ئەمدى جوبزنىڭ كەينىدىن كوتولدايدىغانلارمۇ چىققىلى تۇردى |

ئەركىن يۇمتال فوندىنىڭ رەئىسى رىچارد سىتالماننىڭ يېقىندا ۋاپات بولغان ئالما شىركىتى سابىق ئىجرائىيە مۇدىرى سىتۋى جوبزنىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا بەرگەن باھاسى بىمەنە ۋە رەھىمسىز باھا دەپ قارالدى.ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:«جوبز كومپيۇتېر ساھەسىنىڭ ئاۋانگارتى،ئۇ بىر قەپەس ياسىدى،ئېسىل لايىھىسى ئارقىلىق ئەخمەقلەر بىلەن ھۆرلەرنى ئايرىۋەتتى،ئۇ ھازىر ئۆلۈپ كەتتى.چىكاگونىڭ سابىق شەھەر باشلىقى دالېي دېگەندەك ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بىر ئازراقمۇ خۇشال بولمىدۇق،بىراق ئۇنىڭ ئايرىلغىنىدىن مەمنۇن بولدۇق،ھېچكىم ئۆلۈشكە تېگىشلىك ئەمەس،جوبزمۇ ئۆلمەسلىكى كېرەك ئىدى،بىل گېيتىس ئەپەندىمۇ ئۆلمەسلىكى كېرەك،ھەتتا گۇناھكار كىشىلەرمۇ ئۆلمەسلىكى ھەتتا ئۇنىڭدىن قەبىھ كىشىلەر ئۆلمەسلىكى كېرەك.بىراق جوبزنىڭ شەخسلەر كومپيۇتېرىغا بولغان تەسىرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەك.ئەپسۇسلىنارلىقى ،ئۇ ئەمدى مەۋجۇت بولمىسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تەسىرى يەنە داۋاملىشىدۇ.ئىزباسارلىرى ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ،بىز ئۇلارنىڭ تەسىرىنىڭ كىچىكرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز». ئەركىن يۇمتال فوندىنىڭ ئەزاسى لاررى كافىررو ئىستېپا بېرىش ئارقىلىق رىچاردنىڭ باھاسىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/10 13:29:42 ئۇقۇلۇشى: 169 قېتىم] |
|