ئەتكەن چاي
مۇمامنىڭ ئەقىدە كۇمزىكىدە ئېتىلگەن .ئەن- ئەنىنىڭ قاپاق چۆمىچىدە قىيام قىلىپ قايتا-قايتا سورۇلغان.مەڭىز بىلەن مېھىر قايتاملىرى قوشۇلغان.شېرىن نىممەت كەبى كىشمىش سېلىنغان . چەلگىنىپ تۇرغان قايماقلار ئارا، چىلان زىبالىقىنى كۆرسىتىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان . ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەتكەن چايلىرى...
مۇمام يۈرىكىنى ئوتۇن قىلىپ قالىغان،چاچلىرىنى تال سەرەڭگە قىلىپ ياندۇرغان ،قەلىب قازىنىدا ۋارتاقلاپ قاينىغان،بىر سەمىمىلىك ئىمان سۈپەت ھالالىق تۇزى بولۇپ ئاۋىغان ،بىر گۈزەل سۆيگۈنىڭ دەرىخىدە كۆكلىگەن ئارزۇ چاي يۇپۇرمىقى بولۇپ ئۈزۈلگەن ، ئېھتىيات سۈزگۈچىدە ياغاچلىرى سۈزۈلگەن ،ئىشتىياق چىنىسىغا ئۇسۇلغان ،مەمنۇنيەت قوشۇقلىرىدا لەۋلىرىمگە تېمىم- تېمىم بولۇپ قۇيۇلغان .ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەتكەن چايلىرى...
دەستىرخاننى يايىدۇ تارىخ ، ھاياتلىق ئۇنۇڭ ئۈچۈن گويا بىر مېھمان.
تەلپۈنگەن دىل تەشنالىقىغا ، رىزىق بولۇپ قويىلار ھامان ،بىر يۈكسەكلىك تونۇرلىرىدا قىزىرىپ پىشقان بۈيۈك ھالال نان. ئەتكەن چايغا چىلانغان چاغدا ،تەمى بۆلەك بولۇپ تۇيلار ئارمان...
ئىخ ! ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەتكەن چايلىرى ...
ئۆزگە ئىخلىم پايانلىرىدا ،ئۇچراتمىدىم سەندەك ئۇسلۇقنى .مېھنەت بىلەن قىممەت قىيام بولغان ، تەكتىگە ماغدۇر خۇرۇچلىرى توپلانغان ،سۈزۈك كۈڭۈللەرنىڭ خاسلىقىدا مۇھەببەتتەك ئۇلغايغان، ئۇدۇم پىيالىسىدە ئەۋلات ئۈچۈن سۇنۇلغان،خاسلىق كورىسىدا ئىسسىق پېتى ساخلانغان،
سەندەك چاينى ئىچىپ باخمىدىم، ئىچىپ – ئىچىپ قېنىپ باخمىدىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-24 10:15