باھار سۆيگەن باھاردەك ھىسلار
كۆك ئاسمان
مەن گويا رىۋايەتتىن تۇغۇلغان ئارزۇلاردەك ، تۇيغۇمنىڭ سېھىرلىك‹‹ ئۇچار گىلىمى››دە پايانسىز بوشلۇققا كۆتۈرۈلدۈم .
كۆپ–كۈك زۇمرەتتەك ئاسمان قەلىب چەكسىزلىكىم بىلەن گىرەلەشتى . تۈرگۈن– تۈرگۈن ئاق بۇلۇتلارنى جۇشقۇنلۇق ھىسياتىمنىڭ ھاياتى–كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان باغچىلىرىغا نىلۇپەر قىلىپ كۆچۈردىم . قوياشنىڭ پارلاق ئەقىدىسىنى كۆڭۈل ئەينىكىمگە چۈشۈرۋالدىم .ئاينىڭ گۈزەلىكىنى پەرداز قۇتامغا گىرىم بۇيىمى قىلىپ قاچىلىۋالدىم. يۇلتۇزلارنىڭ لاتاپىتىگە ئىشتىياق باغرىمنى كەڭرى ئاشتىم .
مېنىڭ روھيەت چىنلىقىم ،كۆك ئاسمانىڭ ماھيىتىگە زەرىچىلەردەك تارالدى مەن ياتلاشتۇرمىغان بىر تۇيغۇنىڭ تەنتەنىسىدە پايانسىز ئاسمانغا قوشۇلۇپ كەتتىم...
يېشىل يايلاق
مەن بۆلدۈرگەن رەڭگىنى قېنىقلاشتۇرغان ياپ– يېشىل يايلاقنى تەسەۋۇر قايچام بىلەن قىيىپ ئالدىمدە ،گۈزەللىك بالقىغان ۋۇجۇدۇم ئۈچۈن يارشىملىق ئېڭىل تەيارلىدىم .
يېشىل يايلاق جىسمىم ئارقىلىق روھىمدا جىلۋىلەندى ،باغرىمدىن ئارمانلىرىم بۆلدۈرگەن بولۇپ كۆكلىدى .
مەن ئەنە شۇ چاغدىلا يېشىل يايلاقنى بۈيۈكلىك ۋە چەكسىزلىك سۈپىتىدە ئىدراك قىلغۇچى ئىنسانىيەت تەپەكۈرىنىڭ پەسىللەر ماھيىتىدىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان ئۇلۇغلىقىنى چۈشنىپ يەتتىم.
كۈمۈش بۇلاق
تاش يوچۇقلىرىدىن مۆجۈزىلەردەك ئېتلىپ چىقۋاتقان كۈمۈش بۇلاق سۈيى، تومۇرلۇرۇم ئارقىلىق قەلىب كۆلچىكىمگە قۇيۇلدى
باھار تىنىقلىرىدەك لېرىكىلىق تىترىگەن ھاياجان ، ۋەزىنلەر دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ رەت– تېتى بويىچە تىزىلدى .
ئوركىستىر دۇنياسىنى باشلاپ كەلگەن تىلەكلىرىم ،نازۇك تىل تاياقچىسىنى لەرزان پېقراتقىنىچە دىرۇزۇرلىق قىلىشقا باشلىدى . يىقىملىق مۇزىكىدىن كۈمۈش بۇلاقنىڭ سۇلىرى يېنىك چايقالدى ئاندىن گويا قاينىغان قازاندەك ۋارتاقلىدى . باھارنىڭ ھىددى گويا سۇ ھورىدەك ئەتراپقا تارالماقتا ئىدى...
تۇرنىلار
باھار سۆيگەن تۇرنىلار باھاردەك ھېسلىرىمنى ئارىغا ئالغىنىچە ئۇچۇپ كېلىشتى
چوكانتالدىن ئۆرۈم چاچ ياسىۋالغان قىزىم يېنىك قەدەملەر بىلەن لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى ،لەۋلىرىمدە مەيىن شامالنىڭ شېرىن سۆيگۈسى بەرىق ئۇردى شۇ تاپ روھىم تۇرنىلار ئۇدۇمىدىن تۆرەلگەندەك پەرۋازلاندى.
مەن غايىۋى باھارنىڭ قۇچىقىدىن ئۇچۇپ كېلىپ، جەننەتتەك رىياللىقنىڭ باغرىغا ئۇگا سالغۇچى تۇرنا سۈپەت ئارمانلاردا زىمىن يۈكسەكلىكىگە ئەقىدە باغلىدىم .
ئېخ تۇرنىلار سىلەر مېنىڭ تەشۋىشسىز قاناتلىرىم ...
مەيىن شامال
مەيىن شامال مەيىن تۇيغۇلىرىمنى يىراقلارغا ئۇچۇردى . باھارغا ئايلانغان جىسمىمدا باھار ئۇدۇمى تېپچەكلىدى . روھى دۇنيارىمدىن بالقىپ چىققان مۇھەببىتىم چېچەك بولۇپ ئۈممۈت دەرەخلىرىگە قوندى .
مەن مەيىن شاماللاردەك تىنىقلىرىم بىلەن سېغىنىش لېرىكىسى توقىدىمدە، تەپەككۈر كەنۋىرتىگە سېلىپ باھار سېغىنغان دىلبىرىمغا ئەۋەتتىم .
ئىھتىمال ئۇمۇ باھاردەك تەبەسسۈملىرىمنى ئېلىپ كەتكەن شاماللار ھېدلىرىنى ھېدلىغاندۇ ...
سېرىق چېچەك
قاپتاللار ئېتىكىنى سېرىق چېچەك بىلەن تولدۇردى . ئىلھام پەرىشتىسى ئالتۇن بارماقلىرى بىلەن گويا گۈزەللىك ئوغرىسىدەك سېرىق چېچەكلەرنى تۇيدۇرماستىن ئۈزۋالدىدە ،پايانسىزلىق ئۆرنىكىنى چۈشۈرگەن قەلبىمنىڭ تەشنالىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇندى .
ھاياجان كۆكرىكىمدىن سەكرەپ چىقىپ يوپۇرماقلار ئۈستىدە لىكىلدىدى.
مەن سېرىق چېچەككە قوشلۇپ كەتكەن يالقۇنلۇق تىنىقلىرىم بىلەن ئەركىن نەپەس ئالدىم ، ۋۇجۇدۇمدا باھاردەك ئىللىق سېزىم ئۆركەشلىدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-31 15:28