ئۆزىنى سۆيۈش شەخسىيىتى
ئەقىل بۇلىقىنىڭ كۆزلىرى ئەمدىلا ئېچىلۋاتقان بىر ناتىۋان ، قوللىرىدا كۈمۈش كىتاۋىنىڭ بەتلىرىنى ۋاراغلاپ ، ئىلمىي پەرەزلەرنىڭ بىلىيىدە قابىليىتىنى بىلەۋاتقان دادىسىدىن سورىدى:
ــــ دادا ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ شەخسىيىتى بولامدۇ؟
ــ ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ شەخسىيىتى بېمەنە ، ئەمما يەنىلا ئۈزۈمنى سۆيگۈم بار گويا سېنى سۆيگەندەكلا .چۈنكى تەپەككۈرۈم سېنىڭدىن خالى ھالدا دۇنيانى چۆرگۈلەيدۇ . تەسەۋۇر قانىتىم سەنسىز ئىجاىديەتنىڭ مەيدىسىگە خاسلىق گۈلىنى تاقايدۇ . ياشامىمنىڭ ھەر- بىر ئەھمىيەتلىك ھەركىتىدە ئۆزلىكىم بىلەن مەۋجۇتلىقىمنى ئېتراپ قىلىمەن -دىدى ، دادىسى لېرىكلاشقان تۇيغۇلاردا ئوغلىغا جاۋابەن.
ــــ ئانداقتا شەخسىيەت ئۆزلۈك ئۈچۈنلا سېلىنغان مەنىۋى دەسمايىمۇ؟ يەنە سوردى ئوغلى.
ـــ شەخسىيەتنى مەنىۋى دەسمايىغا ئايلاندۇرۇش ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى. بىراق ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن بۇ خىل خىسلەت كەلگەن بولسىدى، دۇنيا ئازارچىلىققا تولمايتى.
ــــ ئەمىسە شەخسىيەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈڭە؟ – دىدى، ئوغلى گويا تەپەككۈر قۇچاغلاشقا ھېرىسمەن تىلەكلەردەك .
ئوغلىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشنى خالىمىغان ئاتا ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا بىرھازا تىكىلگەندىن كېيىن ئاستا شىۋىرلاشقا باشلىدى.
ــــ شەخسىيەتنىڭ ئىجابىي قىممىتىنى ئىنكار قىلىشمۇ گاھى ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەر .
«شەخسىيەت – روھىيەت ئاچارچىلىقىدىن خالى تۇرۇپ، بىر گۈزەل مەنە ئېتىكىگە گۈزەللىك ئۆرنەكلىرىنى تېرۋالسا ،روھى مەمنۇنلىق تىترەپ تۇرغان ھاياجانلىرى بىلەن ئۇنۇڭغا تەشەككۈر گۈللىرىنى ئۇزتىدۇ .شەخسىيەتنىڭ ھەۋەسلىرى چاكىنا ، ئەمما ئۇنىڭ قېتىدا بىر يۈكسەك نۇرانىلىق سىغدالغان بولىدۇ . ئۆزىنى سۆيۈش سەخسىيىتى – ھاياتنى سۆيۈش مەنىسىنىڭ ئىستىتىكىلىشىشى. بۇ خىل يارقىن خاسلىق تۈپەيلى ئادەملەر شەخسىيىتىمۇ خاسلىقلاشقان »-دىدى، دادىسى ئوغلىغا يۇلتۇزدەك چاخناپ كەتكەن كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرۇپ .
ــــ ئانداقتا نىمىشقا بىز ئىنسان شەخسىيىتىنى ئىتراپ قىلىپ تۇرۇپ ، يەنە شەخسىيەتچىلىككە ئۆچمەنلىك قىلىمىز؟
ــــ شەخسىيەت بىلەن شەخسىيەتچىلىكنىڭ دەرىجىسى ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ .
شەخسىيەتچىلىك- شەخسىيەت ھەۋىسىنىڭ ئەسەبىيلىشىپ ، گۈزەللىك ئىمتىيازلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرۇپ ، پەسكەشلىك مېۋىسىگە قول ئۇزۇتۇش ئارقىلىق مەمەجبۇرىي ئېرىشكەن ئىمتىيازى بولۇپ ، ئۇ ئۆزلۈكنى قەدىرلەش شەخسىيىتىدىن يىراغلاشقان چاكىنىلىقتۇر.
قەلبى ئالتۇن چەشمىلەرنىڭ ئىبارىلىرىدا يۇيۇلغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن ناتىۋان، بىر قىممەتلىك دەرىس ئالغاندەك مەمنۇنلاندى . ئۇ ئۆزىنى سۆيۈش شەخسىيىتىنىڭ بېباھالىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەندە، شەخسىيەتچىلىك قاراڭغۇلىقىنىڭمۇ ئىنسان نەپسى ئۈچۈن قارا سايە تاشلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەم ھېس قىلىپ يەتتى.
ئەنە شۇ چاغدىلا ئالدىدا چىگىش ئورماندەك پايانسىز سوزۇلغان ئادىمىيلىك سەپىرىنىڭ مۈشكۈلىكى، ئۇنى سەگىتتى .ئۇ شەخسىيەتچىلىكتىن سەسكىنىپ تۇرۇپ ، ئۆزىنى سۆيۈش شەخسىيىتىنى قەدىرلەشنىڭ بىر يىڭى ھەقىقىتىنى دۇسلىرىغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ، بىلىم قاچىلانغان سومكىسىنى كۆتۈرۈپ دوسلىرىنىڭ قېشىغا يول ئالدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 10:41