دوستلۇق رىشتى
«قەلبىنۇر ئىلياسقا بېغىشلاپ»
تەنھا ئىزلىرىمنى بويلاپ مەن تامان كېلىۋاتقان
نۇردىن قۇياشنى كۆرگەندەك بولدۇم-دە،« قۇياش ،ئەنە قۇياش!» دەپ سەكرىگىنىمچە قوياشنىڭ كۆكسىگە باش قويدۇم،قەلىبلەر خېلىدىن تونۇش بولسا كېرەك،شىۋىرلاشماقتا!... سېنى شۇنچە ئۇزۇن كۈتكەن ئىدىم ،ئەمدى كەلگىنىڭ نىمىسى؟ مەن ھەر كۈنى كېلىپ تۇرىمەن،ئىزلىرىمدىن ئۈنگەن چىمەنلەرنى سەن ماھىرلىقىڭ بىلەن چىچەكلىتىپ، چاھار باغ ياساپ كەلدىڭ، مەن قەلبىمدىكى «نۇر» تەپتىم بىلەن ھاياتلىق ئاتا قىلىپ كەلدىم...مېنىڭ سېنى يوقىتىپ قويغۇم يوق، مەن نۇرسىز ياشىيالمايمەن... يۈرۈكۈڭنى بەرگىنە، قەلبىمنى كۆرسۈتۈپ كېتەي..ئاھ! مەن كۆردۈم.مەن كۆردۈم...چاڭقىغان قەلىبلەرنى ئابىھايات قەلەم سىياھى بىلەن سۇغارغۇچى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىدىكى ئىزباسارلىرىغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى ۋە توغرا يول كۆرسەتكۈچى قەلبى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان بىر سىما- قەلبى نۇرنى كۆردۈم ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-16 01:54