قەلبىنۇر ئىلياس : نەسرى ئەسەرلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-18 16:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىچكىم ئۆز ئەسىرىنىڭ باشقىلارغا تەۋە بولىشىنى خلىمىسا كېرەك .


http://bbs.qolpanlar.cn/thread-16335-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-18 16:23  


باھا سۆز

بۇ ئەسەر ئوغرىسىغا ئاچچىغىم كەلدى .  ۋاقتى: 2015-11-18 04:14 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-14 11:02:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش






mp3/kalbinur.mp3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-14 11:02  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-17 10:53:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



  كۆزمونچاق




ئۆمۈر دەرىخىڭنىڭ  ئاخىرقى بىر تال يوپۇرمىغى، قېرلىق شاماللىرىدا پۇلاڭلاپ تۇرغان  چاغدا، ئاجىزغىنا   تىترەپ چىققان ئىلتىجارىڭ بىلەن شەخسىي مۈلكۈڭنىڭ مەخپىيىتى سانالغان ساندۇغۇڭنى رەتلەشكە كىرىشتىم  ئانا !
قەلبىمنىڭ قىيالمىغان تۇيغۇلىرىدا  ، ماغدىرسىز تەنلىرىڭگە قاراپ   يۇم – يۇم يىغلىغاندا ، دېڭىزدەك تاشقىنلىغان ھېسيات ئۆركەشلىرىمنىڭ ۋەزنىدە ، بىر جۈپ كۆزۈڭنىڭ گويا بىر جۈپ مېھىر بىلىغىدەك   يۈرۈكۈمگە ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل  ئۈزۈپ كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ   تۇرۇپتىمەن.
مەن شۇ تاپ ئەنە شۇ چوڭقۇر ئانىلىق دېڭىزىڭنىڭ قاق ئوتۇرسىدىن ئۈنۈپ چىققان سېھىر دەرىخىڭدە، ئۈممۈت كەبى   چېچەكلىدىم.  ئەمما سەن شەرەتلىرىڭ بىلەن ساندۇق تېگىدىن بىر نەرسە ئىزدىشىمنى دەۋەتلىدىڭ .
ئاختۇرىمەن ،ھەر بىر نەرسىنىڭ قات- قاتلىرىغىچە ئاختۇرىمەن
سېنىڭ كۈتكەن نەرسەڭنى تاپالماي قىلىشىمدىن قايغۇرىمەن .
مانا  ساندۇقنىڭ تېگىدىن بىر بوپىنىمۇ تاپتىم .ئاۋايلاپ تۇرۇپ كۆز  ئالدىڭدىلا  ئاچتىم .
سەن ۋىلىققىدە كۈلدۈڭ ،چېرايىڭنى، تەبەسۈمنىڭ قوياشى نۇرلاندۇرۋەتتى ،قەلبىڭدىكى چىراقنىڭ شولىسى ھۆسنىڭدە جېلۋىلەندى ،دىلىڭدىكى  مەنىلەرنىڭ گۈزەلىكى تىلىڭغا سەكرەپ چىقتى .
سەن بوپا ئىچىدىن كىچىكىنەڭ بىر  كونىراپ كەتكەن جېلىتكىنى   ئاۋايلاپ تۇرۇپ  قولۇڭغا ئالدىڭ-دە،گويا قىمەتلىك بىر تەۋەرۈكنى سۆيگەندەك ئۇنى   بۇرنۇڭدا پۇراپ      ، كۆزلىرىڭگە سۈردۈڭ . ئاندىن ،
ــــــ بالىلىقىڭنىڭ يالدامىسى بۇ، سېنىڭ  تاتلىق چاغلىرىڭنى ئەسلەشنىڭ خاتىرىسى،بۇ ئوماق جېلىتكاڭنى ھەر قېتىم كۆرسەم ئانىلىق باغرىمدا تېپىرلاپ تۇرغان شوقلىغۇڭ،غۇبارسىز بىر ئارماندا تايتاڭلاپ تۇرىدىغان ۋىجىكىنە ھالىتىڭ ،مەڭزىمدىن گۈل ئۈندۈرۈپ چوككىدە سۆيۈشلىرىڭنى ئەسلەيمەن   - دېگىنىڭچە، ئۇنىڭ مۈرۈسىگە قادالغان بىر تال كۆزمونچاقنى ئۈزۈپ ئالدىڭ
ـــ كۆزمونچاق دېگەن يامان كۆزلەردىن ساقلايدۇ.،تىلى تاشلارنىڭ تىلىنى   ،دىلى پەسلەرنىڭ دىلىنى يارىدۇ  .
بۇنى مۇھەببەتنىڭ يىپى ، ئېتقاتنىڭ يىڭنىسى بىلەن بالاڭنىڭ كىيىمىنىڭ مۈرىسىگە تىكىپ قوي، دىگىنىڭچە ئالقىنىمغا سالدىڭ .
مەن شۇ تاپ بىر تال كۆزمونچاقنىڭ تېرەن مەنە ئالىمىگە سىڭگەن مۇھەببىتىڭنى چىڭڭىدە قۇچاغلىدىم، تەسەۋۇرنىڭ ئىپادلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تۇيغۇلىرىدا،ئاندىن يېنىش- يېنىشلاپ  سۆيدۈم قەلبىمنىڭ كۆرسۈتۈپ بەرگىلى بولمايدىغان چوڭقۇرلىغىدا ...
مەن ئەشۇ  كۈنىلا ئۆيۈمگە قايتىپ  كېلىپ  ساندۇقۇمنى  ئاختۇردۇم . بالامنىڭ ئۆتمۈش قۇتىسىغا سېلىپ ساقلىغان كۆزمونچاق مەندىن تېپىلمىدى.مېنىڭ بىباھا نەرسىلىرىم ئۈزۈمنىڭ قىممەت باھالىق زىمۇ- زىننەتلىرىم ئىدى .  مەن بىردىنلا  ئانامنىڭ ئانىلىق شەۋكىتى ئالدىدا ئۆز ئىناۋىتىمنىڭ سۇنغىنىنى بايقىدىم .چۈنكى بالامنىڭ ئۆتمۈش قۇتىسىغا سېلىپ ساقلىغان كۆزمونچاق مەندە زادىلا يوق ئىدى .
شۇ تاپ قەلبىمگە غايىبى بىر چىۋىق تاراسلاپ تەگدى .مەن يەنە بىر قېتىم ئۇ چىۋىقنىڭ يۈرۈكۈمنى قاناتقىدەك ،ۋىجدانىمنى   تىتىغداپ ، روھىمنى سەگىتكىدەك تېگىشىنى ئىستەپ قالدىم . چۈنكى ئەن- ئەنىنىنى مەنسىتمىگەن كېبىرىم ئۈستىدە كۆز مونچىقىم يۇمىلاپ تۇرمىغان ئىدى . بالامنىڭ يۈرۈكىگە سانجىلغان يامان كۆزلەرنى قايتۇرغىدەك  ئەقىل كۆزمونچىقىمنىڭ كەملىكىنى   شۇندىلا ھىس قىلدىم.
مەن قارچۇغۇمنى  قاتۇرۇپ ،  يۈرۈكۈمنى  پاتۇرۇپ ،ئانىلىق سۆيگۈمنۈڭ مەسۇليەت زاۋۇدىدا ئىشلەپچىقارغان بىرتال كۆزمونچاقنى بالامنىڭ بوينىغا تەۋەرۈك قىلىپ ئاسالمىغىنىمدىن ئۇيالدىم  .
شۇ تاپ قەلبىمگە غايىبى بىر چىۋىق تاراسلاپ تەگدى .مەن يەنە بىر قېتىم ئۇ چىۋىقنىڭ يۈرۈكۈمنى قاناتقىدەك ،ۋىجدانىمنى   تىتىغداپ ، روھىمنى سەگىتكىدەك تېگىشىنى ئىستەپ قالدىم .  چۈنكى باغرىمدا مۆكۈپ ياتقان كىبىرلەرنىڭ ھارسىز يوپۇرماقلىرىنى ساۋاپ تۇرىدىغان چىۋىقنىڭ  ھەقىقىتى، ئادىمىيلىك قەلبىمنىڭ ساپلىغى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى بىلمەكتىمەن.
مەن ئانام بەرگەن  كۆزمونچاققا ئۇزۇندۇن-ئۇزۇن  تىكىلدىم .
ئۇنىڭ راستىنلا ئادەمنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئوخشايدىغان يۇپ- يۇمىلاق ھالىتىگە زوقلاندىم. شۇ تاپ ئۇ ماڭا قەممەتلىك كەھرىۋادەك  ، چاقناپ تۇرغان بېرلىياتتەك تۇيۇلدى  .مەن ئۇنىڭغا يېنىش- يېنىشلاپ سەپ سالدىم  ، ئۇ   بىردىنلا  ئانامنىڭ بىر جۈپ كۆزىگە ئايلاندى. مەن شۇندىلا تالاي ئانىلارنىڭ  سۈزۈك ئەقىدىسىنى  كۆز مونچاققا ئايلاندۇرۇپ، بۇ دۇنياغا قالدۇرۇپ، پەرىشتە سۈپەت ئۇ دۇنياغا ئۇچۇپ  كېتىدىغانلىقىنى  قىياس قىلدىم-دە، ئۈزۈم ئۈچۈن ئامانەت  قالدۇرۇلغان بۇ مۇھەببەتنى بالامنىڭ يۈرىكىگە ئېسىپ قويىۇشۇم زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم .
قەلبىمدە ئانامغا  بولغان مۇھەببەت ،ئانىلىغىمغا بولغان مەسئۇليەت تۇيغۇلىرى دېڭىزدەك دولقۇنلىدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-17 11:01  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش