«كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدىكى ئابدۇلەي توي قىلدى |
«كۇرتلار ۋادىسى» (يەنى بۆرىلەر ۋادىسى) فىلىمىدىكى ئابدۇلھەي رولىنى ئالغان كەنان. چوبان ئۆزىنىڭ لايىقى دىلەك. ئۆزكان بىلەن كاراتال شەھىرى دېڭىز ساھىلىدىكى بىر رېستۇراندا توي قىلدى. ئۇلارنىڭ نىكاھ گۇۋاھچىسى «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدىكى پولات. ئەلەمدارنىڭ رولچىسى نەجادى. شاشماز ۋە نەجادى.شاشمازنىڭ قېرىندىشى يەنى ئىنىسى زۈبەيىر شاشماز بولدى. كەنان. چوبان بىلەن دىلەك. ئۆزكاننىڭ بۇ تويىغا سەنئەت دۇنياسىدىكى داڭلىق چولپانلاردىن نۇر. ئايشە، ئەرھان. ئۇفاك (يەنى «كۇرتلار ۋادىسى» فىلىمىدىكى گۈللۈ ئەرھان رولىنى ئالغان)، ئەردەم.ئەرگۈنەي، ئىنجى. يىلدىز، جەمال. كاراجاداغ، ۋولكان. ئۆزگۆمەش، يىلماز. مەيدانەرى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. كاراتال شەھىرىنىڭ باشلىقى ئالتۇنوك (Op. Dr Altınok Öz) بۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى مۇبارەكلەپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ خوشال-خۇرام، بەخىتلىك ئۆتۈشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇلارنىڭ تويى خوشال-خۇرام كەيپىيات ئىچىدە قىززىپ كەتتى.



[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/10/8 11:45:58 ئۇقۇلۇشى: 370 قېتىم] |
|