ئېخ مېنىڭ يېقىنلىرىم
ئېخ ! مېنىڭ يېقىنلىرىم...
يىرىغىڭلار يىراق ئەمەس ماڭا ،يېقىنىڭلار يىراغلاشماڭلار!
يېڭى يىلنىڭ بىر تاتلىق كۈتۈشلىرىدە، تەبرىك پىيالەمنى ئۇزىتاي سىلەرگە...
ياخشى تىلەك يۈرەكلەرنى يېرىپ چىقىدۇ. ياخشى نىيەتلەر ئىنسان تەبئېتىنىڭ قەھرىتان قېشلىرىنىمۇ ئوت تەپتىدەك ئېرىتىدۇ. ياخشى ئىزگۈلىكتىن بەدنىيەتلىك ئۆزىنى بايقۇشلۇق بۇلۇڭلىرىغا ئېلىپ قاچىدۇ. ياخشى دىلنىڭ شاراپىتىدىن مەيۈسسلىك دىللىرىغا ئۈممۈت چىراغلىرى يېقىلىدۇ . ياخشى تىلنىڭ خۇشتارلىغىدىن ياۋايى كۆڭۈللەرنىڭ بېغىغىمۇ مەمنۇنيەت چىچەكلىرى كېلىپ قونىدۇ.
ئېخ مېنىڭ يېقىنلىرىم!
يىرىغىڭلار يىراق ئەمەس ماڭا، يېقىنىڭلار يىراغلاشماڭلا!
مېھىر چېيى سېلىنغان قەلب شەرۋىتىمگە مەرھەمەت قىلىڭلا!
يېڭى يىلنىڭ شەيدالىقىغا بىر كۈلۈمسىرەشنى سوغا قىلىڭلا، يىرتىلىپ كەتسۇن سۆرەلمىلىكنىڭ كونا ئەستەرلىكى .چۈشكۈن تۇيغۇلارنى كونا يىلنىڭ قەبرىسىگە كۆمۈڭلار!...
يېڭى يىلنىڭ شېرىن لېۋىگە ،نەتىجىلەر رەڭلىرىدىن زىننەتلەنگەن لېۋىڭلارنى يېقىڭلار ! تىتىلىپ كەتسۇن شەخسىيەتتىن قۇراشتۇرۇلغان ئۆزلۈك رامكىمىز . رەززىل ئۈممۈتلەرنى خاتا تۈپلەنگەن ھاياتلىق بەتلىرىمىزدىن سۆكۈڭلار!...كۈمۈشتەك پىكىر ئوردىنلىرىنى يېڭى يىلنىڭ مۇبارەك مەيدىسىگە ئېسىڭلار !...
ئېخ مېنىڭ يېقىنلىرىم !
يىرىغىڭلار يىراق ئەمەس ماڭا، يېقىنىڭلار يىراغلاشماڭلار!
يېڭى يىلنىڭ تەبرىكلىرىدەك ئۇچۇپ قوناي پايانىڭلارغا....
بىر ئالتۇن قوڭغىراقتەك جىرىڭلىسۇن روھ، دەۋىر رۇجەكلىرىدە ماراپ تۇرمىسۇن ئىستەكلەر . يۇلقۇنۇپ ئۈزسۇن سۈكۈتلەرنى يۈرەكلەر، قانائەت بېزەڭلىكى يۇقالسۇن! كېپەنلىسۇن تىلەمچى تەغدىرنى جۇدۇڭلىغىمىز ،بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا مانە ، يىڭى ئۇتۇق يېڭى كۆرەككلەر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 12:28