قەلبىنۇر ئىلياس : نەسرى ئەسەرلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-5-24 11:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل باغچىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېپ قالدىم.ئەجەپمۇ ئېسىل يېزىپسىز بۇ نەسىرلەرنى ،ئوقۇغانچە  ئىچىگە كىرىپلا كېتىۋاتىمەن.ھارمىغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-25 18:38:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن سۆيگەن ئايال

سەن سۆيگەن ئايال ،چىلان تۇپراق باغرىدا ئۈنگەن رەيھاندەك بىباھا .
سەن سۆيگەن ئايال ،ئاقلىق ۋە پاكىزلىقنىڭ كىندىكىدىن قايناپ چىققاندەك ئەتىۋا.
سەن سۆيگەن ئايال ئىپپەت بۇلىغىدەك سۈزۈك، شۇڭا قەلبىدىن ئۇخچۇيدۇ ھايا،
سەن سۆيگەن ئايال  كۈن نۇرىدا يۇيۇنغاندەك ئەۋرىشىم ، شۇڭا شېكەر  ئىبارىلىرىڭدە ئاتاپ كەلدىڭ ئۇنى گۈل زىبا  ...
سەن ئۇنى ئاپپاق ئايدىڭدەك بىر گۈزەل ئىزگۈدە   تەرىپلىگىنىڭدە ، قەلبىمنىڭ نىلۇپەر بەرگىسىگە رەڭ قىلىپ قوندۇرغان ئىدىم .شېرىن كەچمىشىڭنىڭ ۋاراغلىرىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ۋاراخلىغىنىڭدا ،ئۇنىڭ نۇرانىلىغى خىيالىمدا زاھىر بولغان ئىدى .بىر بۈيۈك مەجبۇريەت بىلەن ئۇنى ھىماتىڭ ئاستىغا ئالغىنىڭدا ،بىر نادىر ئىزگۈلىكنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قىياس قىلدىم .
چۈنكى ئۇ گۈزەل لاتاپەتتىن خالى ،جىلۋە نازلارغا كۆنمىگەن ،ئەڭ ساددا ۋە ئەڭ سەمىمى تىلەكلىرى بىلەن ساڭا تېلىنىپ قاراپ تۇردىغان ئايال ئىدى...
سەن سۆيگەن ئايال ،سەن ئۈچۈن  قىيام بولغان  ئەقىدە مۇراباسىدەك دىل رابا.
سەن سۆيگەن ئايال،جەنئەت ئەمبەرلىرىدىن ھىددلىق، جىمكى گۈلزارلىقتىكى گۈل ئارا
سەن سۆيگەن ئايال ،مۇڭلۇق دۇتتارىنىڭ مۇڭلىرىدەك ئازاپلىق تۇيغۇلىرىڭ ئۈچۈن بىناۋا.
سەن سۆيگەن ئايال ، مەغلۇبىيىتىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتقان بىردىن – بىر،  دىلى يارا ...
ھەر قېتىم ئاپپاق چىچەكتەك مەدھىيەلىرىڭنى ئۇنىڭ ئەجرى ئۈچۈن تىلەك قىلىپ چاچقىنىڭدا ، ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ چەكسىزلىكىنى تەپەككۈر ۋاراخلىرىمغا  خاتىرلىگەن ئىدىم .ئەركەكلىك ئېتىزلىقىڭنىڭ كەڭلىكىگە ئۇنى  گۈل قىلىپ تەرگىنىڭدە ،خۇشبۇي  بەرگىگە شەبنەم بولۇپ تامغان ئىدىم. ئايالىق مېھرىگە قانغان تەنتەنەڭنى مەمنۇنيەت بىلەن جاكارلىغىنىڭدا ،ئېھتىرام دەرىخىمنىڭ بېشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېگىلىپ يەرگە تەككەن ئىدى  .
چۈنكى ئۇ تەن بېزەكلىرىدىن خالى ، سىدام چىنلىقى بىلەن قەلبىڭنى ئاۋۇندۇرغان، كىبىرسىز  خۇلقى  بىلەن ئالدىڭغا تاتلىقىناڭ سۆيگۈ ئېشىنى قويۇپ،ئىلتىپات بىلەن ساڭا كۈلۈپ قاراپ تۇردىغان ئايال ئىدى .
مانا بۇ سەن سۆيگەن ، ئەمما مەن سېنىڭ ئۈچۈن  بەخىتنى ئۇنىڭغا  ئۆتۈنگەن  ئايالدۇر
. ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 18:39  


ۋاقتى: 2012-5-26 00:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز دوستۇم بىر ھازا  مۇڭلىنىۋالدىم...سىز بىلەن تىزراق دىدارلىشىشنى ئاللاھدىن تىلەۋاتىمەن ،ئۇلۇق ئاللاھ سىزنى مەڭگۈ سالامەت خاتىرجەم   شادىمان قىلغاي!!!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-28 11:54:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربىيە سىڭلىمنىڭ  ئەسەرلىرىمگە يۇقرى باھا بەرگىنىدىن سۆيۈندۈم .
سىزگىمۇ كۆپ  تەشەككۈر مىنەۋەر !
ئەسەرلىرىمنى ئۆزىڭىزنىڭ بەددى بېزەكلىرى بىلەن يارقىنلىققا ئېگە قىلدىڭىز . دوسلۇق رىشتىمىز ئۈزۈلمىسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 11:55  


ۋاقتى: 2012-5-28 13:10:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇرنىڭ نەسرى ئەسەرلىرىدىكى  چىنلىق ۋە تىل راۋانلىقىغا قايىلمەن. بەزى ئوخشىتىشلىرىڭىزدىن بەكلا سۆيۈنۈپ كىتىمەن. تېخىمۇ بەركەتلىك بولغايسىز!

ۋاقتى: 2012-5-28 13:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ نەسىرلىرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن . ئۆزۈم نەسىرگە ئامراق بولغاچقىمىكىن ، كۈندە مۇشۇ تېمىنى نەچچە رەت ئېچىپ قايتا -قايتىلاپ ئۇقۇيمەن . كىيىنچە قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ بارلىق نەسىرلىرىنى ئاۋازلىق قىلىپ چىقىش ئۇيۇممۇ بار . يېقىندا يەنە تۆت پارچە نەسىرىڭىزنى ئاۋازغا ئېلىپ چىقتۇق ، ئاڭلاپ بېقىڭ ھەدە، ئەگەر سىزگە يارىسا باشقا نەسىرلىرىڭىزنىمۇ ئاۋازغا ئالغۇزۇپ چىقىمەن خۇدايىم بۇيرىسا ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-28 16:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر دىگەندەك ياخشى تىلەكمۇ قەلىب شەرۋىتىدەك ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىكەن .
ئاۋازغا ئېلىنغان تۆت پارچە نەسىرىمنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم. سىزگە قانداق تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلمەيلا قالدىم يانغىن ئىنىم ! باسقان قەدىمىڭىز خەيرىلىك بولسۇن!
سائادەت سىزگىمۇ تەشەككۈر !
ئاياللىق سەپىرىمىز بەركەتلىك بولسۇن ئورتاق قولنى - قولغا توتىشايلى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-28 17:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتلىق بولۋىلىڭ ئانا

خوشاللىقنىڭ  ھەسىتى كەلگەندەك ، تەغدىر سىزگە تەبەسسۈم قىلمىدى ئانا !  
مەن ئېسىمنى بىلگەن چاغلاردا   دادامنىڭ  سىزگە پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ:
— بار  پۇلۇڭنى چىقار بولمىسا ئۆلتۈرۋىتىمەن –،دەپ تەھدىت  سالغانلىرىنى   ئۆز كۆزىم بىلەن  كۆرگەن ئىدىم .  
تىترەك باسقان قوللىرىنى  يانچۇقلىرىڭىزغا تىقىشتۇرۇپ ، تارتىۋالغان پۇللىرىڭىزغا  قاراپ ، ھۆڭرەك ئىتىپ يىغلاپ كىتەتىڭىز .
—بۇ ئايدا بىز ھاك بىلەن زاك يەمدۇق  ، بىر ئايلىق مۇئاشىمنى تارتىۋالسىڭىز  بىز بىر  ئائىل كىشىلىرى قانداق قىلىمىز؟! يە بالىلارنى ئويلىمىعان ، يە ئۆزىنى ئوڭشىمىعان ماڭا نىمە كۆرگىلىك بۇ ؟ !...
سىز قان ياش ئىلكىدە زار–زار يىغلاپ قالاتىڭىز . ئەنە شۇ چاغلاردا  خەنجەردەك  ئۇرۇلغان ئازاپ باغرىمنى تىلىم– تىلىم قىلاتتى .بىرخىل تىۋىشسىز نەپرەت ئىلكىدە دادامنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ قالاتىم .
دادام شۇخىىل ئەسەبىلىكلەرنىڭ  ئاقىۋىتىدىن  ئاخىرى ئاق ئالۋاستىنىڭ قولىدا  جان بەردى.
ئۆلۈم خەۋىرى دەھشەتلىك بولسىمۇ  ، قەلبىم چىدىغۇسىز ئازاپ ئىچىدە ئۆرتەنسىمۇ، بىراق كۆزۈمدىن ياش چىقارغۇم كەلمىدى.سىزنىڭ ئارام ئېلىپ قالىدىغىنىڭىزنى ئويلىسام، ئۈزۈمنىڭ شۇنچە رەھىمسىزلىك قىلغىنىمنى خاتا دەپ قارىمىدىم . ئەمەليەتتە دادام  نەزىرىمىزدە بۇرۇنلا ئۆلگەن ئىدى. بولۇپمۇ بىر قېتىملىق چېكىۋىلىش ئۈچۈن مىنى باشقىلارغا زورلىغاندا ،قەلبىمنىڭ نەپرەت گۈرجىكىدە دادام ئۈچۈن بۇرۇنلا  غەزىپىم بىلەن  قەبرە قىزىپ قويغان ئىدىم. شۇڭا داداڭ ئۈچۈن يىغلاپ قويمىدىڭ دىگەن تەنبىھلىرىڭىزنىمۇ ھار ئىلىپ كەتمىدىم.
ئەنە شۇندىن كىيىن مەنىلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى ،بىزمۇ باشقىلارنىڭ باللىرىدەك ئەركىن ئازادە ئېچىلىپ– يىيىلىپ كۈلەلەيدىغان ، جەڭگى –جىدەلدىن يۈرىكىمىز زىدلەنمەيدىغان بولدۇق. ئانىلىق ۋە ئاتىلىق مېھىر سىزنىڭ مەزلۇم روريىتىڭىزدىن تەڭ  تەپچىرەپ تۇردى .بالىلىق قەلبىمنىڭ ساداقىتىنى بىلدىرىش ئۈچۈن، سىز پەخىرلەنگىدەك نەتىجىلەر بىلىن ئالى مەكتەپكە قەدەم قويدۇم .
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى. يازلىق تەتىل ئۆيگە قايتىپ كېلىپ سىڭلىمدىن، سىزنىڭ ياتلىق بولماقچى بولغان خەۋرىڭىزنى ئاڭلاپ قۇيقى چېچىم تىك تۇرۇپ كەتتى . ئاچچىق بىلەن سىزگە چالۋاقىدىم :
–        بىزنى يىتىملىك چۆلىدە دىۋانە بولسۇن دىگەنمىدىڭىز ، مەن ئۆگەي دادىنى قۇبۇل قىلالمايمەن...
— ئۇ،ئۇ بۇرۇنقى ساۋاغدىشىم ، مېنى چۈشىنىدىغان ئادەم ، بىز يۈرۈپ توي قىلالمىغان ، ئۇنىڭمۇ ئايالى ئۆلۈپ كىتىپتۇ ، سىلەرگە ئۆگەيلىك قىلمايدۇ ... دىدىڭىز دۇدۇقلاپ.
–        مەيلى كىم بولسا بولسۇن مەن سىزنى توي قىلغۇزمايمەن...
قەلبىمدىكى قىياماسلىقنىڭ ئەسەبىلىرى سىزنى رايىڭىزدىن ۋاز كەچتۈردى بولغاي، سىز شۇندىن كىيىن شۈكلۈشۈپ كەتتىڭىز . بىر يۈكسەك ئانىلىق مىھىرغا باغلانغان مەسۇليەت سىزنى  ئارزۇيىڭىزدىن  ۋاز كەچتۈردىمۇ ئىشقىلىپ، سىز توي قىلىشنى رەت قىلدىڭىز .
ئەنە شۇ چاغدىلا كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشۈپ خوشال يۈرىدىغان بولدۇم .بىراق نىمىشقىدۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ھىلىقى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ  يۈرگىنىڭىزنى كۆڭلۈم تۇيۇپلا تۇرىدۇ  . چۈنكى سىز ئاغىرىپ دۇختۇرخانىدا يىتىپ قالغاندا ئۇ ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ داۋالىنىش پۇلىڭىزنى تۆلىۋەتكىنىدىن ھازىرغىچە گۇمانلىنىمەن ...
ۋاقىت ئېقىن سۇدەك ئۆتمەكتە . مانا مەنمۇ مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك قوينىغا قەدەم قويدۇم . سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ ئىنسان يۈرىكىدىن تەبى ئۇرغۇپ چىقىدىغان سەمىمى تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى چۈشنۈپ يەتتىم.مەن ئىختىيارسىز سىزنىڭ سېھىرلەنگەن كۆزلەردە ھىلىقى ئادەمگە تىكىلىپ قاراپ قىلىشلىرىڭىزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەنە شۇ چاغدىلا سىزنى مەجبۇرى ھالدا دادامغا زورلاپ تېڭىپ قويغان بۇۋام ،مۇمامدىن ئاغرىنىش ھىسياتى قەلبىمنى چۇلغىۋالد ۇ.
سىزگە ھەقىقەتەن ئۇۋال بوپتۇ. ھەتتا مەنمۇ سىزنىڭ بەختىڭىزگە ئولتىرىپتىمەن . ئىنسان مۇھابەتلىك ھاياتىنى مەنىۋى خوشاللىق بىلەن  بېزيەلمىسە ، ھىجرانىڭ كىرزىسى ئەقىلنىمۇ خورىتىدىكەن ئانا !
سىزنىڭ ئەنە شۇنداق خوراشلار ئىچىدە بىزنى دەپ  ئۈنسۈز ياشاۋاتقىنىڭىز ماڭا ئايان ...
مەن بەش يىللىق ئوقۇشۇمنى تاماملاپ قايتىپ كەلدىم .سىزگە ھەركۈنى ھەمرا بولالايدىغىنىمدىن خوشال ئىدىم. بىراق تۈنۈگۈنكى چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتۇ دەپ ئۈنسىز يىغلىشىڭىزدىن، قەلبىڭىزدە يوشۇرۇن دەردىڭىزنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئىھتىمال بۇ جاراھەتنى يالغۇز مەنلا داۋالىيالمىسام كىرەك . مەن سىزگە ھەمرا بولغىنىم بىلەن قەلبىڭىزدىكى تەنھالىقنى مەڭگۈ قوغلىۋىتەلمىگىدەكمەن . سىزگە مەنىۋى تەسەللى  بېرەلەيدىغان بىر ھەمرانىڭ زۈرۈرلىكىنى چۈشۈنىپ يەتتىم .
ياتلىق بولۋىلىڭ ئانا!
مەن پەيلاسۇپلارنىڭ دەستۇرلىرىدىن، مۇھھەببەتنىڭ قېرىمايدىغانلىقىنى  ئوقىغان . سىزنىڭ قەلبىڭىزمۇ كەش كۈزنىڭ ئۈشۈك تەككەن باغلىرىدەك پولاشمىسۇن، ئۈممۈتنىڭ باھارىغا سۆيگۈ چىچەكلىرىنى قوندۇرۇڭ! مەن قېرلىق ھاياتىڭىزدا مۇھەببەتنىڭ  گۈلخانغا ئايلانغانلىقىنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ،مەمنۇنيەت تۇيغۇسىغا غەرىق بولاي ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-28 18:13  


ۋاقتى: 2012-5-28 18:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نەسىر يازدىغان قەلەم،
خىيال سۈرىدىغان باش،
قەغەز دۆۋىسى. رېئاللىق،
ناۋات ئەمەس تاش...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-29 15:46:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﭼﯜش


ﺳﻪن ﮔﻮﻳﺎ روﮬﯩﻴﻪت ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪا ﺋﯘﭼﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪن  ئاققۇلاردەك ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﯘلاﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻟﻪۋﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯩﺮۋﯨﻜﯩﮕﻪ ﻗﻮﻧﺪۇڭ.
ﻣﯘزدەك ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯔ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددەس ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋاراﻗﻠﯩﻐﺎﻧﺪا، ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯩﺮادەﯕﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻗﻪﭘﯩﺰﯨﮕﻪ ﺳﻮلاش ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯘﺗﯘﻧﺪى، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﻪن ﮔﻮﻳﺎ ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﻠﻪردەك ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-29 15:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-29 19:24:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىر يازدىغان قەلەم،
خىيال سۈرىدىغان باش،
قەغەز دۆۋىسى. رېئاللىق،
ناۋات ئەمەس تاش...

ئىنىم ئوتلۇق ! بۇ قانداق ئىنكاستۇ  ھىچنىمە ئاڭقىرالمايلا قالدىمغۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-30 11:39:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﺎرﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﯟالاي دادا

ﺋﯧﺴﯩﯖﺪﯨﻤﯘ دادا !
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪا ﺳﻪن ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯩﺮادە ﺋﯧﺘﯩﯖﻐﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﻣﯩﻨﮕﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯩﮭﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﻘﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﯔ. ﮔﻮﻳﺎ ﺋﻮﻏﯘﻟلاردەك ﺟﺎﺳﺎرﯨﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎﻣﺎﻧﺪا ﺗﯘﻟﯘق ﮬﻪﻳﺪەﺷﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻣﯘﺷﺎﻗﻘﻪت ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﮬﻪﻣﻨﻪﭘﻪس ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪﺑﯩﻲ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪرداﻧﻪ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﻪﺗﺘﯩﯔ.
ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﻤﺘﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪا ﮔﻮﻳﺎ ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺷﺎﻣﯩﺪەك ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺗﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚزۈﯕﮕﻪ ﮬﻪﻣﺮاھ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻴﯧﺸﯩﻞ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯘﻏﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن، ﺳﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻠﻰ دۆﯕﻠﯜﻛﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﯔ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯧﺮﯨﻖ ﻳﺎﻗﯩلاپ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺗﯧﻨﯩﻢ، ﺑﯘدرۇﻗﻘﯩﻨﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﺪە ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪت ﺑﯘرﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﭽﯩﻐﺎن ﺟﯜرﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻪزﮔﯜﻟﯩﺮﯨﻢ ﻗﻮرﻗﯘش، ﭼﺎرﭼﺎش دﯦﮕﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﺋﻪﺳلا ﻳﯩﺮاق ﺋﯩﺪى.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪت ﻗﻪدﯨﻤﯩﺪە ﺋﯧﭽﯩﻖ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎن رﯨﺴﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘرلاﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﺎرا ﻗﻮل ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻐﻤﯘﺗﯩﻎ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ دەﻗﯩﻘﯩﺪە ﺳﻪن ﺧﯘددى ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﺪەك ﻳﯧﻨﯩﻤﺪا ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪۇﯕﺪە، ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮۋﯨﻜﯩﺪە ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﺎﭼﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺟﺎن ﺗﻪﺳﻪدۇق ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎر ﺗﯘرﻏﺎن ﻛﻪﭘﺘﻪردەك ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﻤﺎس ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺪﯨﯔ. ﻣﻪن ﮔﻮﻳﺎ ﺗﻮﺗﯩﻴﺎدەك ﺋﺎﺳﺮاﻟﻐﺎن ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﺪا دادﯨﻠﻠﯩﻖ، ﻏﯘرۇر ﺋﻮﺧﭽﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﻨﻰ ﺳﯘﻳﺪۇم.
ﻳﯩﻠلار ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ دەرﯨﺨﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﭘﯘرﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘردى. ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮔﯜزەل ﺑﺎﮬﺎرﯨﺪا، ﺋﺎرﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪن ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﻪرﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺪى. ﺷﺎﺋﯩﺮاﻧﻪ ﺗﯘﻳﻐﯘﯕﺪا ﺋﻮرﻛﻪﺷﻠﯩﮕﻪن ﺋﺎرﻣﺎﻧلار ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎت ﻗﺎﺗلاﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺧﭽﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﯩﻦ ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى. ﺳﻪن ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﯖﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻤﻨﻰ  ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ.
ﺑﯩﺮاق، ﺋﻪﭘﺴﯘس!
رﯨﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرەن ﻣﻪزﻟﯘﻣلار دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺟﯩﺰلار ﺋﺎرﯨﻠﯩﻐﺎ ﺑﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪەك ﺋﺎرﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﭘﻪﻗﻪت ﻗﻪﻟﺐ ﻗﺎزﯨﻨﯩﻤﺪا ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﭘﯩﺸﻘﺎن ﺳﺎداﻗﻪت ﺋﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﺨﯩﻴﻠﯩﻚ دەﺳﺘﯩﺮﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺳﯧﻨﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺗﺎلاي - ﺗﺎلاي ﺑﯜﻳﯜك ﻳﻮﻟلاردا ﺋﺎرﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪن ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺠﺎۋەﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪى.
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪە ﺗﯩﭙﭽﻪﻛﻠﯩﮕﻪن ﮬﺎﻳﺎﺟﺎن ﭼﻮﻗﺎﻧﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮۋﻟﯩﺪى. ﺟﯩﺮﯨﯖلاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯧﯖﯩﻤﺪا ﺗﯧﺨﻰ ﻣﻪن ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﮬﺎﻳﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺮەڭ ﺷﻮﻟﯩﺴﻰ زاﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪى. ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘق ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺳﺎداﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎﺳﺎرەت ﺋﯘرﻏﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﯖﮕﻪ ﻗﯧﻨﯩﭗ ﺑﻮلاﻟﻤﯩﻐﺎن روﮬﯩﻴﻪت ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯜۋەﺟﯩﺪى. ﺑﯜﻳﯜﻛﻠﯜك ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﻮزۇﻟﻐﺎن ﻳﻮﻟلاردا ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﻧﯘراﻧﻪ ﮔﻪۋدەﯕﮕﻪ ﻗﺎراپ ﺑﯩﺘﺎﻗﻪت ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻢ ﻳﻪﻧﻪ دﯨﻘﯩﻠﺪﯨﺪى، ﻳﯜرەﻛﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻗﺎن ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﺋﺎرﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﯟالاي دادا!
ﺋﺎرزۇﻟﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﻣﯩﺮاﺳﺨﯘر ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚزۈڭ ﭘﻪرۋﯨﺸﻠﯩﮕﻪن، ﺋﺎدﯨﻤﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟلاردا ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚزۈڭ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪن، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯩﻤﺘﺎس ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﯩﺪا ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﺪەك ﺟﺎراﯕلاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﯩﺴﺮالارﻧﻰ ﺋﯚزۈڭ ﺋﯘدۇم ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن، ﺋﻪﻣﺪى ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﻗﺎﭼﻤﺎ دادا!
ﺋﺎرﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪزﻟﯘﻣﻠﯘق ﻛﯚرﭘﯩﺴﯩﺪە ﻣﯜﮔﺪەپ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى، ﺋﯩﺮادەم ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﯘﺷﻪﻗﯩﺘﯩﺪە ﭼﺎرﭼﺎپ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى، ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﯖﮕﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮداش ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﯩﻢ ﻗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻐﺎن ﮬﯧﺴﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮﯨﻐﺎن ﻣﯧﮭﯩﺮ دەل ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯜرەك ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮدى. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ روﮬﯩﻴﻪت ﺋﯘدۇﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدﯨﻤﻨﻰ ﺗﺎۋﻟﯩﺪى، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﺳﻪﭘﻪر ﻣﯘﺷﻪﻗﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﻪرﮔﯩﻢ ﻳﻮق دادا.
ﻣﯜﻛﭽﻪﻳﮕﻪن ﺗﯩﻨﯩﻘﯩﯖﻐﺎ ﻳﯚﻟﻪك ﺑﻮﻟﻐﯘدەك، ﻣﯜدۈرﺳﻪڭ ﻗﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﮬﺎﺳﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘدەك، ﭼﺎﯕﻘﯩﺴﺎڭ روﮬﯩﯖﻐﺎ زەم - زەم ﺑﻮﻟﻐﯘدەك، ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎڭ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺳﺘﯘق ﺑﻮﻟﻐﯘدەك، ﻣﯘزﻟﯩﺴﺎڭ ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﮕﻪ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﺋﺎدﯨﻤﯩﻲ ۋﯨﺠﺪان ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺑﯘلاﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺪا ﻗﯘرﯨﻤﯩﺪى، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎ دادا!
ﺋﺎدﯨﻤﯩﮕﻪرﭼﯩﻠﯩﻚ دۇﻟﺪۇﻟﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﻣﯩﻨﮕﻪﺷﺘﯜرۈۋال. ﺳﻪن ﺋﯩﺰدﯨﮕﻪن ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻧﻤﯘ دﯨﺪارﻟﯩﺸﯩﯟالاي، ﻗﯧﺮﯨﻤﺎس ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﺟﺪادلار روﮬﯩﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪۈرۈۋالاي...
ﺋﺎرﻗﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﯟالاي دادا!
ﺋﯚز ﺳﺎﻳﻪﯕﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك ﻗﺎﭼﻤﺎ!
ﺑﻪﯕﯟاﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮەﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪە ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻗﯘﻟﯩﭙﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺳﻮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮى، ﺋﺎدﯨﻤﯩﮕﻪرﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﮔﻨﯩﯟالاي، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﯕلا ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺟﺪاد ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪۋلادﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘرﻏﯘﭼﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪت ﻛﯚۋرﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﻤﻪن. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜرۈش ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻢ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪە ﻳﯩﻠﯩﻨﺠﺎپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﻪك ﭼﺎﻗﻨﯩﺴﯘن!...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 11:40  


ۋاقتى: 2012-5-30 13:08:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئىلياس،سىز ئۆزىڭىزدىكى نەسرى تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئويغاقلىقى بىلەن ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىدە مەلۇم ئورۇننى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىز،مەن سىزنىڭ بۇ يولدا باسقان قەدىمىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.بۇ نەسىرمۇ ئىنتتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ.ھارمىغايسىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۆھرەگۈل ھامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-4 23:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-31 13:32:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﯩﺰدەپ ﻳﯜرەر ﺋﺎدەﻣﻠﻪر


ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﯩﺰدەپ ﻳﯜرەر ﺋﺎدەﻣﻠﻪر،
ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﻪردﯨﻦ ﮬﺎﻳﺎت ﻧﯘراﻧﻪ.
ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﯩﺰ دﯨﻞ ﮔﯩﻴﺎﮬﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﭼﯚل،
ﮬﺎﻳﺎت ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺴﯩﺪە ﻛﯜﻟﻜﻪ دۇرداﻧﻪ.

1

ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﺪا ﺟﯩﺮﯨﯖﻠﯩﺪى ﺑﯩﺮ ﺋﺎۋاز، ﻏﻪﭘﻠﻪت ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ، ﻣﺎزار ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺟﯘﺷﻘﯘن ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﺪﯨﯔ.
ﺋﻪﻧﻪ، دﯨﻠﺒﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﻗﻪھ - ﻗﻪھ ﻛﯜﻟﯜﺷﻠﯩﺮى...
ﺋﯚﻟﮕﻪن ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮرۇﻗﻠﯘق ﺗﯜﯕﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧلاﻧﺪﯨﯔ. ﺋﯘ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺷﻪرۋەﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻏﺠﯩﺮاپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎرﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻧﻪﻣﺪﯨﺪى، ﺳﻪن ﺷﯧﺮﯨﻦ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪە، ﻗﺎرﺷﻠﯩﻘﺴﯩﺰلا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻗﻪﭘﯩﺰﯨﮕﻪ ﺳﻮلاﻧﺪﯨﯔ...

2

ﺋﻪي ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪە ﭼﻮﻟﭙﺎن ﺳﺎﻧﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪت ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪا ﺗﻪﻧﮭﺎ ﻳﯜرﮔﻪن دﯨﯟاﻧﻪ. ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﻪردﯨﻦ ﮔﯘﻣﺮان ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪت ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺗﻪﻣﺎﺳﯩﺪا ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻧﺪە. ﺳﯧﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ دەۋەت ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺋﯘ ﻛﯚﯕﯜل ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘرﻏﯘپ ﻟﻪۋ ﮔﯩﺮۋەﻛﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜﻟﻜﻪ...




3

ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎرەك ﺑﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى، ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺋﻮﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪر - ﻣﻪردەك ﺋﯩﯖﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﻪردى. ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪرﻛﯩﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯜﻟﮕﻪن ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ۋﯨﻠﯩﻖ - ۋﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎۋازى ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددەس ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪا ﻛﯚﻛﻠﯩﮕﻪن ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯚﭼﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯧﭽﻪك ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﻮﻧﺪى. ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﯘﺷﺎﻗﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎرﭼﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﮔﯩﮕﻪﻧﺪەك ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯜﻟﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎلا ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﻪدەﺑﯩﻴﻠﯩﻚ ﺋﯘدۇم ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪپ،  ھەق ئىلاھەنىڭ شاپائېتى ئۈچۈن دۇﺋﺎﻏﺎ ﻗﻮل ﻛﯚﺗﯜردى.
− ﺋﻪي ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺋﺎراﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ! ﺑﺎلام ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻪﺧﺘﺘﯩلا ﺳﯧﺨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎي، ﻛﯜﻟﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯧﺨﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪن ...


4

ﺳﻪن ﺋﺎﮬﺎﻧﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮرلاﻧﻐﺎن ﻏﯘرۇرۇﯕﻨﻰ ﺑﯘرۇﻗﺘﯘرﻣﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﯘرۇپ، ﺋﯚﻳﯜﯕﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﯩﯖﺪە، ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ رﯨﺸﺎﺗﻜﯩلاﻧﻐﺎن ﮔﯜﻟﺰارﻟﯩﻖ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﻧﺎزﯨﻨﯩﻨﻐﺎ ﻛﯚزۈڭ ﭼﯜﺷﺘﻰ.
ﺋﯘ ﻟﯩﯟەن ﺑﻪدەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘق ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﯩﻜﻜﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﯜﻟﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق زﯨﻨﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﺎﮬﺎرﻧﯩﯔ ﺧﯘش ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻣﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪى.
ﮔﻮﻳﺎ ﻛﯜﻟﻜﻪ دورﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎدار ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪەك، ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﺪە ﻏﺎزاڭ ﭼﯩﺮﯨﻨﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯩﺨﺴﯩﻐﺎن ﺳﻪزﮔﯜﻟﯩﺮﯨﯔ ﻳﯧﯖﯩلاﻧﻐﺎﻧﺪەك ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﻏﯘﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰلا ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى.
ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯘزارﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﺎزاﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﺎدﯨﻤﯩﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎق ﺑﺎﻏﺮﯨﺪا ﺋﯘﻳﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪى...


5

ﺋﯘ ﻗﯩﺮﺗﺎق - ﻗﯩﺮﺗﺎق ﺗﯘرﻣﯘش ﻳﻪﻛﻠﻪﺷﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚز ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺮان ﺑﻮﻟﯘاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪزدى.
ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺧﻮراﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪاﺷﻘﺎن روﮬﯩﻴﻪت ﻗﯧﺮﯨﺸﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪر زاﻣﺎن ﺋﯜﻣﭽﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪى. ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت ﺗﯚﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺧﯘرﺳﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻣﯜر ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﺪى.
دەل ﺷﯘ دەﻗﯩﻘﯩﻠﻪردە ﺗﻪﯕﺮى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ، ﻛﯜﻟﮕﯜﻧﭽﻪك ﺑﯩﺮ ﻧﻪۋرە ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪى. ﮔﻮﻳﺎ ﻣﻮﻣﺎي ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎزاپ ﻗﯘﻟﯩﭙﻰ ﭘﺎﭼﺎﻗلاﻧﻐﺎﻧﺪەك، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪ - ﺗﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﺎﻣﺪاپ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺑﯘدرۇق ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﯕﯘزلاپ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪى.
ﺷﯘ ﺗﻪرﯨﻘﯩﺪە ﻛﯜﻧﻠﻪر ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﻧﻪۋرﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻮخ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯜﻟﮕﻪن ﻣﻮﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﮕۈن ﭼﯩﺮاﻳﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘپ، ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺋﻮﻏﯩﺘﯩﺪا ﺋﻮﻏﯘﺗلاﻧﻐﺎن ﭼﯩﻨﺎر ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪەك ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﺎردى...



6

ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻨﯩﯔ زۇۋاﻧﻰ ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪەك، ﺗﯩﭙﺘﯩﻨﭻ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﺎلا ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻗﯩﻴﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﯜرۈۋاﺗﻘﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﻪﻣﺎﺳﯩﺪا ﺗﯩﻜﯩﻠﺪى.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺧﻮراﺷﻠﯩﺮى ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪن، ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮى ﻳﯩﻐلاﻣﺴﯩﺮﯨﻐﺎن ﻛﯚزﯨﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪى. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎداﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮى ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘراﻟﻤﯩﺪى، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘرﻟﯘق ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯜﻟﺪۈرەﻟﻤﯩﺪى. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ دەرس ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳلا ﺑﯧﺸﯩﺪا ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪەك ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﺪە، ﺳﯩﻨﭽﻰ ﺳﻪزﮔﯜﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ۋەزﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚزەﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﻧﻪ ، دادﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﻳﯜز ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺸﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜپ ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ.
روﮬﺴﯩﺰلاﻧﻐﺎن ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ  ‹‹ئارمان تالقىنى››ئىچىرىلگەندەك، ﺑﯩﺮدﯨﻨلا ﺗﯧﺘﯩﻜﻠﻪﺷﻜﻪن ﺑﺎلا ﭘﯩﺴﯩﯖﯖﯩﺪە ﻛﯜﻟﺪى...
ﺋﯩﮫ ﻛﯜﻟﻜﻪ!
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ﻳﺎرﻗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪا ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪرى، ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰدەش ﻳﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن روﮬﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻰ...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-31 13:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-31 13:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئىلياس،سىز ئۆزىڭىزدىكى نەسرى تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئويغاقلىقى بىلەن ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىدە مەلۇم ئورۇننى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىز،مەن سىزنىڭ بۇ يولدا باسقان قەدىمىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن!.بۇ نەسىرمۇ ئىنتتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ.ھارمىغايسىز...

  نەسىرلىرىمگە يۇقرى باھا بەرگىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم .كۆپ تەشەككۈر زۆھرەگۈل  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش