كوبى ئامېرىكىدا ئوينىغان 6مەيدان مۇسابىقىنىڭ پۇلىنى ئىتالىيىدە بىر قېتىمدىلا تاپالايدۇ |

بېيجىڭ ۋاقتى 14-ئۆكتەبىر خەۋىرى، كوبىنىڭ ئىتالىيىدە بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بېرىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بوگىنىيە كوماندىسى 2 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى باھا قويدى، بۇ كوبى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە باھا، چۈنكى ئۇ بۇ ئارقىلىق ئاساسىي جەھەتتىن NBAدىكى مۇسابىقە توختاش ئېلىپ كەلگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋالالايدۇ. ئەگەر كوبى بۇ قېتىم ئىتالىيە كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ قېتىملىق توختاشنىڭ كوبىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى پەقەت 460 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، قالىدۇ، قالغان زىيانلارنى ئىتالىيە كۇلۇبىنىڭ بەرگەن پۇلى كۆتۈرۈپ كېتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ 2 مىليۇن دوللار كوبىنىڭ NBAدا 6.496 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشكەندىكى كىرىمىگە تەڭ. ئەلۋەتتە، ھازىر كوبىنى 2 مىليۇنغا ئېرىشىدۇ دېسەك سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ، چۈنكى كوبى تېخى بۇ كېلىشىمگە قوشۇلغىنى يوق. ھازىر بىردىنبىر قىيىنچىلىق بولسا، سۇغۇرتا مەسىلىسى، گەرچە توپچىلارنىڭ ماھارەت كۆرستىش مۇسابىقىسىدە يارىلىنىشى ئاز كۆرۈلسىمۇ، بىراق بۇرۇن بۇنداق ئىشلار بولۇپ باقمىغان دېگىلى بولمايدۇ، ئەگە كوبى بۇ مەسىلىنى ئويلاشماي، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يارىلىنىپ قالسا، ئۇنداقتا كوبىنىڭ ئاۋارىچىلىقى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ كېتىدۇ.
بىراق پۇلنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ھامان زور بولىدۇ، كوبى بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق 6 مەيدان مۇسابىقىنىڭ پۇلىنى تاپىدىغان پۇرسەتتە، ئازدۇر-كۆپتۇر تەۋرىنىپ قالىدۇ. مەنبە: sports.sohu.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-10-15 11:43:20 ئۇقۇلۇشى: 220 قېتىم] |
|