقمۇ نېمە، كىلەر قېتىم دەپ بىرەي.

ـ كىلەر قېتىم سىزنى قانداق تاپىمەن، يا مەندە تېلفۇن نۇمۇرىڭىز بولمىسا...

ـ خۇدا بۇيرىسا ئۇچىرشىمىز...

   مەن شۇ قېتىملىق ئۇچىرشىشتىن كىيىن ئۈچ كۈنگىچە خىيالنى كاللامدىن ئايرىمىدىم. ئۇنى خىيال قىلدىم. ئۇنىڭدىن نىمىشقىمۇ تېلفۇن نۇمۇرىنى سورىماي قالغىنىمنى خىيال قىلدىم. نۇرلۇق كۆزلەر، ئاپئاق بىلەكلەر، يوتىلار، ئىسىمدە يېرىم ـ ياتا قالغان قىسقا ـ قىسقا خىياللىرىمنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى. ئىچىمدە بىر خىل چىدغۇسىز ئەسەببىي ھېسىيات توختماستىن يوغناۋاتاتتى. بۇ ئەسەببىي ھېسىيات ماڭا تونۇش، ئۇ مۈشۈك سىياقلىق قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىمۇ پەيدا بولغان، شۇ چاغدا ئۇنى ئىزلەش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.

شۇنداق، ئۇنى ئىزلەپ تېپىش كېرەك...

مەن مۈشۈك سىياقلىق تونۇش قىزنىڭ ياردىمىدە ئۇنى چاقىرتتىم. ئۇ ئالدىنقى قېتىمقىدىن پەرىقلىق ھالدا ئۇزۇن قىزىل كۆڭلەك كىيىپ چىققان بولۇپ شۇ چاغدىكى ھالىتىدىن سەبىلىك يېغىپ تۇراتتى.

كىيىم ـ رەڭ. ئۇ قىزنىڭ بەلگىسى. رەڭ چاكىنا بولىدىكەن، قىزمۇ كۆرگۈچىنىڭ كۆزىدە چاكىنا بولىدۇ.  

قاندەك قىزىل، ئۇزۇن كۆڭلەك، سېھىرلىك كۆزلەر، يېقىملىق، سۇس تەبەسسۇم ئۇنىڭ بۈگۈنكى رەڭگى ئىدى. مەن بۇ رەڭنى ئالدىنقى قېتىمقلىق ئۇچىرشىشتىكى ئۇنىڭ رەڭگىگە ئوخشتالمىدىم. بىرى كوچا قىزلىرنىڭ رەڭگىدە، يەنە بىر گۈزەل تەبئەتتەك يېقىملىق رەڭدە ئىدى. بىز ئىكلىنىش ئىلكىدە دېسكوخانىغا بېرىپ بىر ھازاغىچە ئالا ـ يېشىل رەڭلەرگە چىلاندۇق. ئۇنى تولىمۇ تەستە بۇيەرگە كىرىشگە ماقۇل كەلتۈردۈم، ھېلمۇ ياخشى مۈشۈك سىياقلىق قىز بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ تۇرۋىدىم، مۈشۈك سىياقلىق قىز مېنى خالىي جايغا تارتىپ مەندىن 500 يۈئەن سوردى، مەن پۇلنى بېرۋاتقاچ ئىككىمىزنى ئىپلاس سودا قىلۋاتقاندەك خىيال قىلىپ قالدىم. مەن يىگانە ئىسىملىك قىزغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ئىدىم، شۇڭا مۈشۈك سىياقلىق قىزنىڭ پۇلنى ئېلىپ بولۇپ قۇيرۇقىنى خادا قىلغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم.  ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالدىم. ئايرىمخاننىڭ بىزەك رەڭلىرى كۆزلىرىمنى قىلچە ئۆزىگە تارتالمىدى. كۆزلىرىم ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قىپقىزىل رەڭدىن زوق ئىزدەيتتى...

ـ  دوستۇڭىز كېتىپ قالدى، ئىشى بارئىكەن. بۇمۇ بولغىنى.

ـ ئۇ مىنىڭ دوستۇممۇ ئەمەس، تولۇق ئوتتۇرىدا بىر مەكتەپتە ئوقۇغان، مۇنداقلا تونۇش.

ـ ئىككىمىزدەكمۇ؟

ـ ياق ئىككىمىزدەك بولالمايدۇ.

ـ ئەمسە ئىككىمىز يېقىنكەنمىز دە،

ـ يېقىن؟ دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدەكمۇ؟

ـ ياق، بىر جۈپ ئاياغدەك.

ـ شۇنداق قەدىرسىزما؟

ـ جۈپ نەرسىلەر قەدىرسىز بولامدۇ؟

ئۇنى بىر مەيدان تانسىغا تارتتىم. تانسا ئويناۋېتپ قىپقىزىل كۆڭلەك كەيگەن بۇ قىزنىڭ خىياللىرىمنى ئۆزىگە يىغۋالغان ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچىرشىشتىكى قىز ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلدىم. سەزگۈم ھېچنىمنى تۇيماي ياتقان مەستەك جىمجىت بولۇشىدىن قورقۇپ قالدىم، بۇنداق بولغاندا ئىچىمدىكى ئەسەببىي ھېسىياتنى ئۆلتۈرەلمەي ئەكسىچە ئەسەببىي ھېسىيات مېنى ئۆلتۈرۈپ قوياتتى.

كېچە يېنىمدىكى قىزنىڭ چاچلىرىدىن رەڭلىنىپ بولغاندى، كوچا چىراغلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرىدەك مېنى زوقلاندۇرماقتا ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن دېسكوخاندىن چىقىپ پىيادە ماڭدىم، ئۇ مەن ئىچكەن ئازغىنە ھاراقتىن ئەنسىرەپ پىيادە ماڭايلى دەپ تۇرۋالمىغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇنچە گۈزەل تۇيغۇنى ھېس قىلالماس ئىكەنمەن. ئۇنى ئىچىمدىكى ئەسەببىي ھېسىياتقا بوي سۇندۇرماقچى بولدۇم، لىكىن ئۇ ئالدىراپ گەپكە كىردىغاندەك قىلمايتتى. ئۇنى گۈلگە ئوخشاتقۇم كىلىپ قوناقگۈلگە ئوخشىتىپ قالدىم. ئاڭلىشىمچە قوناقگۈل نەچچە يىلدا بىر ئېچلارمىش، تەلەيلىك كىشى ئېچىلغىننى كۆرەلەرمىش. يېنىمدىكى قىز قوناقگۈلدەك گۈزەل ۋە جەلىپكار ئىدى.

ـ سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمىشقا گۈل ئەمەس، بىرلا پەرزەنت ئوخشىمامسىز؟

ـ قىزلارنىڭ ھەممىسى گۈل بولامدۇ؟  مەن بىرلا بالا بولغاچقا يىگانە دەپ ئىسىم قويۇپتىكەن.

ـ ئۆزىڭىزمۇ يىگانىمۇ يا ؟

ـ يىگانە دېسىڭىز يىگانە، سىزدە شۇنداق كۆز بولسىلا

ئۇنىڭ گىپى ئىشەنچىمنى ئاشۇردى، يۈركۈمنى يوغانتىپ ئىچىمىكى ئەسەببىي ھېسىياتقا بايرام قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى مۇئامىلسىنى مۈشۈك سىياقلىق قىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەسەببىي ھېسىياتىمغا تۇتۇرۇق بولغان مۇئامىلسىگە ئوخشاتىميۇ يەنلا تىڭىرقىغىنىمچە ۋاز كەچتىم، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىردىن بىر خىل مەغرۇرلۇق، بىر خىل سېھىرى نۇر توختىماستىن تۆكۈلۈپ دادىل ھەركەت قىلشىمغا توسالغۇ بولۇپ قېلىۋاتاتتى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھېسياتتا بولۇۋاتاتتىم. - ياق، ئۇنداق ئەمەس- دېدىم مەن ئىچىمدە دەرھال بىخلىنۋاتقان ھېسياتىمغا قارشى ھالدا. ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇ كىم مەن كىم؟ ئۇ دېگەن مۈشۈك سىياقلىق قىز تونۇشتۇرغان مۈشۈك، پەقەت چىرايلىقراق مۈشۈك بولۇپ قالغان يېرىلا بار شۇ، مۈشۈك بولمىسا ئاشۇنداق كىيملەرنى ئۆزنىڭ ئۈستىگە رەڭ قىلارمىدى. مۈشۈك بولمىسا بۇ كېچىدە بىر قۇتىراۋاتقان ئەر بىلەن كوچىدا قالارمىدى. مەن ئىچىمدە ئۆزۈمگە شۇلارنى دەپ تەسەللىي ۋە مەدەت بەردىم، يۈركۈم ئاستا ـ ئاستا يوغانماقتا ئىدى.

  مەن ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم. ھەركەت قىلىش كېرەك، ھەركەت قىلغاندىمۇ ئۇنىڭغا سەزدۈرمەسلىك كېرەك. مەن رەزىل پىلانىم بويىچە ئۇنىڭغا ئېرىشتىم... بىر تال دورا مەن ئاشىدىغان دۆڭلەرنى، مەن كېزىدىغان چۆللەرنى قىسقارتتى. بىر تال دورا مېنى ناھايىتى تىز ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكۈزدى، ئەپسۇس، مەن مەلئۇن بولۇپ كەتتىم. ئاپئاق كىرلىككە سىڭىپ قالغان قىپقىزىل قان دېغى سەزگۈمنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلغاندا گېلىمنى قان دېغىنىڭ كۆرۈنمەس قولغا ئايلىنىپ سىقۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولغان شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مەلئۇن بولۇپ كەتتىم...

مەن ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ سىرىتقا چىقتىم، ماشىنامنى ئوت ئالدۇرۇپ مەخسەت ـ نىشانسىزلا كوچىلارنى ئايلاندىم. كېچە مېنىڭ سەزگۈمنى مازاق قىلۋاتقاندەك ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى بىر-بىرلەپ يۈتۈپ كېتىۋاتماقتا ئېدى، قاپقارا كېچىدەك يېيىلغان چاچلار، بىھۇش نەپەسلەر، پۇشايمان بىر ئالغان ياتاق ئىچى مېنى توختىماستىن ئۆزىگە تارتىپ مېنى خىيال قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتى.

  ئۇنى خىيال قىلدىم...

مەن ياتاق ئىشكىنى ئاستا ئېچىپ قايتىپ كىردىم، ئۇ ئىشرەتخور خوتۇنلاردەك پۇتلىرىنى كەرىگىنچە كارۋات ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى، بۇ ھالىتى گويا نەشتەرسىز، رايىش يىلانلارغا ئوخشايتتى...   

  ئۇنى خىيال قىلدىم...

ياتاق ئىشكىنى ئاستا ئېچىپ ئىچىگە كىردىم. توڭلاتقۇدەك سوۋۇپ كەتكەن ياتاق ئىچىگە دەستە ـ دەستە مۇزدەك نەپرەتلەر چېچىلغان ئىدى. ئۇ چاچلىرىنى يۇلۇپ چىرقىرغىنىچە بىرنىملەرنى دەيتتى، توختىماستىن تۆككەن ياشلىرى مەلئۇنلۇق تامغام بېسىلغان كارۋاتنى نەمدەپ بولغاندى...

  ئۇنى خىيال قىلدىم.

ياتاق ئىشكىدىن مەستلەردەك ئەلەڭ ـ سەلەڭ كىرىپ كەلدىم. ئۇ ياقامدىن ئالدى. ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا قەرزىدار ھېس قىلىپ يۈزلىرىمگە تۈكۈرشىدىن، كاچاتلاشلىردىن قورقۇپ قالمىدىم، پەقەت ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنى ۋە بۇ قەرىزدىن قانداق ئۇسۇل بىلەن تېنىۋېلىشنى ئويلىدىم...

  ئۇنى خىيال قىلدىم...

ياتاق ئىچىگە كىرىپ ئۇنىڭ كۆزلىردىكى سھېىرنىڭ مەۋجۇدلىقىنى يوقاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ كۆلىرىمدىن نىملەرنىدۇر ئىزلىدى، مەن ئاستاغىنە ئۇنى باغرىمغا باستىم. گۇناھىمنى بوينۇمغا ئالماقچى، ئۇنى تۇرمۇشىمنىڭ بىر قىسمى قىلماقچى بولدۇم..

  ئۇنى خىيال قىلدىم. ئۇنىڭ مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ماڭا مۇھتاجلىقىنى، مېنىڭ ئەركەكلەرچە مەسئۇلىيىتىمنى تەلەپ قىلۋاتقانلىقىنى خىيال قىلدىم.

رولنى ئارقامغا بۇراپ ياتاققا قايتماقچى بولدۇم، ئۇ مېنى ساقلاۋاتاتتى، ئۇ مېنىڭ قايتىدىغانلىقىمنى بىلەتتى...

كېچە قاپقارا رەڭگىنى زىمنىغا چاچماقتا ئېدى. ئۇنىڭ يېنىغا قايتماقچى بولدۇم. سۈرئىتىمنى تىزلەتتىم، ماشىنامنىڭ ماي تەپكىسىنى غورۇرىمنى دەسىگەندەك كۈچەپ دەسىدىم. بىر قانچە تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئۆتكىنىمدىلا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكىنىمنى سەزدىم.خىيال مېڭەمنى يەپ كەتتىمۇ ياكى ماڭا ئۇچىرىغنىمۇ بىر مەلئۇنمۇبىلمىدىم،ئاخرقى تۆت كوچا ئېغىزىدا كونتىروللۇقىمنى يوقاتتىم. ئالدىمدىكى ماشىنا بىلەن يىگانەنىڭ قاراشلىرىدەك دەشھەتلىك سوقۇلدۇم... قىپقىزىل قان، قىزىل ماشنا، قىزىل رەڭ يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك قىپقىزىل قانلىرىمنى، ئاستا ـ ئاستا تۈگەۋاتقان ماغدۇرۇمنى شورىماقتا ئىدى. قانچىلىك ئۆتكىننى بىلمەيمەن، كۆزلىرىمگە ئەزرائىلنىڭ قەدەملىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ مېنى غايىب بىرى كۆتۈرۈپ ماڭدى. مەن شۇچاغدىلا تۆۋە قىلىپ رەببىمگە مىڭ  سەجدە قىلمىغىمدىن ئەخمەخلەرچە ئۆكۈندۈم.

   كېسەلخاندىن تاراۋاتقان دورا پۇرىقى تەپەككۇرۇمنى، سەزگۈمنى، خىياللىرىمنى تاتىلماقتا. مەن خاتىرەمنى يوقاتماقتا يوق خاتىرەمگە كىشىنى بىزار قىلدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئەسلىملەرنى قوشۇۋالدىم. كۈچلۈك دورا پۇرىقى خىيالىمدىكى دورا بىلەن قوشۇلۇپ بۇرنىمنى تېخىمۇ بەك قىچىشتۇراتتى. مەن قىرىق كۈنلۈك روھى مەھكۇملىقنىڭ دەردىنى ياتاقتىكى غېرىپلىقىمغا، تېنىمدىكى ئاغىرىق ئازابىغا قوشۇپ يەتكۈچە بەھىرلەندىم. ئازاپ ـ كۆرۈنمەس رەڭدەك پۈتۈن بەدىنىمگە، كىسەللىك ئاسارىتى قالغان سەزگۈمگە چېچىلىپ، مېنى تامامەن شۇ كۆرۈنمەس رەڭ بىلەن بىزەپ تاشلىدى. مەن ئاستا ـ ئاستا رەڭ ئۆزگەرتىۋاتاتتىم.ئۆزۈمنى سىمغا ئېسلغان ئاسمىدەك، سىمدىكى ئاسمىنى تاشقى دۇنيانىڭ خىلمۇ ـ خىل رەڭلىرىگە چىلىنىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن مەندەك ھېس قىلىپ ئولتۇرغىنىمدا مۈشۈك سىياقلىق قىز مېنى يوقلاپ كەلدى.

  ـ ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بوۋايغىلا ئوخشاپ قاپسىزغۇ؟ نىمانچىلا ئۇرۇقلاپ كەتكەنسىز، تەستە تاپتىم سىزنى. دېدى ئۇ بۇرۇنقىدەك قولىنى تەڭلىمەسىتىن،سالام قىلىپ بولۇپ .

نىمىشقىكىن بۇ قېتىم ئۇ ئالدىمدا يەنىلا شۇ تارغىنە ئىشتان بىلەن مانا مەن دەپ تۇرسىمۇ سېرىق مۈشۈككە ئوخشتالمىدىم. سەگۈم، خىيال قىلدىغان مىڭەم، سېستىمىسى ۋىروسلانغان كومپىيوتىردەك ماڭا ماسلاشمايتتى.

ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سالامەت تۇرۇپسىز، دېدىم جاۋابەن بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ كىيملىرنىڭ رەڭگىگە سىنچىلاپ قارماستىن.

ـ بالدۇر كەلسەم بولاتتى، بىكار بولالمىدىم. يېقىندا توي قىلمەن، ئۇنغىچە سىزمۇ دوختۇرخاندىن چىقارسىز، تويۇمغا بېرىڭ، بۇ خەت مەندە تۇرغىلىمۇ نەچچە كۈن بولدى، يىگانە بىرىپ قويۇڭ دېگەن. راسىت، ئۇنى يوقلاپ قويۇڭ.- دېدى ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان قىياپەت ۋە تەلەپپۇز بىلەن.

ئۇنى كارۋاتتىن سەل مىدىرلاپ قويۇپلا ئۇزاتتىم. ئۇنىڭ ئالدىرغىنىدىن رەنجىمىدىم، ئەمما ئۇ كىتىپ قولۇمدىكى خەتنى قايتا ـ قايتا ئوقۇپ چىقتىم.

خەتتىكى نۇر، خەتتىكى كۆز يېشى، خەتتىكى پۇشايمان ئىچىمگە تەسۋىرلىگۈسىز بىر ئېقىمنى سالدى، مەن بۇ ئېقىمدا خۇددى كۆز ياشلىرىمدەك ئاقتىم. دەريا ـ دەريا بولۇپ مەخپىغىنا ئاقتىم...

«مەن سىز توغۇرلۇق مومامدىن ئاڭلىغان، تۇنجى قېتىم مومام ماڭا بىر ئەر كىشىنىڭ گىپىنى قىلىپ مېنى خىجىل قىلغاندى. سىز مومامنى بىلسىز، كونا مەھەللدىكى ئاسىيەخان موماي مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەسلىمەم ئىدى. سىز قوشۇلدىڭىز، قاچانلاردا قوشۇلغىنڭىزنى دەپ بىرەلمەيمەن، ئاتا-ئانامدىن يىتىم قېلىپ مومامنىڭ پەرۋىشىدە چوڭ بولغىنىمدا مومامنىڭ مېنى سىزگە ئوخشاش ياخشى ئەرگە ياتىلىق قىلشنى بىردىنبىر ئارزۇسى قىلىپ كەلگىننى بىلىپ سىزنىڭ گېپىڭزنى قىلىپ ئىسمىڭىزنى دەپ بەرگندىلا ئاندىن سىزگە دېققەت قىلىپ قالدىم. قەلبىمدە مۇھەببەت گۈلخانلىرى يانمىغاچقىمكىن، سىزگە بولغان ھىسياتىم، ۋە سىزنى خىيال قىلىپ قالغانلىرىم سىزنى چۈشۈمگە ئېلىپ كىرگەندى.   مەن ئەنە شۇ سىزنىڭ تىلىڭىز بىلەن چۈشۈمدىن باشلانغان تۇيغۇمدىكى بوشلۇقتا تاراۋاتقان مۇقەددەس ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ سىزگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم. ئەپسۇس، كۈنسايىن قورسىقى يوغناۋاتقان شەھەرنىڭ كىڭيىشى بىزنىڭ بىر مەھەللىك ئاددىي مۇناسۋتىمىزنىمۇ بۇزۇپ تاشلىدى.  ئۆيىمىز ئاخىردا چېقىلدى، ئۆيىمىزگە قېتىلىپ ئەسلىمىلىرىممۇ چېقىپ تاشلاندى، مەن ئەينەكتەك پارچە ـ پارچە بولۇپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىمدىن سىزنى ئىزلىدىم. شۇنداق، سىزنى ئىزلەپ، سىز كۆچۈپ كەتكەن ئولتۇراق رايۇنغا يەنە كىلىپ سىز ئولتۇردىغان بىنانىڭ ئۇدۇلدىكى بىناغا كۆچۈپ كەلدىم. سەككىز ئاي سىزنى دېرىزە پەردىسى كەينىدە، ماگزىنلارنىڭ ئىچىدە، قىسقىسى سىزنى ئۇچىرتىش مۇمكىن بولغان جايلاردا مەخپىغىنا كۈزەتتىم. سىز مېنى تۇيمىدىڭىز، ھەتتا ئۇدۇل كىلىپ قېىلشقىنمىزدىمۇ كۆزۈڭىز مېنى كۆرمىدى...»

  «سىزنى دەپ سىزنىڭ ياختۇرشىڭىزغا ئىرشىشتىكى خۇشاللىقنى دەپ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ساۋاقدېشىمنى ئىزدىدىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ سودا سارايدىن چىققىنڭىزنى كۆرۈپ ساۋاقدېشىمنىڭ سىزنى تۇنۇيدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا ياردەم قىلمەن دەپ ماڭا سىزنى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىشنى دەپ بەرمەستىن قانداق قىلىپ ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئۈگەتتى. سىزنى دەپ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە خىيالىمغىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان كىيملەر بىلەن ‹ئۇ كالتە كۆڭلەك ئەمەليەتتە ئۇنىڭ ئىدى›  سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇق. تىياتىرخاننىڭ ئالدىدا سىزنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك مەغرۇر قىياپتتە كۆرۈپ قولىڭىزنى تۇتۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم، شۇ چاغدىمىۇ مېنى تونۇمىدىڭىز، كۆزلىرىڭىز مېنى كۆرمىدى...»

  «كۆزلىرىڭىز مېنى كۆرمىدى. سىز بىلەن تالاي يۇلتۇزلارنى زىننەت قىلغان كېچىنى پىيادە ئايلانىغىنىمنى ئۇنۇتالمايمەن. گۈزەل كېچە، گۈزەل مىنۇتلار...كۆزلىرىم خۇمارلىشىپ، تورلاشتى. مەن كونتىروللىقىمنى يوقاتتىم، سىزگە بولغان ئىشەنچىم ئىختىيارىمنى  سىزگە تاپشۇردى. ئەپسۇس...»

  «سەھەردە سىزنى چۈشەپ قاپتىمەن، ئات مىنىپ كىلۋاتقۇدەكسىز. ئاپئاق توي كۆڭلىكىمنىڭ رەڭگىدىن ئېتىڭىز چۈچۈپ كىتىپ يېنىمغا ئاز قالغىنىزدا سىزنى ئۈستىدىن تاشلىۋېتىپتۇ. سىز يەرگە ۋارقىراپ يىقىلغىنڭىزچە بىر ھازا ھېچنىمىنى تۇيماي يېتىپسىز. سىزنى توختىماسىتىن چاقىرسام ئەسلىڭىزگە كەپسىزيۇ مېنى كۆرۈپ چۆچۈپ تۇرۇپ كېتىپ قامچىڭىز بىلەن يۈزىمگە چاقماق ئۇرغاندەك نەچچىنى ئۇرۋىىتىپ كېتىپ قاپسىز...»

   «كۆز يېشىمغا چىلانغان ياتاق، ئاقىۋەتتە سىزگە مەنسۇپ بولدىغان ئەمما مەزگىلسىز تۆكۈلگەن كىرلىكتىكى ئامانىتىم، ئۈستەل ئۈستىدە تاشلىنىپ ياتقان ھاراق بوتۇلكىسى، تاماكا قالدۇقلىرى مېنى چەكسىز ئازابلىدى...»

   «ئىككى ئاي سىزنى كۈتتۈم، تېلغۇنىڭىز ئىزچىل تەلىيىمگە باقمىدى. سىز مېنى قاتتىق ئۈمىدىسىزلەندۈردىڭىز، قەلبىمدىكى ئوبرازىڭىز خۈنۈك رەڭدەك تۆكۈلۈپ كەتتى...»

«ھاياتىمدا خۇشاللىقنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى مومامنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن بىلگەن ئىدىم. ئۇ مېنى قەۋەتلا سۆيەتتى، مەنمۇ ئۇنى سۆيەتتىم. سىزنىمۇ مومادەك مۇققەدەس بىلەتتىم، ئەمما سىز تېخى ئەمدىلا غۇنچىلغان ياشلىق گۈلۈمنىڭ رەڭدار بەرگىللىرىنى بىراقلا تىتىپ تاشلىدىڭىز...»

   «مەن ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا ـ ئانامنى، دوختۇرخانىغا كىرىشكە ئۇنىماي كىتىپ قالغان مومانى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. بەلكىم مومام يالغۇز قالغاندۇ؟ ئۇ مېنى سېغىنغاندۇ...؟»

«ئىسمىمنىڭ يىگانە ئىكەنلىكىدىن ئەجەپلىنىپ «يىگانىما سىز» دەپ سورىغان ئېدىڭىز، ھازىر نەقەدەر يىگانە قالغانلىقىمنى ھىس قىلماقتىمەن، ئەمدىغۇ يىگانە ئىكەنلىكمگە ئەجەپلەنمەيدىغانسىز...»

«قىسىغىنە ھاياتىمدا، بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم پەقەتلا سىز ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىپ،گۇناھىڭىزغا تۆۋە قىلسىڭىز ياشلىرىمنى توختىتىپ قاالايسىز... سىزنى كۈتىمەن، سىزنىڭ مېنى ئىزدەيدىغانلىقىڭىزنى، ھامان مەن بىلەن ئۇچىرشىدىغىنڭىزنى بىلىمەن. بۇ سىز توسۇپ قالالمايدىغان ھەقىقەت...»

ئۇنىڭ خېتى مېنى سەزگۈلىرىمدە نەچچە قېتىم ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسما ئوكۇلنى ئېلىپ تاشلاپ، ياتاقتىكى دورا پۇرقىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم. روھسىز تېنىمنى سۆرەپ رەڭگىنى يوقاتقان تاكسى بىلەن ئۆيۈمگە قايتتىم. ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، مۈشۈك سىياقلىق قىزدىن ئۇنىڭ خەۋرىنى ئالالماي روھىم چىقىپ كەتكەندەك نەچچە كۈننى ئەلەڭ-سەلەڭ ئۆتكۈزدۈم.

تەكچىدىكى گۈل ئۆلۈپ قالغان ئىدى. جىمجىتلىقتا ئۆمۈچۈكلەرگە ماكان بولۇپ كەتكەن ئۆيۈم مېنىڭ ئارامسىز كەيپىياتمنى چىكىگە يەتكۈزدى. مەن ئىشكاپ ئىچىدىكى ھاراقنى ئېلىپ ئىچمەكچى بولدۇم. بوتۇلكىدىكى قىپقىزىل سۇيۇقلۇق كۆزلىرىمگە قىزىل قاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. كۆزۈمنى يۇمۇپلا ھەممىنى كۆتۈرۋەتتىم. قىپقىزىل ھاراق، قىپقىزىل قان، قىزىل كۆڭلەك، قىزىل رەڭ... خىياللىرىمنى بويىۋەتتى. تۇيۇقسىز سىرىتقا چىققۇم كەلدى. دېرىزە يېنىغا كىلىىپ دېدىزىدىن يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان شەھەرگە، چۈمۈلىدەك مېىڭىپ يۈرگەن ئادەملەرگە قاراپ خىيال قىلىپ قالدىم.

                                                                     

        

قۇربانجان تەۋەككۈل

2012/5/10

  forum.php?mod=viewthread&tid=9475


نەدىمۇ ھېكايىنىڭ بېشىغا "ھېكايىنىڭ ئۇسلۇبى مۇنداق،  مەقسىدى مۇنداق'' دەپ ئېلىنىدىغان ئىش بار؟
مانا بىزدەك ساپاسىز باشقۇرغۇچىلار سىلەردەك ياشلارغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، مانا مۇشۇنداق "ئەسەرلەر'' نىمۇ تەستىقلاپ چىقىرىمىز،  تەستىقلىمىغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن سىزلەردىن ئىزا-ئاھانەت ئىشتىمىز. بىراق، سىلەردەك قايتا ياندۇرۇپ تىل سالمايمىز، مانا بۇ بىزدىكى يەنە بىر "ساپاسىزلىق''.
ئەمدى، ئۆزىڭىزنىڭ تەستىقلانمىغان تېما-ئەسەرلىرىڭىز ئۈچۈن، ئۇچۇر كۆزنىكىدە باشقۇرغۇچىلارغا تىل سالغانلىقىڭىز يادىڭىزغا كەلدە ھەقاچان.





  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-13 00:01  


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 00:09:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال،
ئىنكاسىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىڭنىڭ كۆپ جايلىرى ئوبيىكتىپ، ئەتراپلىق بوپتۇ.
رەھمەت!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 01:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەرچىن ئەپەندىم، مەن ئەسكەرتىپ قويغان، خەت نۇرمال ئەمەس،ئايپىغا باشقۇرغۇچىلار قاراپ باقسا دەپ.ئىملايىمدىكى مەسلە دەل شۇ يەردە.
يەنە بىر گەپ 3ئايدىن بۇيان سىزدەك باشقۇرغۇچىلارغا تولا ھاۋالە سۆزلەپمۇ ئايپىدىكى مەسلىنى ئوڭشىتالمىدىم، ئەگەر ئېغىر ئالماي شۇ ئىشنى بىجىرسىڭىزلا مەن ئارخۋىمنى مىنوت ئىچىدە تولۇقلاپ قويمەن، بەلكى ئەسەر يوللامەن تېخى. كىملىكنى تىڭتىڭلاش خۇمارىڭىزمۇ شۇھامان بېسىقىدۇ.
ئەسەر لاياقىتى بولمىغان نەرسىنى ئۆزىڭىز چىقىرىپ ئاندىن بۇ نىمە قىلغىنىڭ دەپ خەققە پەش قىلغىنىڭىز بىر قارا يۈمۈر بوپتۇ دېسە

باھا سۆز

يانغىن  بۇ ip دىكى مەسلە ئەمەس . 278407448 چ چ رىمنى قۇشۇۋالسىڭىز مەن ئوڭشاپ بىرەي .  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 02:20:38
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 11:49:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيپى بىلەن ئىملانىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
بۇ مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان ئىكەنمىز،  بۇ مۇنبەرگە ئەسەر، ئىنكاس يوللايدىغانلارنىڭ ئارخپىنى كۆرۈش ھوقۇقىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار.
ئۆزى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى «ساپاسىز» دېگەن ئىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزى يازغان يازمىنىڭ لاياقىتى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك.
بۇنى كۆرسىتىشىم، ئۇلاردەك، تېمىسى تەستىقلانمىسا باشقۇرغۇچىلارغا تىل سالىدىغان كۆكەمە، كۆك ماڭقىلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش.


سىزگە دەيدىغىنىم، سىز بۇ مۇنبەدىكى باشقۇرغۇچىلارنى"ساپاسىز'' لىققا چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىملا ساۋادىڭىزنى چىقىرىپ، "ئىملا ساپاسىزلىقى'' ڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىقىڭ. ئاندىن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-13 11:52  


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 11:59:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن ئەپەندىم، مەن ئەسكەرتىپ قويغان، خەت نورمال ئەمەس، ئايپىغا باشقۇرغۇچىلار قاراپ باقسا دەپ.ئىملايىمدىكى مەسىلە دەل شۇ يەردە.
يەنە بىر گەپ، 3ئايدىن بۇيان سىزدەك باشقۇرغۇچىلارغا تولا ھاۋالە سۆزلەپمۇ ئايپىدىكى مەسىلىنى ئوڭشىتالمىدىم، ئەگەر ئېغىر ئالماي شۇ ئىشنى بېجىرسىڭىزلا مەن ئارخىپىمنى مىنۇت ئىچىدە تولۇقلاپ قويىمەن، بەلكى ئەسەر يوللامەن تېخى. كىملىكنى تىڭتىڭلاش خۇمارىڭىزمۇ شۇھامان بېسىقىدۇ.
ئەسەر لاياقىتى بولمىغان نەرسىنى ئۆزىڭىز چىقىرىپ، ئاندىن بۇ نېمە قىلغىنىڭ، دەپ خەققە پەش قىلغىنىڭىز بىر قارا يۇمۇر بوپتۇ دېسە.

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  831
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 142
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 13:40:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن چاپلاپ قويغان رەڭ پەسلى مۇدىرنىزىم ئۇسلۇبىدا يېزىلغانكەن ھە؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 866
تۆھپە : 5
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 18:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمان ئاكا، ئوتلۇقنىڭ  ئۇ ھېكايىسى مېىنىڭچە ياخشى يېزىلغان. يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ نورمال سەۋىيسىگە ماس كېلىشىدە گەپ يوق. مىسال قىلىنغان ئۇ شېئىرغا كەلسەك مۇنبەرگە بېرىلگەن نۇرغۇن شېئىرلارغا قارىغاندا يەنىلا ياخشى يېزىلغان دىيىشكە بولىدۇ. ئەسەرگە قېتىلىپ قالغان ئارتۇقچە بايان ۋە قىستۇرمىلارنى رەتلەش ئەلىۋەتتە مۇھەررىرلەرنىڭ ئىشى، چۈنكى بىز مۇھەررىر ۋە كوررېكتورلارنى يازغۇچىنى تەربىيلەشتە رولى چوڭ دەپ قارايمىز.
توغرا، بىز مۇنبەرگە ئەسەر يوللىساق بەزىدە مۇنبەردە «كۆرۈنمەي» قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تونۇش-بىلىش مۇھەررىرلەرگە ئۇچۇر قالدۇرۇپ ئەسىرىمىز ھەققىدە بىر ھازا سۆزلەيمىز. چۈنكى بىز ئۇ ئەسەرگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدىمىزنى يۇغۇرغان. بەزى ئەخلەتخانىغا يوللىۋېتىلگەن ئەسەرلىرىمىز ئۈچۈن مۇھەررىرلەرگە جار سالغان يېرىمىزمۇ باردۇ؟ لېكىن سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇنبەر «ئۆلچىمى» گە توشماي ئەخلەتخانىغا يوللىۋېتىلگەن ئەسەرلەر راستىنلا شۇنداق ناچارمىدۇ؟ نېمىشقا ئۇ ئەسەرلەر مۇنبەردىكى كەڭ ئوقۇرمەننىڭ باھالاپ بېقىشىغا تاپشۇرۇلمايدۇ؟ شۇ تېمىنى كۆرگەن مۇھەررىرنىڭ شەخسى ئەدەبىي قارشى بىلەن قالدۇرېۋېتىش ئادىللىقمۇ؟ سىز مۇنبەردە مۇھەررىر، ئادەتتىمۇ بىز ھۆرمىتىڭىزنى قىلىدىغان مۇنەۋەر ئەدىبسىز... شۇڭا سىزنىڭ بۇ تېمىدا مۇنبەر ئۈچۈن پىكىر قىلىۋاتقان ھەربىر ئەزاغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى، ئىجابىي يېتەكلەش تەرەپدارى بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن...


يىراقتىن بىر قارا كۆلەڭگە ماڭا قاراپ كەلمەكتە...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 866
تۆھپە : 5
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 18:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەرجان يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 13:40
ئەرچىن چاپلاپ قويغان رەڭ پەسلى مۇدىرنىزىم ئۇسلۇبىدا ي ...

رەڭ پەسلى




<ھېكايە>





< زامانۋى جەميەتنىڭ شەھەرلىشىشى ئويغۇر ياشلىرىغا زور روھى كىرزىس ئېلىپ كەلدى. بۇ ھېكايىدە مۇدىرنىزىمچە ئۇسلۇب ئارقىلىق قىز -ئوغوللار ئارسىدىكى تىپىكلەشكەن روھى كىرزىسنى بەدئىي تىپ،  ئۆزگىچە بايان نوقتىسى ئارقىلىق ئېچىپ  بىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ>


ماترىيالىڭىزدا يېشىڭىز بولمىغىنى ئۈچۈن سىزنى قانداق ئاتاشنى بىلمىدىم، شۇڭا مۇختەرجان ئەپەندىم دەپ چاقىرىۋېرەي...ئاپتور بۇ ھېكايىسىنىڭ بېشىدىمۇ بۇ ھېكايىنىڭ «مودىرنىزىم» چە ئۇسلۇپ بىلەن ئاشۇنداق روھى كىرزىسنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك دېگەن    قەدەمدە بىر ئۇچىرايدۇ... ماقۇل، ئوتلۇق بۇ ھېكايىسىدە مەقسىتىگە يېتەلمىگەنمۇ بولسۇن، ئۇنداقتا سىزنىڭچە مودىرنىزىمچە يېزىلغان ھېكايە قانداق بولىدۇ؟...
مەن پەقەت سەمىمىي پىكرىڭىزنى ئاڭلاشنى ساقلايمەن...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇڭلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-13 18:38  


يىراقتىن بىر قارا كۆلەڭگە ماڭا قاراپ كەلمەكتە...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 19:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 11:49
ئەيپى بىلەن ئىملانىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
بۇ مۇنبەرنى ...

、ئەرچىن ئەپەندىم مەنمۇ شۇ قۇلۇمدىن كڭلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ رېمۇنىتچىلارنى تەكلىپ قىلىپمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ ئېكرانىمدا كۆرىنىۋاتقان شەكلىنى ئايپىغا ئارتىپ ئاندىن سىزگە قاراپ باققان بولسىڭىز دەۋاتممەن!
كىملىكمنى بىلىشىم كېرەك دەپ تۇرۋالدىغان قانداق ھوقۇق ئۇ؟ قانۇنغا خىلاپ گەپ قىلسام ئەيپى ئېنىقلاپلا تور ساقچىلىرى سىزدىن بۇرۇن جايلايدۇ،بۇنىسى سىزگە قاراڭغۇ ئەمەس، ئەمدى يەنە كىمنىڭ يوليۇرىقى بىلەن كىملىكمگە قىزىقىپ قالدىڭىز؟ شەخسى قىزىقىشمۇ يا؟
مۇقۇرلارنڭمۇ يەنە شۇنداق ئىلكمەك تۇقۇناق يېزىۋاتمەن ،ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز چچ رىمنى قوشۇڭ، سىزگە رەسىم شەكلىدە ئەۋەتىپ بىرەي،
يەنە بۈىر گەپ مەن نوقۇل بۇ مۇنبەردىكى بىرەر ئەسەرنى ساپاسىز دەپ باھا قىلغۇچى بولمىدىم تېخى، مەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىدا مەسلە بار ،دەپ قارۋاتمەن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 19:23:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە خاتا ئويلاپ قالغاندەق قىلىسىز، مەن تېخى بۇمۇنبەردە 6ئايدىن بۇيان بىر نەرسە ئېلان قىلىپ باكمىدىم، چچدىكى ئىسمىمغا قاراپلا مىنى قۇربان تەۋەككۇلمىكىن دەپ قالماڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 19:38:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 19:44:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن ئەپەندىم ، ئارخىۋىمنى تولۇقلاپ قويدۇم، پۇخادىن چىقىۋېلىڭ. يانغىنغا كۆپ رەھمەت!!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 19:52:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 19:38
بۇ يەردە سۆز ئويۇنى ئويناشقا توغرا كېلىپ قالدى .
ھەر قا ...

سۆز ئويۇنى ئەمەس مەسىلىنىڭ نەق نېگىزىنى تۇتۇپسىز! ئاۋال شەيئى ،ئاندىن تەرەققىيات توغرىلىق تەپسىلىي توختالغۇلۇق.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 21:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەرچىن ئەپەندىگە كىچىككىنە پىكرىم بار! تەپسىلى قاراپ باقتىم، يازغۇچىلار تورىدا ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان سەھىپىلەر تۆۋەندىكىدەك:1.نەسىر2.مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر3.غەرىپ ئەدەبىياتى4.باشقا ئەللەر ئەدەبىياتى5.خەنزۇ ئەدەبىياتى6.ئىجادىي خەۋەر7.ئەدىبلەر ئالبۇمى8.ئۇنۋېرسال ئۇچۇر9......يوقكەن!
ھۆرمەتلىك ئەرچىن ئەپەندم ئۆزلىرى مەسئۇل بولمىغان سەھيىپىدە سىلى نىمە ئىش قىلىۋاتلا؟
ئۆزلىرى يازغۇچىلار تورىنىڭ قازىسىمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش