ئۇپۇققا سوزۇلغان لەۋلەر
1
بىزنىڭ قەلبىمىز ئۇپۇققا كۆمۈلگەن ئەمما جىسمىمىز زىمىنغا يىلتىز تارتقان شۇڭا ئارمانلىرىمىز ئۇپۇق بىلەن زىمىن ئارلىغىدىكى مۇساپىدە يولۇچى ...
2
سەن ئوتقاشتەك تاۋلانغان مۇھەببەت، لەۋلىرىم ساڭا سوزۇلغان بۈيۈكلۈك...
سەن ئادىمزات مۈلكىنىڭ نىشان كۆركى ، مەن ئىستىخبال ئىلكىدىن سېنى ئىزدەپ ماڭغان يولۇچى...
3
سەن پەرىشتىلەر ماكانىغا يوشۇرۇنغان تىلسىم . زىمىندىن قەلبىمنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ئاقار يۇلتۇز ...
4
ئۇپۇق ئىشىكىنى چېكىمەن ،قولىمدا ۋاقىتنىڭ تاياقچىسى .ھوجراڭدىن چىق دىلبىرىم !گۈزەل ئىمالىرىڭ بىلەن بەختىمگە رىغبەت شولىسىنى تاشلا...
5
ئۇپۇقلارنى چۈشەپ باق قەۋمىم !
شاراپ ئازگىلىدا بىخسىغان ئۈندۈرمىلىرىڭگە غەزەپ ئاتۇم بومبىسىنى تاشلا!
كۇكۇم تالغان بولسۇن ئەبجەخ روھىيەت...
6
ئۇپۇققا سوزۇلغان لەۋلەر
شېرىنلىكىنى ھېس قىلامدىكىن سۆيۈشلەرنىڭ . ئاسمان زىممىنى سۆيۈپ كەلگەندەك چەكسىزلىك تۇيغۇلىرىدا...
7
قۇملۇقلارنىڭ چۈشىدەك بۈيۈك ،مېنىڭ سېنى سۆيۈشۈم ، گويا سېنى سۆيۈشنى ئىستەپ كەلگەن پەيلاسوپلاردەك... .
ئىخ ھاياتنىڭ ئاچچىق يېردە تۇرۇپ، ھايات لەزىتىنى ئىستىگەن دىلبەر ، تاقىتىڭنى ئۇپۇق پەردىسىگە يوشار ،ئازاپلارنى كۈلكە بىلەن يوشارغاندەك.
چىدام شوتىسىدا چىقىمەن بىر كۈن ، لەۋلىرىڭدىن گۈل ئۈندەرگىلى...
8
بىر گۈزەل پىلانىتا ، تىلەك كۆكىدە توخىتىماي چۆرگىلەپ تۇرغان، سېنىڭ مۆجىزىدەك مەۋجۇتلۇغۇڭ ...
بادام دوپاڭغا يۇلتۇزلارنى كەشتە قىلىپ تىك دىلبىرىم ، خان ئەتلىسىدەك رەڭدارلىغىڭدىن ئۆرنەك ئالسۇن ھاسان– ھۈسەنمۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-10 11:31
|