ئارگىنتىنا كوماندىسى مىسسىي دەۋرىگە كىردى |

«داھى مىسسى»-گەرچە گېزىتلەردە بىرىلگەن بۇ باھا سەل ئىغىر بولسىمۇ،لىكىن ھەممە كىشى مىسسىينىڭ ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ داھىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،بىراق تېخى ياش مىسسىيغا نىسپەتەن بۇ نام ھەقىقەتەن ناھايىتى ئىغىر،مارادونامو ماسچىلانونىڭ ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇشقا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھازىرقى ئارگنتىنا كوماندىسى ھەقىقەتەن بىر يادرولۇق توپچىغا،داھىغا موھتاج،تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە مىسسى تۇنجى قىتىم ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق بەلگىسىنى تاقاپ،توپ كىرگۈزۈپ،ئۆزىنى نامايەن قىلدى.پامپاس بۈركۈتى« مىسسىي دەۋرى»گە رەسمى كىردى.تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ جەنۇبى ئامرىكا رايۇنى بويچە تاللاش مۇسابىقىسىدە،ئارگىنتىنا ساھىپخان مەيداندا 4-1 نەتىجە بىلەن چىلى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى،پۈتۈن مەيداندا مىسسىينىڭ ئىپادىسى بەك قالتىش بولدى،ئۇ تۇنجى قىتىم ئارگىنتىناغا ۋاكالىتەن،كاپىتانلىق سالاھىتىدە مۇسابىقە ئوينىدى.دىمەك ئارگىنتىنا كوماندىسى مىسسى دەۋرىگە قەدەم قويدى.
2011-يىلى ،مىسسى مەيدانغا چىققان مۇسابىقىلەردە ئارگىنتىنا كوماندىسى جەمئى 20 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ،مىسسى ئۆزى 3 توپ كىرگۈزدى،10 قىتىم ھوجۇمغا ياردەملەشتى.توپ كىرگۈزۈش نىسپىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى.مىسسى تېخى ئەمدىلا 24 ياشقا كىردى،كەلگۈسىدە ئۇ مارادوناغا ئوخشاش ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ مەنىۋى تۈۋرىكى بولۇپ قالىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/10 13:35:16 ئۇقۇلۇشى: 105 قېتىم] |
|