Erchin يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 16:42
دوستۇم نۇربەگ،
باشقىلار بىرنېمە دېگۈچە، سىزدىن سورايد ...
ئەرچىن،
بىز ئالدى بىلەن تورنىڭمۇ بىر مەتبۇئات ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز لازىم. بۇ نوقتىدا مۇنداق بىر ئەنەنىۋى پاسسىپ قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ، ئېنتىر مەتبۇئاتىنىڭ كىم نىمە يازسا، كىم قانداق يازسا بولىدىغانلىقى. كۆلەم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى ئىنتىر مەتبۇئاتى نۆۋەتتىكى باسما مەتبۇئاتقا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆلەمگە ئىگە بولدى. بۇ رېئاللىق ئالدىدا يەنە، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ھەتتا پاخالچىلىكمۇ رول ئوينىياالمايدىغان چۇۋۇلچاق، ئولۇك، يا تېنى، يا روھى بولمىغان يازمىلارنى ھەۋەسكارلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ناتوغرا نىشاندا ئېلان قىلىشنىڭ نىمىگە زكرۈريىتى بار؟ يازغۇچىلار تورى قۇرۇلغاندىن بېرى قايسىمىز كىملەرنى قانيى دەرىجىدە يېتەكلىدۇق؟ يازغۇچىلار تورىنىڭ نۆۋەتتىكى بۇرۇختۇرما ئەدەبىياتىمىزنى غىدىغلاشقا قارىتا قانچىلىك رۇلى بولدى؟ مېنىڭچە، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە چۇقۇم ئويلىنىدىغان ۋاقتىمىز بولدى.