ئىگىسى: nurbag

بىر جۈملىلىك مۇلاھىزە ___ نۇربەگ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 23:22:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مەن سىز بىلەن ئوخشاش پۇچۇلىنىمەن، قىممەتلەرگە كۆز يۇمۇلۇۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتقىنىم مېنىڭ بەختىممۇ ئەمەس!
قاسىمجان، پىكىرىڭىز بەك ئورۇنلۇق. بىزدە ھېچ بولمىغاندا « پۇچۇلىنىش » بار. شۇنداق بولغاچقا بىز ھاياتتىن ئىبارەت ئۆتكۈنچى لەھزىدىن مەنە يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىمىز. بىزگە بىرنەسە ئايان، ئۇ بولسىمۇ ھاياتىمىزنىڭ بىھۇدىلىكى سانسىز مەنە ياراتقۇچىلاردىن « تەم »لىك بولىشىدا. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى كۆزى كاۋاك دۇنيا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە نۇرغا تولغان بولىدۇ. قىزىقى، شۇ نۇرغا تولغان دۇنيانى كۆرىۋاتقانلارنىڭ كۆزى ئەمەلىيەتتە ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالمايدىغان، تېشىغا ئېچىلىپلا تۇرغان كۆز! ئېيتىڭە، تېشىغا ئېچىلغان كۆزنىڭ نە كۆرگىنى، سەزگىنى بولسۇن؟!
  مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئوڭغا جورۇش ئۈستىدە باش قاتۇرايلى، بالىلارنى ئەيمىنىپ ئەسەر سۇنىدىغان قىلىپ قورقۇتىۋەتمەيلى، لۇشۇن 5-بالىلارنى ھەممىمىزنىڭ ۋەكىلى دەپ تۇرۋېلىپ، ئۇلاردىن خاپا بولمايلى.
مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلسەك، بىلىپ بىر تەرەپ قىلغاننىڭ ئازابى بىلەن بىلمەي بىر تەرەپ قىلغاننىڭ شادلىقى كىسىشمەيدىغان ئىككى نوقتا. مۇشۇ ئىككى نوقتا بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەپەككۇردا پەرق بار بولغان بولىدۇ. تەپەككۇردىكى بۇ ئىككى ياقلىمىلىق بىر تەرەپنى « بىھۇدىلىك »كە ئاپارسا، يەنە بىر تەرەپنى « كاسكىلىق »قا ئېلىپ بارغان بولىدۇ. بىھۇدىلىككە يۈزلەنگۈچى ئۆزىنىڭ يولىنىڭ خەتەردە ئىكەنلىكىنى سەزگۈچىدۇر! كاسكىلىققا يۈزلەنگۈچى ئەقىل بىلەن بىلەن ھېسسىياتتىن مەھرۇم بولغۇچىدۇر! ئۇنداقتا بىزنىڭ يولىمىز قايان؟ « لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى 5-قارار »دا تەربىيىلەنگەنلەر مېنىڭچە، بىزنىڭ ۋەكىلىمىز ئەمەس. سىز بىر نوقتىغا دىققەت قىلىڭ، ئەدەبىيات « ۋەكىل » دېگەن سايلام ئۇقۇمىنى كېرەك قىلمايدۇ. بولۇپمۇ تۇيغۇغا يۈزلەنگەن سەنئەتكار بۇنداق ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئۇقۇم ئارقىلىق ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئالدىمايدۇ.  
  مېنىڭچە، ئۇلارمۇ بۇ ھەقتە ئويلىنىۋاتقاندۇ ياكى بۇندىن كېيىن يېڭىچە تەپەككۇرغا يۈرۈش قىلار.
ئېھتىمال! ئەمما، مەن يەنىلا گۇمان بىلەن ياشايمەن.
سىز بىلەن ماڭا ئۇنداق پۇرسەت كەلسە، 20كۈندە 2 پارچە نەرسىمۇ يزالماسىلقىمىز مۈمكىن. لېكىن 20يىلچە يىقىلمىغۇدەك بىر پوتەيمۇ بولسا تىكلىگۈدەك يېڭىلىق يارىتالىشىمىزدا گەپ يوق.
« يېزىش » دېگەن قانداق ئاتالما؟ بىز ئەمدى ئادەم ئالدايدىغان بۇنداق ئاتالمىدىن بىزار ئىكەنلىكىمىزنى تولۇق جاكارلىشىمىز لازىم!...بىزمۇ بەئەينى قەپەستىكى يولۋاستەك ئۆزىمىزگە ئۇرۇنىۋاتىمىز. بۇ ئۇرۇنۇشتىن بىر نەرسە پارلاپ قالسا ئەجەب ئەمەس؟!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-10 23:25  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 23:35:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگ، ئەرچىنگە ئېيتقاندا مۇنداق دەپسىز:
مېنىڭچە، ئەدەبىياتقا كۆيىدىغان يۈرەك بىلەن ئەدەبىياتتا ياشايدىغان يۈرەك تامامەن بىر ئەمەس. ھازىر بىزدە بار بولىۋاتقىنى، دەل ئەدەبىياتتا ياشايدىغان يۈرەكلەر!
-بۇ ئىككى يۈرەكنى ئېنىقراق دەپ ئۆتەمسىز.
قاسىمجان، ئەدەبىياتقا كۆيىدىغان يۈرەك بارلىقىنى ئەدەبىياتقا ئاتىغان، ئەدەبىيات ئۈچۈن ھەر قانداق قۇربانلىقلارنى بېرەلەيدىغان، يەنە كېلىپ ئەدەبىيات ئۈچۈن دارنى قۇبۇل قىلالايدىغان يۈرەك. ئەدەبىيات ئۈچۈن دارنى قۇبۇل قىلالايدىغان يۈرەك بارلىق قىممەتلەردىن گۇمان قىلالايدىغان، ئۆزىنىڭ بۇ گۇمانى ئۈچۈن ھاياتقا ئەمەس، ئۆلۈمگە روبىرو تۇرالايدىغان ھەللاجچە، مەشرەپچە، سادىرچە يۈرەكلەردۇر! بۇ يۈرەكتە ئىسيانلا تولغان بولىدۇ...ئەدەبىياتتا ياشايدىغان يۈرەك ئۇنىڭ ئەكسىچە...
قاسىمجان، مەن دەۋرداشلىرىمدىن پەرھات تۇرسۇن بىلەن يەنە بىركىمنى دەل ئەدەبىياتقا كۆيىدىغان سادىرچە يۈرەكنىڭ داۋامى دېگۈم كېلىدۇ. بۇ ھەقتە سىز قانداق قارايسىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-10 23:35  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 23:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يۈرەكنى ئىككىگە پارچىلاشقا جۈرئەت قىلغىنىڭز، «بىر دانە ئەردىم، مىڭ دانە بولدۇم»دېگەن مەشھۇر مىسرانى ئېسىمگە قايتا سالدى.

  مېنىڭ ئىلگىرىكى ساددا چۈشەنچەمدە «يېزىش، توختىماي يېزىش»لا بار يۈرەك ئەدەبىياتنىڭ يۈرىكى ئېدى. ھازىر «يېزىقتا توختىماي ‹سۆزلەش›» كە ئالماشتى.

  ھازىر سىز دېگەندەك كېسىپلا ئايرىۋېتىش- دىئالىكتىكىلىق بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىشىنىگە قارشى قىممەت قاراش بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.
  قىممەت قاراش مەسىلىسىدە نۇرغۇن بىلەرمەنلەر «ئۇنۋېرسال قىممەت» قاراشنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشەنمەي «ئۆز مەركەزچىلىك»خاھىشىنى ھەتتا ئەدەبىياتقىچە سۆرەپ كىرىپ، ئۇنىڭ پارلاق نۇقتىلىرىنى غۇۋالاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۋەتتى. ئۇلار نەق سىز ئېيتقان «ئەدەبىياتتا ياشايدىغان يۈرەك»كە تەۋەلەر بولۇپ، ئۇلار ئەدەبىياتنى ئۆزىنىڭ ۋاستىسىگە، ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۋېلىشتىن ئويلمىدى. بىراق، بۇنداق كىشىلەر ئارىسىدا ئامالسىز ئەدەبىياتتا ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ بەلگۈلۈك نەدەل تۆلەش نۇقتىسىدا تۇرىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. بۇ ساھەدىمۇ بىر نەچچە ئادەمنى ساناشقا بولىدۇ، ئۇلار قازىلىق تالاشمايدۇكى، ئۈنسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇلار نۆۋىتىدە ئەدەبىياتقا كۆيىدىغانلار بولالمىسىمۇ، كۆيۈنگۈچىلەر قاتارىدا تۇرالايدۇ.
   ئالدىنقىسى، يەنى «ئەدەبىياتقا كۆيگۈچى يۈرەك»كە تەۋەلەر ناۋائىدىن مەشرەپكىچە، يەنە بىر كىشى بىلەن پەرھات تۇرسۇن، ھەتتا سىزگىچە قاتارى تۇرغان چوققىلار بولۇپ، بۇلارنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش بىر پۈتۈن تاغنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىگە كۆز يۇمغانلىق بولىدۇ.
  قسىقىسى، قالغانلارچۇ، دېگەن سۇئالغا كەلسەك، ئۇلار شۇ چوققىلارنى تۆۋەندىن كۈزىتىپ ئۇسساۋاتقانلارغا ھاۋا بەخىش ئېتىۋاتقان نامسىز ئېقىنلاردۇر.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجان،
ئەدەبىياتتىكى چوققا مەسىلىسى بەك ئويلىنىدىغان مەسىلە. بىر مىللەت ئەدەبىياتىدا بىر چوققىنىڭ دەۋر سۈرۈشى شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ مۇسىبىتى. نىمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ چوققا چوققىلارنى يارىتالىسا، ئاندىن ئۇ چوققا شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ روھىغا ئۆزىنىڭ ماكانىنى ئورۇنلاشتۇرالىغان بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۆزى تەنھا مەۋجۇت بولىدىكەن ئۇ چوققىغا چۇقۇم گۇمان بىلەن قاراش لازىم. مەن بۇ قاراشتا يەنە مۇنداق بىر يوچۇققا يول قويدۇم. ئۇ يۇچۇق قايسى؟ بىر مىللەتنىڭ سەزگۈر ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى بولمايدىكەن، يەنىلا چوققىنى توپا بېسىپ قالىدۇ. توپا بېسىپ قالغان چوققا قانداقمۇ چوققىلارنى يارىتالىسۇن؟ بىز دەۋاتقان بىر كىم بىلەن پەرھات تۇرسۇننىڭ 30 يىلغا يېقىن ئۇيغۇر بەدىئى ئەدەبىياتىدا ئۈستۈن تۇرۇشى دەل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىگىلەپ قالغان ئەدەبىيات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ پىكىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بار.
سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنەي، چوققىلار دائىرىسىدىن مېنى سىقىپ چىقىرىۋېتىڭ. ناۋادا بۇ پىكىرىمنى قۇبۇل قىلمىسىڭىز مەن بۇ مۇنازىرىدىن چېكىنىمەن. بىزدىكى چوققا چۇقۇم چوققا بولىشى كېرەك!     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 00:16  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:20:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز نېمىشقا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى سۆزلىرىمىزدىكى ئىسىمغا يىغىنچاقلاش ئارقىلىق تىرىكلەرگە باھا بېرىشكە كۆنۈپ قالدۇق؟ قاچاندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشىنىتىشقا كۆندۈردۇق؟ ئۇلار بۇ ھەقتە ئويلانغانمۇ؟

  - ئۆلۈك بىلەن تىرىكنى سېلىشتۇرۇش گويا ئىچى بىلەن تېشىنى سېلىشتۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ماھىيەتتە بىز بۇ سېلىشتۇرۇشتىن مەنە ئىزدەيمىز. سەۋەبى بىرلا- ئۆلۈم بىلەن ياشانىڭ پەرقىدە ھېچنىمە يوق. پەقەت قالغان مەنە!
  «ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!»- بۇ شۇئار ئىدولۇگىيەنىڭ بىزنى ئالداپ كۆندۈرگەن شانلىق ھاياتىي كۈچى بولۇپ، بىزنى قانداق ئۆلۈشكە يېتەكلىمەكچى بولىدۇ، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە، پۈتۈلگەننى كۆرۈشكە قارشى ئاپىرىدىغان ئاتىسىسچە ئاتالمىش روھتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بىزنىڭ ئاغزىمىزدا، قەلبىمىزدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە يېتىپ كېلىۋاتقانلار ئۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ، ئۇلار قانداق ياشاشنى بىلگەنلىكى بىلەن ئۇلۇغلۇق تەختىدە پارلاپ تۇرىدۇ. قانداق ئۆلۈشنى ئۇلار ھەققە تاپشۇرغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ روھىي مۇنارىنى نۇرغا تولدۇرغان. بۇ بىزنى ھەيرەتتە قالدۇرىۋاتقان ئەنئەنە بولۇپ، ئۇنۋېرسال قىممەت قارىشىنىڭ ئىنسان مەۋجۇدلا بولىدىكەن مەڭگۈ رەڭدار ۋە ھەر قايسى دەۋردە «ئۆز ئەنە» بويىچە قىممىتىنى ساقلاش بىلەن بىرگە كېيىنكى «ئەنئەنە»لەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  «يېقىندىكى ئۆلۈم بىلەن يىراقتىكى ئۆلۈم ئوخشاش. يېقىنلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن يىراقلارنىڭ ئۆلۈمى ئوخشاش. ئۆتۈپ كەتكەن ئۆلۈم بىلەن كېلىدىغان ئۆلۈم ئوخشاش.» دەيدۇ يېڭى ئەنئەنە پاسئان.
  « نە يېقىن، نە يىراق، بەرىبىر ئۆلۈم، مەن ھاياتنى مەنسىتمەي سۆزلىگۈچىمەن!»-دەيدۇ مەندىكى ئەنئەنە!
  سىزدىكىسىچۇ؟


http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  211
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 67
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىردىن،
مېنىڭ مەزكۇر تېمام پەقەت مەندىنلا كۆكلەپ چىقىۋاتىدۇ. مەن سىز يوللىغان ئۇلىنىشتىكى ئۇ تېمىنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. ئېھتىمال بۇندىن كېيىنمۇ كۆرمەسلىكىم مۇمكىن. ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز!

شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1472
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 180
تۆھپە : 3
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:34:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        مۇنبەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تېمىلارغا تېخىمۇ بەك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:37:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurbag يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 00:14
قاسىمجان،
ئەدەبىياتتىكى چوققا مەسىلىسى بەك ئويلىنىدى ...

سەمىمىيلىك-ئىشەنچ جۈملىسدىندۇر، نۇربەگ! پىكىرىڭىزنى ھۆرمەت قىلغىنىم، سىزنى ھۆرمەتلىگىنىم!

  -سىزنىڭ ئىككى چوققا ھەققىدىكى بايانلىرىڭىز باشقا چوققىلارنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىشىڭىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇنداقلا مەن دەۋاتقان ئۇنۋېرسال قىممەتكە بولغان قارىشىڭىزنىڭ مۈجىمەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە، ئۇ چۇققىلار چوقۇم يېڭى چۇققىلارنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقۇچىلاردۇر. بۇمۇ ئوخشاشلا سىزدىكى ھېسسىيات بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش «پۇچىلىنىش»تۇر. لېكىن، بۇ پۇچىلىنىش -ئادەتتىكى پۇچىلىنىش ئەمەس! شۇڭا، مەن «ئۆلۈم»نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئاۋۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ ئۆتتۈم.
  سىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ قاتلىمى ھەققىدە گەپ قىلىپسىز، مەنچە ئوقۇرمەننى يازغۇچى تەربىيەلەيدىغان كۈنگە قالغاندا، بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال. ئوقۇرمەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلسۇن، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش، قايتا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزى يېتىشتۇرسۇن!

  سىز ياكى مەن ئادەتتىكى ئوقۇرمەننى كۆزلەپ ئەسەر يازساق ئۇلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بىز ماشىنا بولۇپ بېرىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاغزى، مېڭىسى، مۇئەسسەسى بولىمىزمۇ؟  بىلىمەن، سىزمۇ بۇنداق بولىشىنى خالىمايسىز.
  سىزچە، پەرھات تۇرسۇن «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى» رومانىنىڭ ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرغان 10 كىتابنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالغانلىقىدىن خۇشال چوققىمىدۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. بۇ ھەقتە ئايرىم كەلسەكمۇ بولىدۇ.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 10:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرسى، ئەدەبىياتتا يەنە نۇرغۇن ئېقىم-ئىزملار مەۋجۇدقۇ!؟
ئەرچىن، ئەدەبىياتتا سىز دېگەندەك نۇرغۇن ئېقىم ۋە ئىزملار مەۋجۇت. ئەمما، بىرلا ئىزىم ياكى ئېقىم يوق. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى يازغۇچىلار تورىغا ئەدەبىيات ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى بولمىغان ئەسەر  يوللاش دېگەن ئىزم ياكى ئېقىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 10:46  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4201
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 10:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام تورغا چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ سۇئاللارنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن. كېچىككەن بولساممۇ، ئاددى، يۈزەكى جاۋاب قىلاي!


ئەرچىن،
مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام بۇ تور بەتكە بېرىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن ۋاز كەچكىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، يەنىلا تورغا چىققىنىمىدا، يەنىلا بۇ تور بەتنى ئاچىمەن. ئاچىمەن-دە، ئالاھىدىن قاتارلىق بىر نەچچە قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، لېۋىمنى قاتتىق چىشلەپ يېنىپ چىقىمەن. ئۆزۈمگە دەيمەن-دە، ھەي... جاھان ئەدەبىياتى نەدە؟ بىز نەدە؟ شۇنداق ئويلاردىن كېيىن ئاندىن بۇ بىر جۈملىلىك مۇلاھىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.   

نۇربەگ:
سىزنىڭ بۇ تورنى كۆرۈپ تۇرىشىڭىز، بۇ توردىكى قەلەمكەشلەردىن يەنىلا ئۈمىد كۈتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرەمدۇ قانداق؟

ئەرچىن،
بىز ئالدى بىلەن تورنىڭمۇ بىر مەتبۇئات ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز لازىم. بۇ نوقتىدا مۇنداق بىر ئەنەنىۋى پاسسىپ قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ، ئېنتىر مەتبۇئاتىنىڭ كىم نىمە يازسا، كىم قانداق يازسا بولىدىغانلىقى. كۆلەم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى ئىنتىر مەتبۇئاتى نۆۋەتتىكى باسما مەتبۇئاتقا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆلەمگە ئىگە بولدى. بۇ رېئاللىق ئالدىدا يەنە، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ھەتتا پاخالچىلىكمۇ رول ئوينىياالمايدىغان چۇۋۇلچاق، ئولۇك، يا تېنى، يا روھى بولمىغان يازمىلارنى ھەۋەسكارلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ناتوغرا نىشاندا ئېلان قىلىشنىڭ نىمىگە زكرۈريىتى بار؟ يازغۇچىلار تورى قۇرۇلغاندىن بېرى قايسىمىز كىملەرنى قانيى دەرىجىدە يېتەكلىدۇق؟ يازغۇچىلار تورىنىڭ نۆۋەتتىكى بۇرۇختۇرما ئەدەبىياتىمىزنى غىدىغلاشقا قارىتا قانچىلىك رۇلى بولدى؟ مېنىڭچە، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە چۇقۇم ئويلىنىدىغان ۋاقتىمىز بولدى.


باشتىكى قاراشلىرىڭىزنى توغرا دەپ قارىساممۇ، بىراق،  بۇ تورنىڭ خېلى كۆپ ياش كۈچلەرگە سورۇن بولغانلىقىغا، ئابدۇرىشىت ئېلىنىڭ  بىر قىسىم ياش كۈچلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئىلھام ئاتا قىلغانلىقىغا كۆز يۇمساق بولمايدۇ.


ئەرچىن،
مەن باشقىنى كېيىندە بىر بىرلەپ دەيمەن. 5-قېتىملىق لۈشۈن ئىنىستىتوتى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئېلان قىلىۋاتقان ئەسەرلەرنى ككرۈپ مېڭىۋاتقانسىز. سىزدىن بىر سۇئال سوراي، ئۇلار تەربىيىلىنىشكە باردىمۇ ياكى ئۆتمۈشىدە قانداق بولسا ھازىرىمۇ شۇنداق يازما يېزىپ توردا ئېلان قىلغىلى باردىمۇ؟ ئۇلار بۇ يىگىرمە نەچچە كۈنلۈك تەربىيىلەشتە ئكزىدىكى كونا قىممەت قاراشتىن مەلۇم دەرىجىدە خوشلىشىشى كېرەكمۇ ياكى قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك تورداشلار كۈتىۋاتقان ئۈمىدلەرنى ئۆزىنىڭ پەرقسىز يازمىلىرى بىلەن يەردە قويۇشمۇ؟

مېنىڭچە، لۇشۈن ئىنىستىتوتى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقانلار نەزەرىيە بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە قوراللاندى. ئېنېرگىيە تولۇقلانغان ئىكەن، ئۇلار بۇ ئېنېرگىيەنىڭ كۈچىنى كۆرسەتمەي قالمايدۇ. قىسقا ۋاقىتتا ئۆگەنگەن بىلىم ئاز بولىدۇ، بىراق، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىلىم ئۇلار ئۈچۈن تۈرتكە بولىدۇ ئەلۋەتتە.
پەرھات تۇرسۇننى تىلغا ئالدىڭىز، پەرھات تۇرسۇن ئەدەبىيات ئوتىدا ھەقىقى كۆيگەچكە، بىلىم ئېلىشنى، ئىزدىنىشنى ھازىرغىچە توختاتقىنى يوق. شۇڭا ئۇ كۇچادىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە ماقالە ئوقۇغاندا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ماقالىسىنىڭ پەقەت مۇقەددىمىسنىڭ ئازغىنە بىر قىسىمىنى ئاران ئوقۇپ تۈگەتتى. مېنىڭچە، لۇشۈن ئىنىستىتوتى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقانلار پەرھات تۇرسۇندەك ئۇزاق مۇددەت قېتىرقىنىپ بىلىم تەھسىل قىلسا، ئۇلارمۇ ئەدەبىياتنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلىشى، كونا ئەندىزىلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، باشقىچە تەپەككۇر قىلىشى مۇمكىنغۇ.


ئەرچىن،
ماۋۇ شېئىرغا دىققەت قىلىڭ، مەزكۇر شېئىر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن قانچىلىك يېڭىلىق ھېسابلىنار؟
چۈشۈمدىكى يار



چۈشلىرىمگە كىرىپسىز كېچە،

مەن ئازدىم يا ئېزىپسىز كېچە.

يۇلتۇز ئۆچكەن قارا تۈنلەرگە،

تۇلۇنئاينى سىزىپسىز كېچە.



چۈشمۇ شۇنداق تاتلىق بولامدۇ؟

سېھرىي بىلەن جاننى ئالامدۇ.

ۋېسال ئارا كۈلدۈۈپ تۈندە،

تاڭدا يەنە ئوتقا سالامدۇ.



تەبىرى كۆپ سۆيگۈ دېگەننىڭ،

سۈيۈلسەڭ ھەم سۆيسەڭ كۇپايە.

ھېجراننىڭمۇ چېكى بار بەلكىم،

ئەي يۈرىكىم بولما مىڭ پارە.



يالقۇن ئۆچسە يېلىنجار چوغى،

بۇ كۆڭۈلگە يوقكەن ھېچ ئامال.

ئاياقلىرىم توختا بىر نەپەس،

چۈشلىرىمەي ،ئۇچقىن بىمالال.

دەرۋەقە بۇ شېئىر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ، بىراق، ئوخشاشمىغان ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى بولغان ئىكەن، بۇ خىل شېئىرلارنىڭمۇ خېرىدارى بار.  


ئەرچىن،
دېئالوگ قۇرۇشتا ئەتراپقا قاراشنىڭ ھاجىتى يوق. بىلىمەن، مېنىڭ بۇ تېمام ۋە ئىنكاسلىرىم نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، باشقىلاردىكى قوزغالغان غەزەپ، دەل ئۇلارنىڭ سىلكىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئەدەبىياتقا كۆيىدىغان يۈرەك بىلەن ئەدەبىياتتا ياشايدىغان يۈرەك تامامەن بىر ئەمەس. ھازىر بىزدە بار بولىۋاتقىنى، دەل ئەدەبىياتتا ياشايدىغان يۈرەكلەر!

بۇ گېپىڭىز توغرا، مەن 1990-يىللىرىنىڭ بېشىدا، 20 نەچچە ياشلىق «بالا ۋاقتىم» دا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئاچقان ياش ئەدىبلەر ئەدەبىيات سىمىنارىيەسىدە، مەرھۇم شائىرىمىز روزى سايىت ئاكام بلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئالدىدىلا ئۆكتە قوپۇپ، «قاتتىق گەپ» قىلىۋەتكەن ئىدىم، كىم بىلسۇن، شۇ يىغىندىن كېيىن، مەرھۇم شائىرىمىز بىرلا بۇرۇلۇش ياساپ، ھەممىنى ھەيراتتە قالدۇردى. بەلكىم، ئۇنىڭغا ئەخمەتجان ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ لېكسىيەسى تەسىر قىلغاندۇ، ياكى مېنىڭ گېپىم جېنىدىن ئۆتكەندۇ. دېمەكچى بولغىنىم، بۇ قېتىمقى سىمىنارىيەگە قاتناشقانلارنىڭ بىر قىسىملىرىدا بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقى ئېنىق.



جەنۇبىي تاغ باغرىدا چاقنار ئەنجۈمەن

ئابدۇلىتىپ ئىمىن

قۇياش خۇشخۇي كۈلۈپ باقسا ھەر سەھەر،
جىمى ھايات، ھەتتا زېمىن نۇرلىنار.
كىم كۈتمىگەن بۇنداق قۇتلۇق پۇرسەتنى،
پەقەت تەڭرىم قىلغان تۇتاش ئىمكان يار .




ئەدەبىيات ئىنىستىتۇت گۈل تېرىپ،

غەرپ تامان كەلگەچ تۆكۈپ ئالتۇن نۇر.

مەقسەت بۈيۈك ، يولى ئىجاد تۇلپارلار،

ئىناقلىقتا قۇرۇپ بەزمە ئېيتتۇق خور.


غەربى جىلغا * يايغان يېشىل، كەڭ قانات،

ئېتىكىدە يايلار قوزا، تۆگە، ئات.

قانىتىدا نەقىش بولۇپ«تۆت يۇلتۇز»*،

مەرىپەتتىن تۆكەر بىزگە قەنت، ناۋات.




جەنۇبىي تاغ ئۈستى يېشىل قارىغاي،

ئېتىكىدە ئاتلىق چاپار قازاق قىز.

ئىجادكارغا ئىلھام چېچەك ، سەيياھ ئىز،

يېزىپ ھارساڭ ئۆلەن ئاڭلاپ ، ئىچ قېمىز.




شىرنە ھىدلاپ تاغلار ئاتلاپ كەلدۇق بىز،

رىمۇنت قىلىپ پۇختىلاشقا قەدەمنى.

نامدار شائىر، يازغۇچىلار جەمگاھى،

مۇشائىرە ئاۋات قىلدى بۇ دەمنى.




جۇڭخۇا روھى، لۇشۈن ئىزى كۆركىسى،

كۆكتىن ئۇچۇپ كېلەر دوكتۇر باشچىسى.

نىمە يېزىش ؟ قانداق يېزىش؟... باياندا،

زېھىن قويۇپ بولدۇق بىلىم ئاشنىسى.




مىللەت قايسى، قايەردىن؟ دەپ ئايرىش يوق،

ھال سورىشىپ، ياردەم بەردۇق بوپ ئىجىل.

تائام شىرە، كۈتۈش زالى-سۆھبەتگاھ،

قىزىپ كەتتى مۇلاھىزە بەك سىجىل.




ئەدەبىيات دېدۇق ، سۆيدۇق قەلەمنى،

چىن ئەقىدە، چىڭ ئىرادە، چىن دىلدىن.

نارات، كۆنەس، سايرام، مايتاغ... مۇقەددەم،

گۈللەر تىزدۇق يېڭى روھتا ئىجادتىن.




كىم كۈتمىگەن بۇنداق كاتتا پۇرسەتنى،

قەدىرلەيلى قەدرى ئالتۇن ئامەتنى.

قول تۇتۇشۇپ قەلبلەرنى چىگىشىپ،

«ئالغا!» دەيلى بەردەم تۇتۇپ قامەتنى.




2013. 7. 3-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى



بۇرادىرىم ئەرچىن،
بۇ كۆزنەكتىكى يازمىنى سىز شېئىر دەپ ئاتىيالامسىز؟ بۇ يازمىنى يېزىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈريىتى بار؟ مەزكۇر يازما ئارقىلىق بىز شېئىريىتىمىزنى قاسى بىر قاشا تامدىن ھالقىتالايمىز؟ مەزكۇر يازمىدىكى قاتمال گەپلەردىن بىز قانچىلىك لەرزىگە كەلدۇق؟
بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى يازغۇچىلار مۇنبىرى مۇشۇنداق بولىشى كېرەكما؟


دەرۋەقە، بۇنى ھەقىقى مەنىدىكى شېئىر، ياخشى شېئىر دېگىلى بولمايدۇ، بىراق، يازغۇچىلار تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن، ئوبزورچىلار پىكىرىنى بېرىپ ئۆتۈشى كېرەكقۇ.


مەن سەن ئۈچۈن ئۇنتىلغان ناخشا
گۈزەلنۇر مۇتەللىپ
(1)
يەنە كەلدىم دەريا بويىغا،
قۇلىقىمدا ھېلىقى ناخشا.
پادىچى ئۇ باقار  قويىنى
توقۇمچى قىز زادى قاياقتا؟
(2)
                          ئۆزگەمەپتۇ ھېچقانداق نەرسە،
                            تاغۇ-دەريا ھەتتا يايلاقلار.
                            دەريادا سۇ شاۋقۇن ياساپتۇ
                          يۇلتۇزلارمۇ كۆكتە ۋىلىقلار.
(3)                        
ئۆزگەرمەپتۇ چىغىر يوللارمۇ.
ئۆزگەرمەپتۇ ھەتتا گىياھلار،
ئۆزگەرگىنى پەقەت شۇ كۆڭۈل،
سېنىڭدىكى نادان خىياللار.
(4)
مەن سەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغان ناخشا،
ئۇنىڭدا  يوق قىلچە لېرىكا.
ساراڭ كۆڭۈل ئۇنتالماي سېنى،
مېنى قويدى چەكسىز ئازاپقا.
                               (5)
ھايات ئەسلى ئۆزى بىر ناخشا،
بۇ ناخشىدا ھەر ئىككىمىز بار.
مىسرالارغا سىڭدى پىراقلار،
تەڭكەش يەنە مىسكىن مۇزىكا.
(6)                                    
قەلەم ئالدىم قايتا قولۇمغا،
يازماق بولۇپ يېڭى بىر ناخشا.
يازالمدىم ھەتتا بىر مىسرا،
قۇياش پاتتى تاغنىڭ قوينىغا.
(7)
مەن سەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغان ناخشا،
بۇ ناخشىنى ئېيىتمەن تەنھا،
پاتقان قۇياش چىقدۇ ھامان،
گىياھلارمۇ كۈلىدۇ شۇندا.

ئەرچىن،
گۈزەلنۇر مۇتەللىپ ئىمزاسىدىكى مەزكۇر يازمىغا سىز دىققەت قىلغانمۇ؟ ئالدى
بىلەن ماۋزۇغا قاراڭ. « مەن سەن ئۈچۈن ئۇنتىلغان ناخشا »دىكى « ئۇنتىلغان » دېگەن سۆزدىكى ئىملا خاتالىقىغا نىمە دەيمىز؟ يەنە دىققەت قىلىڭ، ھەر بىر كۇبلىتنى رەقەم بىلەن ئايرىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈريىتى بار؟ سىز مەزكۇر يازمىنىڭ تىل قۇرۇلمىسىغا دىققەتتە بولدىڭىزمۇ؟ دىققەتتە بولسىڭىز بىز ئۈچۈن قانچىلىك يېڭى تىل سىغىمچانلىقى بار؟

ئىملا خاتالىقى بارلىقى راست، مۇشۇ تورغا كىرىپ تېما يوللاۋاتقان ئىملاسى ناچارلارنىڭ كۆپلىرى بۇ تور ئارقىلىق يېتەكلىنىپ، ئىملاسى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۇ مۇشۇ تورنىڭ بىر مۇھىم تۆھپىسى. بەزى شېئىرلارغا رەقەم قويۇپ، تەسەۋۋۇر، تۇيغۇ، مەزمۇن-ئىدىيە بوشلۇقىنى ئۇلاش كېرەك بولىدۇ. بىراق، بۇ شېئىرغا رەقەم قويۇش ئارتۇقچە بولۇپ قالغانلىقى راست. بۇ شېئىرنىڭ تىل قۇرۇلمىسى ھەققىدە، تىل تەتقىقاتچىلىرى گەپ قىلىپ باقسۇن!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 11:06  


Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 10:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن،
مەن سورىغان سۇئاللارغا سەمىمىيلىك بىلەن بەرگەن جاۋابىڭىزغا رەھمەت! جاۋابىڭىزنىڭ بەزى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلگەن نوقتىلىرىنى توغرا چۈشەندىم.
سەمىمىيلىك بېسىلغان قەدەم نەتىنجىلىك بولماي قالمايدۇ. ئەدەبىياتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە...

شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 11:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگ ئاكا ئەيتقىنڭىزدەك: گەرچە ئۇيغۇر شېئرىيتى بىر پۈتۈنلۈككە ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ ئۇنى يوققا چىقىرۋەتكىلى بولماس، ھەر قاچان تەلىمىڭىزگە مۇھتاجمىز.
ئىنىم تەلقىن،
ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بىر پۈتۈنلىككە ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ، دېگەن جۈملىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مېنىڭچە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە نىسپەتەن بىر پۈتۈنلۈك. بۇ يەردىكى « بىر پۈتۈنلۈك » ھېچقانداق ساپا، ھېچقانداك ھەجىمنى چەك قىلمىغان بولۇپ، پەقەت ئۇقۇمغا قارىتىلغان. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى يوققا چىقىرىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىختىن بۇيان گاھى شاۋقۇنلۇق، گاھى شاۋقۇنسىز ئېقىۋاتقان ھەم ئاقىدىغان بىر دەريا! ئەپسۇسىمىز شۇكى، بۇ دەريانىڭ ھازىرى بەئەينى ئۆتمۈشى بولمىغاندەك قۇپقۇرۇق...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 11:07  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 11:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىمىزگە يۈزلۈندۈرۈشىمىز لازىممىكىن.
ئەرچىن،
دېگىنىڭىز بەك ئورۇنلۇق. سىز دېگەن بۇ شۇئار ئېيتىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. ئەمما، نەگە، قانداق يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسى تېخىچە ئويسىز، پىلانسىز... ئۆزىمىزگە يۈزلەندۈرۈش بىلەن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش بىز ئويلانغىلى كېمىدە 30 يىل بولسا بولىدىغان تېما ئىدى. ئەپسۇس...
مۇنداق بىر ئىنچىكە نوقتا بار، ئۆزىمىزگە يۈزلەنگەن ئەسەرلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەڭلىگىلى بولمىغاننىڭ سىرتىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلمىغان، ھەتتا، بىر قىسىم « قارا قوللار » بىزنىڭ ئەسەرىمىزنى بولۇپمۇ ... نىڭ ئەسەرلىرىنى مەن نېمە دېسەم، شۇنداق ئويلايدىغان خەلقىم چۈشىنىپ قالمىسۇن، دەپ ئەنسىرەيدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمىدى. بۇ ئەھۋالدا...؟!     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 11:41  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1425
تۆھپە : 0
توردا: 233
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 12:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزىمىزگە باشقىلار نىڭكىنى تېڭىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭكىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلغان ئاساستا كىيىنكىلەرنىڭ يۇلىنى ئېچىپ بىرىشىمىز كېرەك ...بۇنداق بۇلغاندا باشقىلار غا تېڭىش ئېڭى ھەم باشقىلارنىڭكىگە تېڭىلىش ئېڭى مەۋجۇت بۇلماسلېقى مۇمكىن...

ئۆزۈم قۇرغان مەخپىي ئىبادەتخانەمنى چۆكتۈرگۈچى
مېنى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلغۇچى
مېنى يۇلۇپ يەرگە ئاتقۇچى _
نىڭ ئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش