ئىگىسى: nurbag

بىر جۈملىلىك مۇلاھىزە ___ نۇربەگ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  209
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 678
تۆھپە : 0
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 15:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، بىر شائىر ئۆزىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەقىقىي، چەك باسقۇدەك شەرت-شارائىتلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىيالىغاندا، ئۇ ئۆزىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.(ئەلۋەتتە، بۇ شەرت - شارائىتلار ئىنتايىن كەڭ مەنىگە ئىگە.) ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ خۇددى ئەتىگەندىن كەچكىچە كونا تۈگمەننى تىنىمسىز چۆرگىلەيدىغان بىر چوڭ جانۋارغا ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹‹ ئۆزىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى›› ئىلگىرلەش، تەرەقىي قىلىشقا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىپ ئۆزگىرىپ، يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك.شۇندىلا ، شائىر تەرەقىي قىلىدۇ، دېگەن ئۇقۇم ئوبيېكتىپلىققا ئىگە بولالايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3105
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 116
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 17:12:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگىنىمدىن بېرى بۇنداق مۇنازىرىلەرنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.... قېنى مۇنازىرلىشىڭلار، ئەزىمەتلەر! بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن!
قاسىمجان ، نۇربەگ، ۋە ئەرچىنلەرنىڭ بەس- تالاشلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىمدە تىنىپ ياتقان ماگمىلار ئېرىپ كەتكەندەك بولدى. رەخمەت سىلەرگە...
ئەسلىدە  بۇنداق بەس- تالاشلار يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ خاسلىقى بولىشى لازىممىكىن؟
مېنىڭ قارىشىمچە شېئىر تەرەققى قىلمايدۇ، شېئىري شەكىل كۆپ خىللىشىدۇ، شېئىر  تۇيغۇدىكى مەنا. شېئىر دەقىقە ئىچىدىكى ھېسنىڭ چاقنىشى.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3095
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 125
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 17:28:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىققە شائىرنىڭ كېرىكى يوق لازىمى مەنىۋى قەھرىمان ، شېئېرغا تەرەققىياتنىڭ كېركى يوق لازىمى ھەقنىڭ تىلى.

بۇنىڭدىن مۇستەسنا شائىر قەلەمغە داغ ئۇرىدۇ ، ھەقتىن مۇستەسنا ئەسەر چۈپرەندە ئەخلەت بۇلىدۇ.

شائىر خەلىقنى نادامەتنىڭ ئازابىدىن قوغدىغۇچى قەھرىمان بۇلالىسا ئاندىن شائىر بۇلالايدۇ.

مەن ئەدەبى ئەسەر يېزىش ئۈچۈن كۈچىمەيمەن ، ئىككى نەرسە ئۈچۈن كۈچەيمەن بىرى ھەقنى يېزىش ئۈچۈن يەنە بىرى قەلبىمدىكى چىن نەرسىلەرنى يېزىش ئۈچۈن .

مەزكۇر پىكرىمنى پەقەت قەلبى ياخشى ئەقىل سەردارلىرى خوپ كۆرىدۇ .



ئەدەبىيات تۇرمۇشتىكى كۈرەشلەرنى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدىغان سەنئەت .

زامانىمىز كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېتقاندا ئۇ پەقەت بىر سەنئەت ، زەگەرچىلىك ۋە نەققاشلىققا ئوخشايدىغان سەنئەت ...... ئۇلار تىلىدىن پايدىلىنىپ ئېسىل بىر سەنئەت بۇيىمى ياسىيالىسا مانا بۇ ئىجادىيەت ....... ئۇمۇ پەقەت بىر ھۇزۇرلىنىدىغان سەنئەت .

مېنىڭ ھاياتىمدا سەنئەت بۇيىمى ياساپ كەتكۈم يوق ، ئىنسانىيەت قەلبىگە دورا ياسىيالىسام دېگەن ئۈمۈدۈم بار ،  ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر گۈزەل سەنئەت بۇيىمى بىلەن قەلىبكە شىپا بۇلىدىغان دورا قانداقمۇ ئوخشايدۇ دەيسىز .

دورىنىڭ ئۈستىگە نەقىش ۋە رەڭ ئۇيۇشنىڭ ئورنى يوق ، پەرداز دورىنىڭ ئۈنىمىنى ئاشۇرالمايدۇ ، دورا  پەردازغا ھاجەتمەن ئەمەس ، بىمارلىرىمنىڭ ياقتۇرۇپ يىيىشى ئۈچۈن چىرايلىق ياساپ قۇيىمەن ئەمما كۆپ ئاۋارە بۇلۇشۇم بىھۇدە بىر ئىش ....... دورىنىڭ رەڭگى ۋە نەقىشلىرىگە كۈچەپ   ،  دوراغا ماتىريال قۇشۇپ ئۈنىمىنى سۇسلاشتۇرمايمەن .

بىر سەنئەتچىنىڭ كەسپى بىلەن دوختۇرنىڭ كەسپى ئوخشىمايدۇ شۇنداققۇ ؟ مەن دوختۇر بولسام دەپ ئويلايمەن ، ھەمدە دورىغا تەسىر قىلىدىغان گىرىمنى چىقىرىپ تاشلايمەن ، تىلىمغا پۇتلىكاشاڭ بۇلىدىغان ھەرقانداق ژانىرنى تەرىك ئېتىمەن.

ئۇلۇغ بىر غايە ئۈچۈن يېزىش ئۇلۇغ بىر ئەسەرنىمۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ ..... مۇشۇ سۆزلەرنى مەن دەۋاتىمەن ، مەن ئۈزۈپ چىقىدىغانلار قاتارىدىن بۇلىدىغىنىمغا ئىشىنىمەن.


ئاز ئۇچۇرنى بىلسىمۇ چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغانلار ئالىم بولىدۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3095
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 125
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 17:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ لوگىكىلىك تېمىغا تۇلىمۇ ئاددىي ئىنكاس يېزىپ قالدىم........بىراق بۇ ھەقتە ئاللاھ خالىسا  كېيىنچە ئۇسسۇغان يەرگە بارغۇدەك توختىلىمەن .

ئاز ئۇچۇرنى بىلسىمۇ چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغانلار ئالىم بولىدۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1431
تۆھپە : 0
توردا: 270
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 19:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر جۈملىلىك مۇلاھىزە نۇرغۇن جۈملىلەرگە سەۋەپ بوپتىمۇ قانداق ؟ ئەمما مۇنازىرە ياخشى بولىۋېتىپتۇ .ئاخشامتىن دېقەت قىلىپ ئىنكاسلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم . نۇربەگ، قاسىمجان ،ئەرچىن ئاكىلارنىڭ پىكىرلىرىدىن ئولارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى  كۆرگەندەك بولدۇم.
ئىنكاسلاردائېيتىلغاندەك ھەر كىم ئۆزلىكىدە تۇرۇپ ھەقىقى مەنىدە ئاز-تولا پۇچىلىنالىغىنىدا ئىدى،  ھەر ساھە ھەر كەسىپتە ئايرىم نوقتىلاردىكى تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە بەلكىم خاتىمە بەرگىلى بولار ئىدى .ھازىرقىدە ك تۇرمۇش رېتىمى كۈندىن-كۈنگە تېزىلىشىۋاتقان ، خىزمەت ۋە كەسىپتە رىقابەت كەسكىنلىشىپ بېسىم ئارتىپ بېرىۋاتقان،كىشلىرىمىز ئەقىلگە قارىغاندا ھىسىياتقا بەكرەك يېقىنلىشىۋاتقان ،تىرىشىش،ئىزدىنىشكە قارىغاندا يولىنىۋېلىش خارەكتىرى ئۆز ئىپادىسىنى روشەن تېپىۋاتقان ،ھەم ھەر كىم ئۆزلىكتىن  ھالقىپ مەنپەئەتكە بەكرەك ھېرىسمەن بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جىق ئىشلار ھەر كىمگە نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك تۇيۇلىشى ناتايىن .شۇڭا بۇ مۇنازىرىنى  توختاپ قالماي ئىلمى ۋە دوستانە ئېلىپ بېرىلسىكەن دېگەننى ئويلاپ قالدىم .

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2194
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 20:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىمنىڭ ھەرخىل كۆز قاراشلىرى بار،ئەمما ھەممىسى بىر پىكىرنىڭ ئوخشاشمىغان نۇقتىسىدىكى،ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش ئىقتىدارىدىكى كۆزلەرنىڭ كۆرىشى ۋە ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئويغىنىشى بىلەن پەيدا بولغان كۆز قاراشلاردۇر،بىراۋ ئوقۇغاننى بىراۋلار ئوقۇمىغان،بىراۋ كۆرگەننى بىراۋ لار كۆرمىگەن،بىراۋ بىلگەننى بىراۋ بىلمىگەن...
شېئىر تەرەققى قىلدى دېگەن شائىر تەرەققى قىلدى دېگەن گەپ...

مەن سالغان ئوت ۋە ماڭا سالغان ئوت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2194
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 20:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىـم يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 17:28
خەلىققە شائىرنىڭ كېرىكى يوق لازىمى مەنىۋى قەھرىمان ، ش ...

بۇمۇ بىر ئۇلۇغۋارانە چۈشىنىش،ئەمما قۇرۇق ھاياجان بولۇپ قىلىشىنى ھېچقايسىمىز خاھلىمايمىز...

مەن سالغان ئوت ۋە ماڭا سالغان ئوت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 23:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوزىمىزگە باشقىلار نىڭكىنى تېڭىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭكىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلغان ئاساستا كىيىنكىلەرنىڭ يۇلىنى ئېچىپ بىرىشىمىز كېرەك ...بۇنداق بۇلغاندا باشقىلار غا تېڭىش ئېڭى ھەم باشقىلارنىڭكىگە تېڭىلىش ئېڭى مەۋجۇت بۇلماسلېقى مۇمكىن...
سەمەندەر،
پىكىر ئورۇنلۇق. باشقىلارغا ئىدىيە تېڭىش مۇستەبىتلىكنىڭ ئەڭ يوقۇرى چېكى! ئەمما، لايىقىدا مەسلىھەت بېرىش بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيەت. باشقىلارنىڭكىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئىبارەت پىسخىك پائالىيەت ھۇزۇرلانغۇچى بىلەن ھۇزۇرلاندۇرغۇچى ئوبيېكىت ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ماسلىق ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە تەرەپلەردىن ساپا تەلەپ قىلىدۇ. تەرەپلەر دېگىنىمىزدە، ئاپتۇر، كىتابخان، ئەسەر...لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 23:52  


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1516
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 00:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بۇ تورغا كىرگىنى ئۇزۇن بولمىغان ئادەتتىكى بىر ھەۋەسكار.ئەمما ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر پەيدا بولغاندىن تارتىپ بۇ ئىشتىن قالمىدىم...شۇڭا مەيلى سىلەر نىمە دەڭلار ئۆزەمنىڭ كۆرگەن ،بىلگەنلىرىمنى يېزىش تىلغا ئىلىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارىدىم.بۇ ئىمكاننى ياراتقان نۇربەگ ئەپەندىگە(جۈملىدىن يازغۇچىلار تورىغا) رەھمەت!
1› يازغۇچىلار تورىغا قوبۇل قىلنىۋاتقان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى قانۇنلۇق ئەزا دىگىلى بولمايدۇ.بىر ئادەم بىر نەچچە ئىسىمدا كىرۋالالايدىكەن.
2›مەيلى قايسى ژانىردىكى ئەسەرلەر بولسۇن ئىملا خاتالىقى،ماۋزۇ خاتالىقى،ئەسەر قۇرۇلمىسىدىكى خاتالىق ...قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقسانلار بولسىمۇ مۇھەررىر تەرپىدىن تۈزتىلمەي ئىلان قىلىۋىرىلدىكەن ۋە ھەتتا بەزى يازمىلار بىر ئىككى قېتىم تەكرارمۇ يوللۇنۇپ قويۇلدىكەن.
3› مۇنبەردە ئەگىشىپ ئىنكاس يوللاش ئىنتايىن ئېغىر.بۇنۇڭدا سىز باشقىلارغا يوللىسىڭىز باشقىلار سىزگە ئىنكاس يوللايدىكەن.شۇنداق ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەر ئىنكاسسىز قىلىپ تولا تەكرارلىنىپ كېتىۋاتقان مۇھەببەت قىسىللىرىگە يېغىپ كىتىدىكەن.
4› قەلەم ئىگىللىرى بولسۇن مۇھەررىر بولسۇن ئەسلى ھەۋەسكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى نۇقسانلارغا ئادىل،ئىنچىكىلىك بىلەن ئىنكاسلارنى يېزىپ ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولىشى كىرەك ئىدىيۇ ئەمما ‹نۇربەگ› ئەپەندى ئېيىتقاندەك ئاتالمىش ‹پىشقان›لارنىڭ ئەسەرلىرىگىلا پىكىر مەركەزلىشىپ باشقا يازمىلار پىكر-تەكلىپسىز ھېشكىم ھېچنىمە دىيەلمەۋاتقاندەك ‹ياخشى يېزىلغان› كەيپىيات پەيدا قىپ قويىۋاتقان ئەھۋاللار ئېغىر....
5› مەيلى قانداق ئەسەرلەر بولسۇن تالاش-تارتىش بولىدىكەنۇ ئادەمنى قايىل قىلالىغۇدەك بىرە يەكۈن چېقرىلماي چىرايلىق ھۆزۈرلەر بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن...
  مەيلى ئۇ ئەدىبىياتنى سۆيسۇن،ئەدىبىياتقا ئىشتىياق  باغلىغان  بولسۇن ئۇنۇڭدا مۇقەررەر ئەدىبىياتقا بولغان مۇھەببەت قايناپ تۇرغان بولىدۇ... تەلەپلەرنى قوبۇل قىلالىغان ،تەلەپكە ئۇيغۇن بولالىغان ھەۋەسكارلار لا ئاخىرقى ھېساپتا بۇ ‹ئەدىبىيات بىلەن ياشاش ›ئىمتىيازىغا ئىگە بولالايدۇ.

سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟
otluk ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 919
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 01:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگ ئاكامنىڭ بۇ مۇنازىرنى ئورۇنلاشتۇرغىنى بەك ياخشى بوپتۇ. مېنىڭچە شائىر تەرەققى قىلدۇ.   يۈسۈپ خاس ھاجىپ شائىرلىقنى ھۈنەرلەرنىڭ ھۈنىرى دەپ تەرىپلەپتىكەن. مېنىڭچە ھۈنەر بولغانكەن كامالەتكە يېتىش بولىدۇ، چىكنىش بولىدۇ. شائىرلىق سەنئىتى ئىدراكنى تەلەپ قىلدۇ، شۇنداقكەن ئۇنىڭ تەرەققى قىلشى ۋە چېكنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.  شائىر ئاۋۋال ئادەم،  شۇڭا ئادەمنىڭ ھېسىيات ۋە ئەقىل جەھەتتىن ئۆزگىرشىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ شائىرلىق يولىنىڭ كېڭيىشى، ۋە شائىرلىق پەزىلىتىنىڭ يېتىلشىنى ئادەمنىڭ يېتلىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.   «شېئىريەت تەرەقىياتى» دېگەن ئاتالغۇنى يەككە شەخىسكە قوللىنىشنى خاتا دەپ قارايمەن. ئۇنى بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەت ياكى بىر رايۇننىڭ شېئىريەتتىكى تەرەقىياتى دەپ قاراش كېرەك. ئەلۋەتتە يەككە شەخسلەرنىڭ توپى شېئىريەت تەرەقىياتىنى بەلگىلەيدۇ.  مەن سىز دېگەن مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ پاخاللىشىش مەسلىسىنى مۇنداق ئىككى خىل ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارايمەن.
1. مۇنبەرنىڭ «شېنجاڭ يازغۇچىلار تورى» تورى دېگەن نامى «ئۇلۇغ» بولغاچ يەنە كېلىپ مەشھۇرلار يىغىلغاچ تۈزۈك بىر نەرسە يازالمايدىغانلارغا مەشىق دەپتىرى ھەمدە ئۆزىنى شەرەپ سەھنىسىگە چىققاندەك ھېس قىلدۇردىغان تام دوسكىغا ئوخشاپ قېلىپ پۇچەك يازمىلارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنە بىر نوقتىدىن ئېيتقاندا مۇنبەر تەھرىرىلىردە مەسىلە بار.  مەسلەن ئېيتايلى: پۇچەك يازمىلارنى قازاندا بارى مۇشۇ دەپ چىقىرىپ قويۇش.  يازما ئېگىسى قانداق يوللىسا شۇنداق شۇ پېتى تەستىق سېلىش.‹تۈزەتمەسلىك›  ياخشى يازمىنى شەخسى خاھىشنى دەپ تەستىقلىماي پۇچەك يازمىنى شەخسى ھېسياتنى دەپ تەستىقلاش دېگەندەك.
2. مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئەدەبىي قىزقىشى ۋە ئەدەبىي سەۋيىسىنىڭ پەرىقلىق بولشى سەۋەپلىك نادىر تېمىلارنى پەرىقلەندۈرۈشتىكى ئۆلچەم مۇقىم بولماي پۈچەك يازمىلارنىڭ سوبىكتىپ خاھىش بويىچە مەدىيلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ ياكى دوس -يېقىنلىق تارتىشىپ ئەخلەت يازمىلارنى كۆپتۈرۈش ئەۋىج ئېلىپ مۇنبەرنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا مۇنبەرنىڭ ئەدەبىيات سەھىپىلىرىدىكى مۇھەرىرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى مۇۋاپىق بولمىغاندەك قىلدۇ.  خۇددى سېستىرانى ساقچى قىلىپ قويغاندەك. ياكى ساقچىنى توكچى قىلىپ قويغاندەك ...


مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ماڭىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، باشقىلارغا زورلاش نېيتىم يوق.  بۇ مۇنازىرنىڭ بولغىندىن سۈيۈندۈم.  

كۆزۈمگە نۇر زىيا بەردىڭ
كۆرمەككە ئالەمنى يارەب.
دىلىمغا خۇي-ئىشىق بەردىڭ
سۆيمەككە ئادەمنى يارەب...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 13:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال،
بىز كۆپ ھاللاردا مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە كۆنۈككەن. بىزدىكى بۇ سەمىمىيلىك بەزى چاغلاردا بىزگە دوست بولماي قالىدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، بىز مەسىلىنى ئۆزىمىزدىنلا ئەمەس، باشقىلاردىن ئىزدەشكە ئادەتلىنشىمىزمۇ كېرەككەن. مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشتىن ئىبارەت بۇ نازۇك پىسخىكا بەزىدە پۇرسەتپەرەسلىككە يول قويىدىكەن. پىكىرنى « يازغۇچىلار تورى »غا يۆتكەپ ئەكەلگىنىمىزدە، مەيلى بېكەت قۇرغۇچى بولسۇن، مەيلى باشقۇرغۇچىلار بولسۇن دەيدىغان بىرلا سۆزى بار، ئۇ بولسىمۇ، بۇ ئورگان تورى! شۇنى دېگىچىلەرگە بىزمۇ مۇنداق دەيمىز: بىزمۇ بۇ تورنىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تورى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. سەنمۇ دەپ باقە؟ يازغۇچىلار تورىدا ئاساسەن دېگۈدەك پاخال ئەسەر ئېلان قىلىنمىسا بولمايدۇ، دېگەن بەلگىلىمە بارما؟ دەسلەپتە توپلاشقان بىلىملىك ياشلار نىمە سەۋەبتىن قاچتى؟ بۇ تور بەتتە باشقۇرغۇچى بولىۋاتقانلار نېمە ئۈچۈن ئەسەر تەستىقلىغاندا، كۆيۈنۈپ تەستىقلىمايدۇ؟ بىزغۇ مەيلى، ئىچكىرى ۋە باشقا قېرىنداش ئۆلكىدىكى ئانا تىللىقلار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغانلار ؛ جۈملىدىن چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغانلار مەزكۇر تور بەتنى كۆرمەي قالارمۇ؟ ناۋادا ئۇلار مۇشۇ تور بەتتىكى ئەسەرلەرگە قاراپ ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولسا، تەتقىقات ككتۈرەلىگۈدەك قايسى ئەسەرنى تاللار؟ توغرا، سىلەر بىزگە قارىغاندا، شۇنچىكى جاپا چىكىۋاتىسىلەر، سىلەرنى بەك جاپاكەش دېگىلى بولمايدۇ. كېلىپ چىقىدىغان بىر ئاقىبەت شۇكى، سىلەرنىڭ بىخودلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بىر مىللەت ئەدەبىياتىغا قىسمەن باھا بېرىلىپ قالمىسا بولاتتى دەيمىزغۇ؟! چۈنكى، بۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تورى-دە؟!...
داڭگال،
پىكىر بېرىشتىن بويۇن قىسىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىزمۇ ئۆز كۆڭلىمىزدە ياخشى بولسۇن دەيمىز. بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. قۇبۇل قىلسا قىلدى، قىلمىسا ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك ئىشى بار ئادەم بولغاندىكىن شۇنى قىلىمىز. ئەمما، تارىخنىڭ ھامان ھىساب ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىمىز...   

شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1425
تۆھپە : 0
توردا: 233
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 18:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالام نۇربەگ ئاكا:
مەن بۇمۇنبەرگە ھەم يېزىقچىلىق سېپىگە سەمەندەرنىڭ يېتەكلىشى ئاساسىدا كىرگەن ئىدىم . مەن تېخى يېڭى ئۆگەنگۈچى ، تۈنۈگۈن بۇ مۇنبەرگە كىرىپ سىزلەرنىڭ مۇنازىرەڭلەرنى كۈرۇپ مىنىڭمۇ بۇ ئىنكاسقا قاتنىشىپ ئۆزەمنىڭ بىلمىگەن تەرەپلىرىنى بىلۋېلىش ئستىكى قۇزغالدى.....شۇڭا ئۇئنكاسنى يازغان ئىدىم.ئەگەر بىلەرمەنلىك قىلغان بۇلسام كەچۈرۈڭلار...    مەن  پەقەت يىتىلۋاتقان يېڭى يازغۇچىلارنىڭ ھەم كۈمۈلۈپ قېلۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تۇنۇپ يىتىپ بالدۇرئويغىنىشىنى ئۈمۈت قىلمەن....شۇندىلا بېكىتىمىزتېخمۇ راۋاجلانغۇسى ئىدى....

ئۆزۈم قۇرغان مەخپىي ئىبادەتخانەمنى چۆكتۈرگۈچى
مېنى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلغۇچى
مېنى يۇلۇپ يەرگە ئاتقۇچى _
نىڭ ئ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1425
تۆھپە : 0
توردا: 233
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 19:01:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[color=Red]پىكىر بېرىشتىن بويۇن قىسىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىزمۇ ئۆز كۆڭلىمىزدە ياخشى بولسۇن دەيمىز. بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. قۇبۇل قىلسا قىلدى، قىلمىسا ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك ئىشى بار ئادەم بولغاندىكىن شۇنى قىلىمىز. ئەمما، تارىخنىڭ ھامان ھىساب ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىمىز..
                  






بۇگەپنى ئەسلى تۇلىمۇ ئورۇنلۇق باشلاپتىكەنسىز_، نۇربەگ ئاكا ، لىكىن ئاخىردا ئۆزىڭىزنىڭ   گىپىنى ئىنكارقىلغاندەك ئىش قىلدىڭىزمۇ قاندا ؟  بۇ ھەختە ئويلىشىپ كۈرسىڭىز قانداق دەيسىز كىن ؟؟؟؟؟؟   

ئۆزۈم قۇرغان مەخپىي ئىبادەتخانەمنى چۆكتۈرگۈچى
مېنى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلغۇچى
مېنى يۇلۇپ يەرگە ئاتقۇچى _
نىڭ ئ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 22:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجان بىلەن نۇربەگ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.بىز ئاۋال ئۇلارنىڭ شائىرلىق تونى بىلەن سىقىلىپ تۇرۇپ بىزگە بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان كۆزقاراشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن ئاندى تۇر ئەدەبىياتى،ۋە بۇ ئورگان بېكىتى ھەققىدە ئەقلگە مۇۋاپىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئورتاقلاشساق تامامەن بولىدۇ.ئەسلىدى بۇتېمىدا نۇربەگ ئوتتۇرغا تاشلىغان شائېىر نىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئاساسى لىنىيە قىيىپ ،پىكىرلەر نۆۋەتتىكى تۇرئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ سۈپىتى، تۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن يېزەقىلىق نەشىر-ئەپكارلارنىڭ پوزىتيىيەسى، يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئورگان تورى بولغان بۇ بېكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قاتارىق مەسسلىلەرگە بورالدى، بۇ مۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولغىنى.
مېنىڭچە ھازىر يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ يازارمەنلەرنى قوللاش پوزىتيىسىدىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق.ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا يازغۇچىلار جەميىتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.مۇنبەر قۇرۇلدى،يىلغا نەچچە سىمنارىيە ئۇرۇنلاشتۇرلىۋاتىدۇ،نەچچە يىللاپ توپا بېسىپ قالغان ئارگىناللار توم-توم بولۇپ نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ...تۇرغا يۈكسەك دەرجىدە ئىتبار بىرلدى.شىنجاڭ تېلۋىزيىسىمۇ مەىسۇس سۆھبەت ئويۇشتۇردى.بۇ نوختىدا قاسىمجاننىڭ ئاغرىنىشى ئوشۇقچە.لېكىن رايۇنىمىزدىكى نوپۇزلۇق ژورناللارنىڭ تۇر ئەدەبىياتىغا تۇتقان پوزىتيىيەسى چۈشەنگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە مۈجمەل.بۇ نوقتىدا قاسىمجاننىڭ بۇرۇقتۇرما كەيپىياتىنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئەمدىكى مەسلە نۇربەگ ئاكىمىز پۇشۇقىنىۋاتقان سۈپەت مەسلىسى. بىز بۇ مەسلىنى تىلغا ئالغاندابىز يازغۇچىلار قەميىتى نامىدىن كۇنكىرىت ئىش بىجىرىۋااتقان خادىملارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمىز!كۇنكېرىت مەسلىلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ؛1.بىكەتتىكى ئەخلەت ئەسەرلەر2.باشقۇرغۇچىلاردىكى ساپا مەسلىسى3.سىمنارىيىگە تەكلىپ قىلىنىۋاتقانلار غا بولغان تەلەپنىڭ كۈندىن-كۈنگە يوقىلىشى4.ش.ق.ت.ۋدا بولغان سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچىىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە كۈلكىلىكلىكى...دېگەندەك.
بۇ شىنجاڭدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۇپا بولۇشقا تېگىشلىك بىكەت ئىدى. ئەپسۇس بىرەر يەرلىك ئەدەبىي ژورنالچىلىكمۇ بەدىئى ساپانى ھازىرلىيالماي قالدى. كونكىرىت مەسئۇلىيەت ئاشۇ ئىش بىجىرگۈچىلەردە، مەن بارلىق ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ كوللىكتىپ ھالدا يازغۇچىلار جەميىتىگە تەكلىپ بىرىپ ئىش بىجىرگۈچى خادىملارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 22:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار مېنىڭ ئايپى ئادېرىسىمغا قاراپ باقساڭلار ، خەت نۇرمال ئەمەس،بارلىق ئاماللارنىڭ ھەممىسىنى قوللانغان بولساممۇ ئوڭشالمىدى. شۇ سەۋەپ ئىملامۇ قانداق بوپكەتتى بىلمەي قالدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش