nurbag يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:14 
قاسىمجان،
ئەدەبىياتتىكى چوققا مەسىلىسى بەك ئويلىنىدى ...
سەمىمىيلىك-ئىشەنچ جۈملىسدىندۇر، نۇربەگ! پىكىرىڭىزنى ھۆرمەت قىلغىنىم، سىزنى ھۆرمەتلىگىنىم!
-سىزنىڭ ئىككى چوققا ھەققىدىكى بايانلىرىڭىز باشقا چوققىلارنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىشىڭىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇنداقلا مەن دەۋاتقان ئۇنۋېرسال قىممەتكە بولغان قارىشىڭىزنىڭ مۈجىمەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە، ئۇ چۇققىلار چوقۇم يېڭى چۇققىلارنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقۇچىلاردۇر. بۇمۇ ئوخشاشلا سىزدىكى ھېسسىيات بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش «پۇچىلىنىش»تۇر. لېكىن، بۇ پۇچىلىنىش -ئادەتتىكى پۇچىلىنىش ئەمەس! شۇڭا، مەن «ئۆلۈم»نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئاۋۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ ئۆتتۈم.
سىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ قاتلىمى ھەققىدە گەپ قىلىپسىز، مەنچە ئوقۇرمەننى يازغۇچى تەربىيەلەيدىغان كۈنگە قالغاندا، بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال. ئوقۇرمەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلسۇن، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش، قايتا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزى يېتىشتۇرسۇن!
سىز ياكى مەن ئادەتتىكى ئوقۇرمەننى كۆزلەپ ئەسەر يازساق ئۇلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بىز ماشىنا بولۇپ بېرىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاغزى، مېڭىسى، مۇئەسسەسى بولىمىزمۇ؟ بىلىمەن، سىزمۇ بۇنداق بولىشىنى خالىمايسىز.
سىزچە، پەرھات تۇرسۇن «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى» رومانىنىڭ ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرغان 10 كىتابنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالغانلىقىدىن خۇشال چوققىمىدۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. بۇ ھەقتە ئايرىم كەلسەكمۇ بولىدۇ.