ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما:«ئىراننى قاتتىق جازالايمىز» دېدى |

شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 13-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: يېقىندا ، ئامېرىكا ئىراننى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى يوشۇرۇن قەستلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئاشكارىلىدى. ئوباما 13-ئۆكتەبىر ، ئىراننى قاتتىق جازالاپ ، ئىراننى خەلقئارا جەمئىيەتتە يەنىمۇ يېتىم قالدۇرۇپ ، ئىراننىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن كورىيە زۇڭتۇڭى ليۇمىڭباك بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ بۇ قېتىملىق قەستلەش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە قولىمىزدا تولۇق دەلىل-ئىسپات بار، بۇ نۇقتا يەنە ئىراننىڭ ئۇزۇن مەزگىل خەلقئارالىق قائىدە-پىرىنسىپلار سىرتىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئومابا : ئىران بارلىق خەتەرلىك قىلمىشلىرىنى توختىتىش كېرەك ، بولمىسا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ يەنە: ئىراننىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارى قەستلەش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىچكى قىسمىدىكى ۋەقەگە قاتناشقان ھەربىر ئادەمنى تەكشۈرۈش كېرەك.ئىران خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە ئىجابىي ئۇسۇلنى تاللىمىغىچە ئامېرىكا ئىرانغا بىۋاستە زەربە بېرىدىغان ‹‹جازالاش تەدبىرلىرى››نى قوللىنىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 11-ئۆكتەبىر، ئىراننىڭ ئىسلام ئىنقىلابى قوغداش ئەترىتى تارمىقىدىكى ئەزاسى غۇلام شاكىر ۋە ئامېرىكا گىراژدانى ئابابۇشىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئادار جۇبەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مۇددىئاسى مەغلۇب بولدى، بىز ئۇلارنى سوتقا ئەرز قىلدۇق، دەپ ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىر باياناتىدا، بۇ قېتىملىق قەستلەش ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرتكۈچىسى ئىران ھۆكۈمىتى، دېدى .
13-ئۆكتەبىر، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغداش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ھۆسەيىن سالام: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسىنى قەستلىدى، دەپ ئەيىپلىشى دەلىل-ئىسپاتسىز ‹‹قىزىق ئويۇن››، دېدى .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-10-15 11:57:22 ئۇقۇلۇشى: 498 قېتىم] |
|