قەلبىنۇر ئىلياس : نەسرى ئەسەرلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 11:30:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈر ئەزىز ھېيت !
نەسىرلىرىمگە تولىمۇ يۇقىرى باھا بېرۋىتىپسىز سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدىم .
ئەمەليەتتە مەنمۇ ئۇستاز  ئەخمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېسەممۇ بولىدۇ .بۈيۈك ئەدىپىمىزنىڭ ھەر بىر توپلىمىنى ئۈزۈم ئۈچۈن ئۈگۈنىش دەستۇرى قىلدىم .
نەسىر ئىجاديىتى ھازىر بىرقەدەر ئېتىبارغا ئېلىنغان جانلىق ھەم  ئەركىن شەكىلگە ئايلاندى بىراق يەنىلا ئاجىز نوختىلار كۆپ .شۇڭا مەيلى مەن بولاي ياكى باشقا نەسىرچىلەر بولسۇن ھامان يول كۆرسىتىشكە ۋە تەنقىتكە ئېھتىياجلىق شۇڭا مۈمكۈن بولسا دىققەت قىلىش ھەققىدىكى نوختىلار ئۈستىدىمۇ ئىنكاس پىكىرلەر بولسا تولىمۇ خوش بولاتىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 12:18:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچارچىلىق


1

ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بەرمىدى بۇ ماكاندا ، نىممەتلەر  رىزقىمىز ئۈچۈن لىپمۇ- لىق .
ئەمما ئاچارچىلىققا ئۇچراۋاتقىنى  توقلۇقتىن چىققان يوقلۇق .
قاناەتلەر  ئېچىرقىغان ، نەپىسلە دېقىلدىغان .
ئاھ ! پايدىغا يەمچۈك بولغان ۋىجدان ،شەخسىيەت تېنىدا يېتىلۋاتقان بۇلغانما قان .
سېنىڭ قىسمىتىڭ شەيتانغا كۈلكە، سېنىڭ ئامىتىڭ  روھىمىزدا يېتىلۋاتقان تۈلكە....


2


ئىشىك ئېچۋىتىلدى تۆگىگە،   راۋانلاشتى ئېشەككە .
ئېشەك خۇيلۇق ئادەملەر يالماپ كەتتى قەلىبلەرنى ، بۇ ھەقىقەتتىن  ئېرىشمىدۇق ئىبرەتكە.
يۈرەكلەرگە ۋېرۇس تارالدى ، ھىچكىم ئېرەڭشىمەس بولدى ئىپپەتكە ...


3

ماددىي  ئاچارچىلىققا يولۇقۇش، ئۆلتۈرەمدىكىن تەندىكى ساختا پارازىتلارنى...
روھلاردىن شەخسىيەت قۇرۇتلىرى قېقىلسا ،مەيلىتى  غەمسىز سەمەرگەن تەنلەر   ئورۇقلىسا ...
ھەشەمەتلىرىڭگە ئوت ياقىن   نەپسى بالالا  !  بىزگە زۈرۈر بولۇپ قالدى روھى داۋالا...

4


سال قامچاڭنى ئەجدات ! لەنەت كۆلىگە چىلاپ تۇرۇپ ، باش كۆزۈمدىن سىرغىسۇن قانلا.
بىر كاچات ئۇر زەردەڭ بىلەن ،تۆكۈلۈپ كەتسۇن كېرەكسىز بەرگىم ،ھېممىتىڭدىن كۆكلىسۇن جانلا...
ئەركىلىتىش كۆرپەڭدىن چۈشۈرۈپ داق يەردە قوي! تىنىمگە پاتسۇن مۇشاقەت غېمى.
ئاچارچىلىق چۆللىرىگە تاشلاپ قوي  گاھى ، بودالغان قويسىياق بولۇپ قالماي دەۋىرنىڭ يېمى ...
ئاغزىمغا سېلىپ قويما بىر لوخما ناننى ،چېشلىرىم سۇنۇق بولسىمۇ چايناپ باقاي ،
مېھرىڭنى زىيادە تۆكمە! تاۋلىنىش بۆشۈكىدە مۈگدەپ يېتىپ ، مېھىر ئاچارچىلىقىدا قالماي ...

5

يۈرەكلەردىن بوران گۆكرىسە، ئىزگۈلەر  مانانلارغا كۆمۈلەر.
مەنىۋى ئاچارچىلىق باسسا زىمىننى ،پەزىلەت دەرىخىدىن پىشماي تۇرۇپ قەلىب تۆكۈلەر.

6

ماددى ئاچارچىلىق ـ قاناەت يىلتىزىنى كۆكلەتسە ،بىر گۈزەل باياشاتلىق چۈمپەردىسىنى يېرىپ چىقىدۇ.


7

مەنىۋى ئاچارچىلىق بۇلۇتى يېيىلمىسۇن  بالام بېشىڭغا ،  نەيرەڭ يامغۇرلىرى تۆكۈلمىسۇن   ئېشىڭغا !
چىنەڭدىكى چاۋىنى چېچەنلىكىڭ پۈۋلىسۇن ، پاكىزە بىر سەمىميەتكە قەلبىڭ  ئۈندىسۇن!


8

تالاي رەت  ئاچارچىلىق دەردىدە قالدۇق . يوقلۇق گۈلخانلىرى تاۋلىدى بىزنى.
تارىخنىڭ نىمجان پۇتىدەك ئاقسىدۇق ئەمما قۇملار يۇلغۇن قىلىپ كۆچۈرۋالدى ئىرادىمىزنى .
ئاچارچىلىقتا تۇرۇپ، تۇغۇپ ئۈلگۈردۇق ئۇلۇغلۇقنى . شۇڭا قالدۇردۇق پاراسەت ساندۇقىغا قاچىلانغان بۈيۈكلۈكنى .
بىراق ئەپسۇس! توققىزىمىز تەل تۇرۇپ بۈگۈن ، نىچۈن مەنىۋى ئېچىرغاشقا ئوغۇرلاتتۇق ئۆزىمىزنى؟!...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 17:51  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 11:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېقىلىش



ئۈزۈمنى ئۇرسام ھەقىقەتنىڭ تېشىغا، كۈكۈم –تالقان بولۇپ كەتسەم ،بىر سۈزۈك خىرىستالدەك .    قۇراشتۇرسام ئۈزۈمنى يېڭىۋاشتىن ، كۆرمىسەم  ئۈمۈدۈمنى ئۆي جاھازىلىرىدا ،ھەشەمەتكە قۇل بولۇپ ،يالتىراپ تۇرمىسىكەن ساختا ئىناۋەتلىرىم...
ئاياللىق ھەيكىلىم چېقىلسىكەن ! نازىنىن مىسرالاردا ئۇلۇغلانغان،شەھۋەت قۇتراتقۇلىغىنى ئۇلغايتقان ، ساختا پەرداز بىلەن ھېلىمىكىر بوياقلىرىدا پەردازلانغان ، مېنىڭ ناز كەرەشمىلىرىم...
چېقىلسىكەن ،روھىم قۇراشتۇرۋالغان چۈشكۈنلىكلىرىم ، تۇيغۇنىڭ ھارام بالىسىنى  كۆتەرمىسىكەن ئەمدى قورسىقىم ،چېقىلىپ  كەتسىكەن ،شېشە قۇتىدا  ئايالغاندەك بېمەنە  ئەتىۋارلىغىم  ...
چېقىلسىكەن ، مەن ياسىغان رەزىل قورغانلار ، شەخسىيەت ئىتلىرىمغا تالاتمىسام جەسۇرلىغىڭنى ،كارۋىنىڭغا  قوڭغىراق  قىلىپ ئېسىۋالغىن يار،   چېقىلىپ، قايتا قۇراشتۇرۇلغاندىن  كېيىنكى ئۇلۇغلۇقىمنى ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 11:39  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 18:01:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگى ئۈزۈلگەن گۈل

بىر ھېجران قىلىچى قىزنىڭ دىلىغا چېپىلدى. رەشىك ئۈنچىسىدەك چاچرىغان ئارزۇ، گۈل بەرگىدەك ئۈزۈلدى . بەخىتنىڭ ھازىدارى بولغان يۈرەك ئەڭ ئاداقى يورۇغلۇقنىڭ مەشۇقىدەك ئازاپ باغرىغا  غۇۋا تۇمان بولۇپ يېيىلدى.
يېگىتنىڭ لېۋىدىن چۆچەك ئۈزۈلمەيتتى ، بەخىتلىك كەچمىشىنى رىۋايەت قىلىپ تامشىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان   يىگىت ،قىز قەلبىدىكى روھى يۇقىتىشنى ئەسسلا چۈشەنمەيتتى...
قىز گويا ئۆزى ئۈچۈن قەستەن ئېيتىلۋاتقان  چۆچەكلەرنىڭ مەنىسىدىن  ئاستا توزىدى،
ئۇ مەزلۇميەت باغچىسىدىكى يىگانە گۈلدەك جەزبىدار بولسىمۇ   ،ئەمما تەغدىر ئۇنىڭ بەرگىنى رەھىمسىز قولىدا ئۈزمەكتە ئىدى.
قىز ئەمدى بار ماغدۇرىنى پۇتىغا يىغىپ ،بىپايانلىقنىڭ ئۆرنىكى بولغان ئېتەكلىرىگە ۋاقىتسىز ئۈزۈلگەن گۈل بەرگىلىرىنى تېرىشقا باشلىدى .
ئۇ ئۆز ئەقىدىسىنى ئۆزىنىڭ قەدىرلىشى زۈرۈرلىكىنى بىلەتتى چۈنكى بۇ قىممەتلىك بىر تەجىربىنىڭ ئەۋرىشكىسى ئىدى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 18:03  


ۋاقتى: 2012-4-27 18:19:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاش تېشىدەك سۈزۈك پىكىرلىرىڭىز تېخىمۇ مول ھۇسۇللۇق بولغۇسى .

ۋاقتى: 2012-4-27 18:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ھەدە، بەزى نەسىرلىرىڭىزدىكى ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتلىرىدىكى گۈزەللىكتىن شۇنداق ھاياجانلىنىمەن.
سىزنىڭ توختىماي مېڭىشلىرىڭىزغا سىڭگەن قەدەملىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بېسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-28 10:00:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنى ياختۇرۇپ ئوقىغان گۆھەر ئابلا  ۋە مۇنىرە ئالىملارغا تەشەككۈر !
سەمىمى مەدىتىڭلار ئۈچۈن مىنەتتارلىغىم باش كۆزۈڭلاردىن چاچقۇ  بولۇپ چېچىلسۇن.

ۋاقتى: 2012-4-28 10:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن باغچىدا ،قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى ئۇقۇپ ئولتۇرسام،ئەتراپتىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.  .مۇقاۋىدىكى قىستۇرما  سۈرەتمۇ شۇنچىلىك تەبىئى ماسلاشقان  .كىتاپتىكى نەسىرلەرنى ئۇقۇغاندىن كىيىن   ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى،ئاتا-ئانا ،بالا ۋە ئائىلىگە بولغان مىھىر مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلىقى.ئاياللىق بۇرۇچ،پەرزەنىت تەربىيىسى ،ئادىمىيلىك ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ھىسيات تۇيغۇسى بىلەن ئىپادە قىلىنقانلىقى بولدى .
مەن  ھەدىمىزنىڭ ئىجادىيەت گۈللىرىنىڭ تېخىمۇ پۇرەكلەپ ئېچىلىشىنى،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىسىنىڭ ئىناق بەخىتكە تولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

ۋاقتى: 2012-4-28 10:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن باغچىدا ،قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى ناملىق نەسىرلەر توپلىمىنى ئۇقۇپ ئولتۇرسام،ئەتراپتىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.  .مۇقاۋىدىكى قىستۇرما  سۈرەتمۇ شۇنچىلىك تەبىئى ماسلاشقان  .كىتاپتىكى نەسىرلەرنى ئۇقۇغاندىن كىيىن   ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى،ئاتا-ئانا ،بالا ۋە ئائىلىگە بولغان مىھىر مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلىقى.ئاياللىق بۇرۇچ،پەرزەنىت تەربىيىسى ،ئادىمىيلىك ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ھىسيات تۇيغۇسى بىلەن ئىپادە قىلىنقانلىقى بولدى .
مەن  ھەدىمىزنىڭ ئىجادىيەت گۈللىرىنىڭ تېخىمۇ پۇرەكلەپ ئېچىلىشىنى،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىسىنىڭ ئىناق بەخىتكە تولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-30 10:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈر سىڭلىم ئايشەمگۈل!
ئىزچىل ھالدا ئەسەرلىرىمگە ئىنكاس يېزىپ تۇرۋاتىسىز . سىزنىڭ قوللاپ - قۇۋەتلىشىڭىز مېنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى.
سىزگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-30 10:14:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﺋﺎﻳﺎل

ﺋﯚﻳﯜﯕﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪت ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪا ﺑﯧﺰەپ، ﺑﻮﺳﯘﻏﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘن ﮬﻪل ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎلاﺗﺴﺎﯕﻤﯘ، ﺋﺎﻳﺎغ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻖ دەﺳﻤﯩﻠﯩﺪە ﺳﯜرﺗﯜۋەﺗﻤﻪ! ﻳﯩﻜﻪﻧﺪازﯨﯔ زەردﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻣﯜﺷﺘﯩﻦ ﺟﯩﻴﻪﻛﻠﻪﻧﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﻤﺎ! ﺋﻪي ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﺋﺎﻳﺎل، ﺋﻪﮔﻪر ﻗﯩﻠﺪەك ﻧﺎزۇك ﻛﯚﯕﻠﯜﻟﮕﻪ ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘرﻟﯘق ﺗﯩﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﺠﯩﻤﺎي دﯦﺴﻪڭ.
ﺧﯘش ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻣﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎلام ﺋﯜﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﻗﯩﻞ، ﺳﯧﺨﯩﻠﯩﻚ ﭼﯩلاﭘﭽﺎﯕﺪا ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻳﯘي! دەﺳﺘﯩﺨﯧﻨﯩﯖﻨﻰ ﻛﻪﯕﺮى ﻳﯧﻴﯩﭗ، ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭘﯩﻴﺎﻟﻪﯕﮕﻪ ﺋﻮﺗﺘﻪك ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪﯕﻨﻰ ﻧﺎۋات ﻗﯩﻠﯩﭗ دەﻣﻠﻪ! خوش- پىئېل ﺗﻪﯕﻨﻪﯕﺪە ﻗﻪھ - ﻗﻪھ ﻛﯜﻟﻜﻪڭ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯚرﻣﻪت ﺋﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﻳﯘﻏﯘرۇپ، ﻛﯚﯕﯜل - ﻛﯚﻛﺴﯜڭ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮي! ﺋﻪي ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﺋﺎﻳﺎل، ﺋﻪﮔﻪر ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯩﺰدﯨﮕﻪن ﺋﺎدﯨﻤﯩﯖﻨﻰ ﺋﺎرﺳﺎﻟﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯜﺗﻠﯩﻤﻪي دﯦﺴﻪڭ.
ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪ، ﺋﯚزﮔﯩﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎن ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺳﺎﻧﯩﻤﺎ ! ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜن، ﻧﺎﻛﺎرﻏﺎ ﻗﯩﺮﺳﯩﻖ ﻛﯚزﯨﯖﺪە ﻗﺎرﯨﻤﺎ! ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﺪار ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﭘﺎي - ﭘﯧﺘﻪك ﺑﻮﻟﯘپ، ﻏﯩﺮﯨﺒﻠﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪا ﻳﯜرﮔﻪن دﯨﯟاﻧﯩﮕﻪ ﺗﯘۋﯨﻐﯩﯖﻨﻰ ﻳﺎﭘﻤﺎ! ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻤلا ﺑﻮﻟﺴﯘن ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎن ﻳﺎﻏﺪۇرۇپ، ﺋﻮﺗﻠﯘق ﮬﯧﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺷﯜﺗﯜپ ﻗﻮﻳﻤﺎ! ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ - ﭼﯜﭼﯜك لازا، ﺳﯩﺮﻛﻪڭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ. ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘز ﻳﺎﻏﺪۇرۇپ ﺑﻪرﮔﻪن ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﺎﯕﺪىن ﻗﻪﻟﺐ ﺗﻮﻧﯘرۇﯕﺪا ﭘﯩﺸﻘﺎن ﻛﯚﻳﯜك ﺗﻮﻗﯘﭼﯘڭ ﺋﻪلا، ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﻠﯩﻚ  ئېشىڭدىن   قايناق سۈيۈڭ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ! ﺋﻪي ﺳﺎﻳﯩﭙﯩﺨﺎن ﺋﺎﻳﺎل، ﺋﻪﮔﻪر ﻛﯚﯕﯜل ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﻤﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮەن ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﭼﯚﻛﻪي دﯦﺴﻪڭ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 10:21  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-2 12:16:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى قەلبىڭدىن ئىزدە نەۋقىرانىم

1

قەلىب رامكاڭدىكى خىيالەن سۈرەتتەك گۈزەل بولالمىساممۇ گۈزەل تۇيغۇلارنى ھىس قىلىشقا قۇربۇم يېتىدۇ . مەيلى ئاچچىق– ئاچچىق ھەسرەتلەرنى ھەدىيە قىلغىنىمدىن ئاغرىن ۋە ياكى سۆيۈن مېنى يەنىلا قەلبىڭدىن ئىزدە ،چۈنكى تۇيغۇدەك پاكىز، سۆيگۈدەك ئىزگۈلىكنى پەقەت قەلبىڭنىڭ سېھرى كۆزىلا كۆرەلەيدۇ.
ماھيەتتە غېرىپلىقنىڭ ئۆزىمۇ ھەققىقى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى،ئازاپلانغان قەلىبدىلا سۆيگۈ ئۈچۈن ئۈنسىز بەدەل تۆلەش يۈكسەكلىكى پارلىغان بولىدۇ بۇ رىيال ھاياتنىڭ ساختىلىقىدىن بىباھا ...
مېنى قەلبىڭدىن  ئىزدە نەۋقىرانىم !
مەن سۆيگۈ  دېڭىزىنىڭ  تېرەنلىكىدە مەخسەتسىز ، ئەمما ئەڭ سەمىمى گۈل دەستەمنى سېنىڭ ئۈچۈن راسلاپ قويدۇم .ئىشرەتخورلۇققا تولمىغان پاكىز ئىديەلەر بىلەن روھى قاتلاملىرىڭنىڭ ھۈجەيرىسى بولسام دەيمەن ، يۈكسەكلىك مۇنبىرىدە جۇلالىشىڭ ئۈچۈن ،  ئالقىشلىرىمنى جاۋاھىر قىلىپ باش– كۆزىڭدىن  ئۈنسىز چاچىدىغىنىمغا ئىشەن ، گويا قەلبىڭدىكى پەرىشتە سۈپىتىم بىلەن قەلبىڭگە دەپنە بولغاندەك...
ياپ– يېشىل ئېڭىللەرنى كىيگىنىمدىن ھەيرانلىق ھىس قىلما، زەڭگەرەڭ گۈزەللىك بىلەن ئەقىدەڭنى خانىۋەيران قىلغىنىمدىنمۇ ئاغرىنما ! ھالرەڭ ئالمىدەك چىنلىقىم بىلەن شەھۋەت نەپسىڭنى دىقىلداتسام ئۈزۈمنى  ئۆلۈم جىنازىسى ئىچىدە ھىس قىلىمەن .
ۋۇجۇدۇمدىن مەزلۇميەتنىڭ نازاكەتلىرى تۆكىلىپ تۇرمايدۇ    پەردازسىز چىھرىمدە ئاددىلىقلا مەۋجۈت ،  ئەمما ئەڭ گۈزەل ئىستىتىكاڭ بىلەن مەۋجۇتلىقىمنى قىياس  قىلىدىغىنىڭدىن گۇمانلانمايمەن .
رەڭدار پىكىرلىرىم بىلەن مەنىۋى ئالىمىڭگە  سەمىميەت دەرىخىنى تىكەلەيمەن .قەلبىمنىڭ ھەسەتسىزقۇدۇقىدىن مىنەتتارلىق چىلىكىدە ئېلىنغان سۆيگۈ سۈيى بىلەن ئەنە شۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىغا قۇيۇپ تۇرىدىغان باغۋەنچە ئەقىدە  مەندە يېتەرلىك شۇڭا مىھرىمنى ئايانماي تۆكەلەيمەن   چۈنكى ئەڭ يۈكسەك بولغان ئىدراكى تۇيغۇنى مەندە ئۇيغىتالىدىڭلا ئەمەس مۇھىمى  ئەخلاقنىڭ يۈكسەك  ئېڭى سىنى مەندىن يىراغلاشتۇردى ، شۇڭا   سېنى ئەڭ  گۈزەل ئىبارلەر بىلەن ئۇلۇغلايمەن...
خەيرى خوش نەۋقىرانىم ! مېنى يەنىلا قەلبىڭدىن ئىزدە!...  
2

تىنىچلىقىم تىنىشسىزلىقىڭدىن ئارامسىزلاندى.
چوقان توۋلىغان لىرىكىلىرىڭدا  قەلبىڭنىڭ تەرجىمھالى زاھىر بولدى ، ئۇشقۇر خىياللىرىڭ تەڭرى تېغىغا باش قويدى ، شېرىن چۈشلىرىڭ ئىلى دولقۇنلىرىدا يۇيۇندى  سادىرنىڭ سېپىلىدا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ ، بويۇن كىسىكتىن نوزكۇمنى ئىزدىدىڭ سۆيگۈ مەھبۇسى سىياقىدا كىشەنلەنگەن قەلبىمنى ئازات قىلىش ئۈچۈن ،بىلال نازىمنىڭ قەلىمى بىلەن  ئازاپ مەكتۇپلىرىنى يازدىڭ...
تىنىچلىقىم تىنىچسىزلىقىڭدىن ئارامسىزلاندى.  
بىر  پىيالە لىرىكىنى ئەيمىنىپ سۇنالمايمەن ، پاراسەتلىرىڭ ئالدىدا ئامالسىزلىقىمغا  قايىلمەن .
ئۇلۇغلۇق چوققىسىدا لەپىلدەپ تۇرغان تۇغيان كەبى جۇلالاپ تۇرغان قەيسەرلىكىڭدىن ھەۋەس كۆزۈمنى قاچۇرالمايمەن. ئەمما نىمىشقىدۇ بىر پىيالە لىرىكامنى ئەيمىنىپ سۇنالمايمەن ...
تىنىچلىقىم تىنىشسىزلىقىڭدىن ئارامسىزلاندى .
قەلىب دېڭىزىڭنىڭ دولقۇنلىرى تومىرۇمغا شىدەت بىلەن ئۇرۇلدى ئەمما بۇنى ئىتراپ قىلالمايمەن . مەزلۇميەت زىندانىغا تاشلانغان روھىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىڭنى قولىمغا ئۇزاتساڭمۇ  گۈزەل بىر ھىتىرقاش ئىلكىدە تۇرۇپ ئازاپلانغان ھالدا ئارقامغا داجىيمەن چۈنكى ئېرشىشنىڭ بېزارلىقىدىن، مۇھتاجلىقنىڭ شېرىن چۈشلىرى ئەۋزەل دىگەن نىدا قەلبىمدە كۈۋەجەيدۇ...

3

تەشتەكتە  ئۆستۈرگەن   گۈللىرىڭ سولدى .
ياكى سۆيگۈڭنىڭ شەربىتىنى ھەدىدىن زىيادە تۆكتۈڭ شۇ ۋەجىدىن يىلتىزى سېسىدى ياكى بىخىلىق بىلەن چاكىلدىغان  تەشنالىققا  ئېتبار قىلمىدىڭ شۇڭا  گۈلۈڭنىڭ غوللىرى قۇرىدى . تەڭپۇڭسىز تۇيغۇ بىلەن قەلىبگە مۇامىلە قىلىش ئەقىدە بەرگىسىگە چۈشكەن قۇرۇتتەك، مۇھەببەتنى غاجىلايدۇ .
تەشتەكتە ئۆستۈرگەن گۈللىرىڭ سولدى.
ياكى ئۇنى ئېچىلىشقا زورۇقتۇرۇپ خىمىيەۋىلىك ساخىتا  تەركىپ بىلەن ئوغۇتلىدىڭ، گۈل بۇنى كۆتىرەلمىدى. ياكى قوياشنىڭ تەبى سۆيگۈسىدىن ئۇنى قىزغاندىڭ ،  ئۇ زەىپلەشتى .
ئىلمىسىز مەنتىقە بىلەن رىياللىقا مۇامىلە قىلىش ، خوشاللىق بەرگىگە چۈشكەن قۇرۇتتەك مەنىسىز .مانا مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن ھاياتمۇ قاغجىرايدۇ ...
4

سەن زۇمرەت سۇلار تەكتىدىكى تاشتەك بىباھا ھەم پاكىزە
سەن ئاتەش تەپتىدە ئېرىمەيدىغان ئىرادە ھەم ئۇلۇغلۇق سىڭگەن تىلسىم .
سەن شاماللار باغرىغا سېغىنىشىنى جىممىدە يوشۇرۇپ قويغان  تەپەككۈر ۋە ئەقىدە
سەن قوياش تاۋىغىدا مىھىرنى ئالدىمغا ئېلىپ چىققان  شېرىن چۈش ۋە مەھبۇبە...
ئەي  نەۋقىرانىم!
سەن كۆڭۈل خاتىرەمگە پۈتۈلگەن مەڭگۈلۈك  بىر ئەپسانە...
5

ئاسمىنىمدىن تاسقىلىپ چۈشسەم ،شەبنەم بولۇپ   چىمەننى سۆيسەم، ئەقىدىدەك  باغرىڭدا ئۈنسەم .بەلكىم ۋىناس قاتىلغا ئايلىنىپ كېتەر؟..
  
6
لەۋلەر چىڭقالدى ، ھاياجان تېپچەكلىدى ،كېرپىكلەر جۈپلەنمىدى ، بۇلاقتەك كۆزلەردە قېتىپ قالدى كۈتۈشلەر،سۆيۈشنى ئۈگەنمىگەن  ئۇئياتچان قىزلاردەك، تىترەپ كەتتى قولۇمدىكى گۈللەر .
سەبىر كوملىچىنى ياسايمەن ئىبارىلەرنى لاي ئېتىپ ، ئەقىل قىلىپىمغا قۇيىمەن كىسەك،سۆيگۈ خۇمدانلىرىدا پىشۇرىمەن،  مۇھەببەت قورغانىنى قۇرماق بولۇپ.ئەمما دەقىقە ئۆتمەي پاچاقلايمەن خىياللىرىمنى ،توزۇپ كېتىمەن توزغاقلاردەك...
ئۈزۈم بىر ئايال !شۇڭا سۆيەي ئۈزۈمنى يايلاقلاردەك ، باغرىمدا يايرىۋالاي ئۈزۈمنىڭ ، قويۇپ بېرىڭلار ئەركىنلىكىمنى ،ئۇچۇپ قوناي ئۇپۇقلارغا ،بەخىتلەرنى تەرىك ئەتكەن پەرىشتىلەردەك...





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 12:19  


ۋاقتى: 2012-5-2 12:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ كۆڭۈل ناملىق نەسىرىنى تور بېتىمنىڭ يانغىندىن سادا پروگرامىسىدا ئاڭلاتقان ئىدۇق . شۇ ئەسىرىڭىزنى مۇشۇ يەرگە يوللاپ قۇياي ھەدە . ئىجادىيتىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق  ، تېنىڭىز سالامەت  بولسۇن !



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-2 13:02:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ مىنەتتار بولدۇم يانغىن ئىنىم!
بۇ نەسىرىمنى ئۈزۈممۇ ياختۇراتىم، سىزنىڭ يانغىندىن سادا پىرگىرامىڭىز ئۈچۈن  ئىشلىتىلگەنلىكى مېنى  ھاياجانلاندۇردى .
بارلىق تورداش دوسلارغا، قوللاپ كېلۋاتقان ئىنى- سىڭىلىرىمغا تەشەككۈر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-3 11:30:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارماقلارنىڭ لەنىتى


تۈننىڭ غۇۋا سۈكىناتى، ئىنسان ۋەھىمىلىرىنى پەپىلەپ، ئۇلارنىڭ روھىنى چۈش رومانتىكىلىرىغا ئۇچۇرۇپ كەتكەندە ،ئۆز  خۇجايىنىنىڭ ناركۇز مەسخۇشلىقىدا ياتقان پەيتىدىن پايدىلانغان ئون بارماق،   تەنلەردىن قېچىپ چىقىپ ، بىردەم– يېرىمدەم دەرت مۇڭ   ئېيتىشىشقا ئادەتلەنگەن بارماقلار ئارىسىغا  ، لوقۇلداپ تۇرغان  جىسمىدىكى ئاغىرىق سەزگۈسنى كۆتۈرۈپ ،  تاتارغان ھالدا ئاستا كىرىپ كەلدى.
ئۇنىڭ زەئىپ ھالىنى كۆرگەن بارماقلار ئەتراپىغا ئولاشقىنىچە ھىسداشلىقلىرىنى قىرىق بىرتال چىۋىق قىلىپ ، تەسسەللى سۇلىرىغا چىلىغىنىچە ئۇچۇنۇپ قالغان بارماقلارنى ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئۇچۇغدىدى.
—        قىسمىتىمىز  ئوخشاش بولغاشقا يەنىلا بىزنىڭ ھالىمىزغا سىلەر يېتىسىلەر دېدى بارماقلار ھەسرەتلىك يىغلاپ تۇرۇپ.
—         بېشىڭلارغا نىمە قىسمەتلەر كەلدى ئېيتىڭلارچۇ بۇرادەرلىرىم ، دېدى  تاتۇقلار  سەۋەبىدىن كۆرۈمسىز بوپ كەتكەن  بىر بارماق  ئۇلارغا ئېچىنغان ھالدا تىكىلىپ.
—        خۇجايىنىمىزنىڭ ئاچ كۆزلىكى بولمامدۇ  بىزنى ئوغۇرلۇققا سېلىپ  تاپقىنىمىزغا قاناەت قىلماي يەنە ئېلىشقا زورلىۋىدى مال  ئېگىسى تۇيۇپ قېلىپ ئوغۇرلۇق قىلغان قولۇڭ مۇشۇمۇ دەپ بىزنى بازغان بىلەن  مىجىپ سۇندۇرۋەتتى ،بىزنى خۇدايىم ئىنسان پائاليىتىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھەركەتلىرىنى قىلىشقا بۇيرىغان بولغىيتى ؟!تەتۈر قىسمەت  بىزنىلا چىرمىۋالغاندەك ، خۇجايىنىمىزنىڭ ھەۋەسلىرىنىڭ قۇربانلىقى بوپ  كەتتۇق دىدى بارماقلار غەزەپتىن چالۋاقاپ .
ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغان نۇرغۇن بارماقلار گويا قايناي دىگەن قازانغا بىردىنلا ئوت  يېقىلغاندەك غەزەپلىك ۋارتاقلىدى
—"مەن گۈزەللىكنى  بىزگە  سېلىنغان ئالتۇن ئۈزۈكلىرى بىلەن كوز– كوز قىلىش دەپ چۈشۈنىدىغانلارنى مەنسىتمەيمەن" دىدى بىر زىلۋا ئوتراڭقۇل بارماق ،  ئاچچىق ئەسلىمىسىنى دەررۇ يادىغا ئېلىپ ، ئۆتكەنكى  يىلى خۇجايىنىم ئىشتىن كەش قىلىپ بۇلاڭچىغا ئۇچرىغاندا دەل ماڭا  سېلىنغان ئۈزۈكنى بۇلاڭچى بۇلىغان ئىدى. شۇ كۈندىكى ئازاۋىمنى ئۈزۈملا بىلىمەن ،نەچچە ئايغىچە مىدىرلىيالمىدىم   مانا ئاران ئەسلىگە كىلىشىمگە يەنە پالانغانلارنىڭ بوينىغا سىلىنىدىغان تاقاقتەك قىسمىتىم يەنە بوغۇپ تۇرىدىغان  ئۈزۈكنىڭ  چاڭگىلىغا چۈشتى. بۇ بىز ئۈچۈن نىمە كۆرگۈلۈك ؟ ئىنسانلارنىڭ ھەشەمەت ئۈچۈن قىلغان ياۋۇزلىقىغا، بىز نىمىشقا بوي سۇنىدىغاندىمىز؟
—        نىمە ئىلاج بىزنى بۇ  ئەبلەخلەرگە چاكار قىلىپ ياراتقان تۇرسا ،دىدى بىر ساددا بارماق  سۆزگە قوشۇق سېلىپ.
— مەن ئادەملەرنىڭ تەپەككۈرى   مەنىسىزلىكنى سۆيۈپ ، ئىدىيە ئېچىرقاشقا يانداشقاندا ئادىمىي پائاليەتلەر زەئىپلىشىپ،بارماقلار ھەركىتىمۇ پەسكەشلىشىدۇ  دەپ قارايمەن دېدى  قارامتۇل كەلگەن بىر  نامسىز بارماق، مۇنازىرىگە  ئۆزىنىڭ  پەلەسەپەچە ئىدرىكى بىلەن تولۇقلىما بېرىپ   .
—بىز ھاياتنىڭ يۇندىخورلىقى ئۈچۈن يارالغانمۇ ؟ئەمگەك سۆيىدىغان روھىمىزنى ئىنسانلارنىڭ پەسكەشلىكى ئېزىقتۇرمىسۇن !بىز ئىللەتلەر كىشىنىدە سىقىلىپ ،ھاقارەتلەر كامىرىغا قامىلىشقا ھەقلىق ئەمەس . بىزنى ئېگىمىز  مۆجۈ زىلەرنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ئاشقۇشلارنى تۇتۇشقا   ، ھىكىمەت دەستۇرلىرىنى ۋاراغلاشقا ،باشقىلار ئۈچۈن ساۋاپلىق  ئىشلارنى قىلىشقا ، ساخاۋەت بىلەن قەلىبلەر نامراتلىقىنى يېپىشقا ،ئادالەت  مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ تارىخنىڭ ئۇلۇغۋار بەتلىرىنى يېزىشقا ، تەپەكۈرگە ياندىشىپ مۆجۈزىلەر كانلىرىنى قېزىشقا ياراتقان .
بىز  ئەمدى  ۋاختىمىزنى ئىسراپ قىلمايلى! ئىديەنىڭ رەزىل بۇيرۇقلىرى ئالدىدا تىرەجەپ ، بولۇمسۇز ،كالۋا ياكى ئاغرىقجان بولۋالايلى ، بىز قانچە چەبدەس بولۇپ كەتسەك ئىنسانلارنىڭ  شەخسىيىتى ئاچكۈزلۈشىپ كېتىدۇدە-، بىزنى شۇنچە پالاكەت باسىدۇ دېدى ئۇ كۆڭلىدىكىنى يوشارماي .
—بىز دىدى بىر توپ باش بارماق بىلەن كۆرسەتمە  بارماقلار تەڭلا زۇۋانغا  كېلىشىپ، ھەر قىتىم ھېلە مىكىرنىڭ قەدەھلىرىنى ساختا دوسلۇق بىلەن باشقىلارغا تۇتۇشقا مە جبۇر بولغاندا ، ئېزىقتۇرۇشنىڭ ئىسىتقۇ قىلىنغان  گۈل دەستىسى بىلەن سەبى قەلىبلەرنىڭ دىل مايىللىقىنى ئوغۇرلاشقا مەجبۇر بولغاندا  ئۆزىمىزنى چەكسىز  ئازاپ ئىچىدە ھىس قىلىمىز . دۇنيادا  ئىنسان شەھۋىتىنىڭ يۇندۇخورلىغىنى قىلىشتىنمۇ  ئېغىر خورلۇق بولماس؟  پاك بولمىغان ئەۋرەتلەرنى  تۇتقان،سىيلىغان چاغلىرىمىزدا  ۋىجدانىمىز مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىدۇ .بىزنى چەكسىز گۇناغا شېرىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاختى سائىتى كەلگەندە ئۆز خۇجايىنلىرىمىزنىڭ قىلمىشىنى  خۇدانىڭ ئالدىدا قىلچە يوشۇرماي ئېچىپ  تاشلايمىز. قېنى ئۇلارنىڭ پىلسىرات كۆۋرىكىدىن  دوۋزاققا يىقىلماي ئامان ئېسەن ئۆتكىنىنى  بىر كۆرۈپ باقايلى...
باشقا بارماقلارنىڭ ھەركىتىگە ئەگىشىپ ئىش قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن شاكىچىك چەمەلتەكمۇ  ئىچىگە سىغدۇرالمىغان لەنىتىنى تۆكۈشكە باشلىدى
—  چوڭ كىچىكنى پەرىق ئېتماي مىنىمۇ ساق  قويمىدى  بۇلا.قېنى دەپ بېقىڭلار؟   زىننەت بۇيۇمىنى سېلىشقا مېنىڭ يېشىم . بويۇم توشامدۇ؟ مېنىمۇ ھەشەمەتچىلىك  سەھنىسىدە مودا كۆرسىتىدىغان  ئارتىس قىلۋالدى  .  تىرناقلىرىمغا سۈركىلىدىغان لاكلارنىڭ رەكسىيە قىلىپ تېنىمنى سەينەك قىلىشلىرىچۇ تېخى ، مېنىڭمۇ يۈرىكىم دەرتكە توشۇپ كەتتى ، گېزى كەلسە مەنمۇ  كۆڭۈل خاتىرەمگە  خاتىرلەپ قويغانلىرىمنىڭ بىرسىنىمۇ يوشارماي دەۋىتىمەن. ..
بارماقلار غەزەپلىرىنى باسالماي قايناپ  سۆزلەۋاتقاندا، مۇلايىم قەدەملەر بىلەن تۇرمۇش ئۆگەنگىلى كەلگەن ئاپپاقىناڭ  بىر بارماق  ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا  بولدى
ئۇنىڭ جىسمىدىن بىرخىل گۈزەلىكنىڭ نۇرى تاراپ تۇراتتى، توپ ئىچىدىن  ئۇنى تونىۋالغان بىر باش بارماق  يۈگرۈپ كېلىپ ئۇنى دوستانە قۇچاقلىدى .
—قاراڭلار بۇرادەرلەر! بۇ بارماق بىزگە  ئوخشىمايدۇ .بۇ نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلغان ، قولىدىن نۇرغۇن  ئىلىم پۈتۈكلىرى چىققان، ھىكىمەتلىك  ئىشلىرى بىلەن ئىناۋەت ئالقانلىرىدا قوياشتەك يالتىراپ تۇرغان ،ھەقىقى ئىنسانىڭ بارمىقى  دىدى ئۇ ھاياجان بىلەن دوستىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ.
بارماقلار دۈرىدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بۇ ئۇلۇغۋار بارماققا بولغان قىزىقىش ۋە  ھۆرمەت قوزغالغان ئىدى . شۇ تاپ ئاجايىپ بىر گۈزەل غايىلەر بارلىق بارماقلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى چىرمىۋالغان ئىدى .شۇڭا ئۇلار بۇ مۇبارەك بارماقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن  ئۇنى ئۆزلىرىگە سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
قىزغىن چاۋاك سادالىرى ئىچىدە مەيدانغا چىققان بۇ بارماق باشقىلارنى ھەيرەتتە قويىدىغان ئاجايىپ ئۇلۇغۋار ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن كۆپچىلىككە مونۇلارنى ئىلتىجا قىلدى
—بىزنىڭ بىر بىرىمىز بىلەن پۇت تېپىشقىدەك يېرىمىز يوق . بىز پەقەت قوماندانلىققا بوي سۇنىمىز خالاس شۇڭا ئەڭ ئەقەللىسى ھەمىمىز بىر نىيەتتە  جۇپلىنىپ تۇرۇپ تەڭرىگە يۈزلىنىپ ،بىزنى جىسمىنىڭ بىر تەركىۋى قىلغان  بارلىق ئادەملەرگە  ئىنساپ تىلەيلى ، ئۇلارنىڭ ئەقلى پەزىلەتسىزلىك قارقۇرۇملىرى بىلەن ئىسلانمىسىلا  بىزمۇ ئۆزىمىزگە يۈزكىلەلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىمىز .
ئۇنىڭ پىكرىنى ئورۇنلۇق كۆرگەن بارماقلا    جۈپ– جۈپ بولغان ھالدا ،سەپ– سىپى بىلەن  تىلەك تىلەشكە باشلىدى .
— ئەي ئىنسانلار ، ئەقلىڭلارنى رەزىللىكە خوراتماي ئۇلۇغلۇققا يانداشتۇرۇڭلا ! بىز سىلەرنىڭ بۈيۈك چاكىرىڭلارغا ئايلىنايلى!  پەسكەشلىكنىڭ  لەنىتىدە ياشاشنىڭ ئازابى ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر  ئىكەن . بىزنىڭمۇ ئەجرىمىزدىن ياخشىلىقنىڭ  گۈللىرىنى ئېچىلدۇرغىمىز، ئىنسانىڭ بارمىغى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن پەخىرلەنگىمىز ، باشقىلارغا بەخىت يارتىشنىڭ شان– شەرىپىدە تەبەسۈم قىلغىمىز كېلىدۇ ،يۈرىكىمىزدىكى بۇ تىلەكلەر ئۈچۈن ۋىجدانى سىلكىنىش قىلىپ ،توپا ئۆرلىگەن   ئادىمىيلىكىڭلارغا   ئەخلاق شەرۋىتىنى سەپسەڭلا! بۇ دۇنياغا كەلگىنىمىزگە  بىزنى پۇشايمان قىلدۈرۋەتمىسەڭلا!...
  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 11:39  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش