ئايال چولپانلار بىلەن باي سودىگەرلەر ئىزچىل ئايرىلماس قىززىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن، گەرچە «باي ئائىلىلەر دېڭىزدە چوڭقۇر»بولسىمۇ ئەمما تاماشا چەمبىرىكى ئىچىدە، باي-غوجاملارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان ئايال چولپانلار يەنىلا نۇرغۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم باي-غوجاملار تەرىپىدىن ئىستىقبالى «نابۇت» قىلىنغان چولپانلارمۇ ئاز ئەمەس.

چىن مىيچى: چىن مىيچى ئەينى يىلى ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ بولغان داڭلىق باي ما چىڭۋىيغا تېگىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان بەختكە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، ھامىلدار ۋاقتىدا يولدىشى باشقا بىر داڭلىق چولپان بىلەن تېپىشىۋالىدۇ.

لى جياشىن: لى جياشىن ئەينى يىلى داڭدار باي ليۇ لۇئەنشىئوڭ سەۋەبىدىن شياڭگاڭدىكى ئەڭ داڭلىق «تۈلكە جىن» بولۇپ قالغانىدى.

لى سەيفىڭ: ئىلگىرى باي ئائىلىگە ياتلىق بولغان لى سەيفۇمۇ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاجرىشىپ كېتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغاننىڭ ئۈستىگە، بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ ئاسراندى ئوغلۇم بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولدى دېگەن بەتنىمىغا قالدى. ئۇنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇ ئىشكاپ ئىچىدىن ئاسراندى ئوغلىنى تىپىۋالغان بولۇپ، ئاسراندى ئوغلىنىڭ ئىشكاپتىن چىقىپلا: «ھەدەم ماڭا ئىچ كىيىم ئېلىپ بەرمەكچى بولغانىدى» دېگەن.

ۋاڭ زۇشىئەن: ئەينى يىللىرىدىكى «نې شىياۋچىيەن» ۋاڭ زۇشىئەن بىلەن چى چىن كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان بىر جۈپلەردىن ئىدى ئەمما زەردار باي لىن جىيەنيۆنىڭ ئېلىپ بارغان مال-دۇنيا ھۇجۇمى بىلەن ۋاڭ زۇشىئەن چى چىن بىلەن ئايرىلىپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ھېچقانداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

گۇەن جىلىن: ئەينى يىلى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن گۇەن جىلىن پۇل ئۈچۈن ئۆزىدىن 16 ياش چوڭ بولغان بىر بايقا ياتلىق بولىدۇ.

ئېيىتلىشچە، ليۇ يىفىينىڭ تاماشا چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاتاق ئاتىسى چىن جىنفىي ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، قارىغان ئەينى يىللىرى ليۇ يىفىينى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىرىنچى سەبىي قىز قىلىپ چىققان چىن جىنفىي ھازىر ئۇنى جەلپكارلىق يولىغا قاراپ ماڭغۇزغان چېغى.

خۇاڭ شىڭيى: ئەينى يىللىرى «گۇمپا» فىلىمىنى ئىشلىگەن ۋاقىتتا گۇاڭ شىڭيى تولىمۇ ساپ ئىدى، ئەمما «پۇلدار يىگىت» ياڭزى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، خۇاڭ شىڭيى چاكىنا رەسىملەرگە چۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىلگىرىكى ساپلىقىنى يوقاتتى.