بىزنىڭ يۇلتۇزىمىز
ئوماق قىزىمنىڭ چۈچۈك شىۋىرلاشلىرى بىلەن ئۇيقۇلۇق كۆزىمنى قىيا ئاشقان ھالدا چەكسىز ئاسمانغا تىكىلدىم .
— ئاپا قارىغىنە يۇلتۇزلارغا ،ئاشۇ يۇلتۇزلار ئارىسىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ يۇلتىزى بولىدىكەن ، سەن بىلەمسەن مېنىڭ يۇلتۇزۇم قايسىدۇ؟
قىزىمنىڭ سەبىلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغا تىكىلگىنىمچە پىسىڭىدە كۈلدۈم.كىم سېنىڭ يۇلتۇزۇڭنى ئاسماندا دەيدۇ؟
— ئەمىسە چۆچەكلەردە ئەقىللىق بالىلار ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزىنى ئىزدەيدىكەنغۇ؟
— ئۇ بىر خىيالى تەسەۋۇر ،ئۇلار ئۆزىنىڭ بەختىنى ئاشۇ يۇلتۇزلارغا ئوخشاتقان گەپ.
— ئەمىسە سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ ئاسماندا ئەمەسمۇ؟ يەنە سورىدى قىزىم .
— ياق ئۇ مېنىڭ قەلىب ئاسمىنىمنىڭ پىنھان جايلىرىدا تەنھا چاخناپ تۇرىدۇ.مەن چوڭقۇر ئازاپ دۇربۇنلىرىدا ھەر كۈنى ئۇنى كۈزتىپ تۇرىمەن.
— ئانداختا سەن يۇلتۇزۇڭنى ھەر كۈنى كۆرەلەيدىكەنسەن شۇنداقمۇ؟ دىدى قىزىم خوشال بولۇپ.
— ياقەي تۇيغۇلىرىم كۆرەلەيدۇ دىدىمەن قەتئىلىك بىلەن .
— مەن چۈشىنەلمىدىمغۇ سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ نىمانداق مۇرەكەپ دىدى قىزىم تەئەجۈپلەنگەن ھالدا
— ئەمەليەتتە بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز،ئارزۇ– ئارمان رومانتىكىسىغا يانداشقان رىيال قەدەملىرىمىز،ئاچچىق ئازاب ئىلكىگە يوشۇرۇنغان تاتلىق بەخىت سەزگۈلىرىمىز،كۆز يېشىغا چىلىنىپ تۇرغان تەبەسۈملىرىمىز ، شېرىن كۈتۈشلەرگە تولغان ئۈممۈتلىرىمىز ، بىزنىڭ يۇلتۇزلىرىمىز ... سەن ئاسماندىكى ئاشۇ يۇلتۇزلارغا قاراپ باق ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا تەبى نۇر چىقىرالمايدۇ بەلكى قوياش نۇرىنى قايتۇرغان چاغدىكى نۇرلۇق شولىلاردۇر. دىمەك ئېتقات، ئەقىدە ، ئەجىر،ئىشەنچە، ئىزدىنىش دىگەنلەر ئىنسانلارنىڭ يۇلتۇزىنى شەكىلەندۈرىدىغان ئامىللار، بۇلاردىن مەھرۇم بولغان دىللارنىڭ يۇلتۇزى مەڭگۈلىك ئۆچكەن بولىدۇ ...دىدىم قىزىمغا چۈشەندۈرۈپ.
كىچىكىمدە يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتىم
ھەر ئاخشىمى تەلمۈرۈپ مەن ئاسمانغا
تاپالمىدىم تۆۋە دەيمەن ئۈزەمگە
نىمە قىلسۇن مېنىڭ بەختىم ئاسماندا...
دىگەن ناخشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم، ئەمىليەتتە بىزنىڭ يۇلتۇزىمىز روھيەت دۇنيارىمىزدا چاخنىغان ئۈممۈت مەشىلىمىز،ئۇنى تېخىمۇ پارلاقلاشتۇرغان بىزنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتىمىز ئىكەن شۇنداقمۇ ئاپاـ دىدى، قىزىم ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ :
— شۇنداق، دىدىمەن مەمنۇن بولغان ھالدا. بىز يۇلتۇزىمىزنى ئاسماندىن ئىزدىمەي ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدىن،ھايات يولىدىكى گۈزەل قەدەملىرىمىزدىن ئىزدەيلى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-6 16:05