ئەگەر سىز دۇبەيدىكى ھېلىقى دەرىجىدىن تاشقىرى مېھمانخانىغا بېرىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنداقتا يەر شارىدىكى يەنە بىر خىل ئۇچالايدىغان بەش يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن ھالقىغان مېھمانخانا سىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. مېھمانخانىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان MilV-12 ئايروپىلانىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىنكى بۇ ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ ‹‹ھاۋا ئارمىيە 1–نومۇر›› لۇق ئايروپىلانىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ھەشەمەتلىكلىك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرغىدەك تەڭدىشى يوق بولۇپ، مېھمانخانا مۇلازىمىتى، خۇسۇسىي كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى، ئارىشاڭ قاتارلىقلار بار، رەقەملىك يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، تەكشى ئەينەكلىك تېلېۋىزور، رەقەملىك تىزگىنەك، سىمسىز تورغا چىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 42 مېتىر، ئېگىزلىكى 14 مېتىر، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 105 مىڭ 850 كىلوگىرام، يەنى 105.85 توننا؛ ئەڭ تېز سۈرئىتى سائىتىگە 255 كىلومېتىر، ھاۋادا چارلاپ ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 237 كىلومېتىر.