مىسى مۆجىزىلىك رېكورت ياراتتى دەپ تەرىپلەندى |

بىلوروسىيە بارېسوف كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، بارسىلونا كوماندىسى قىينالمايلا زور پەرق بىلەن غەلبىنى كەلتۈردى، بىراق بارسىلونانىڭ باش تېرنېرى گوئاردىئولانىڭ قارىشىچە، بۇ مەيدان مۇسابىقە بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن، چۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ نومۇر ئالغاندىن كېيىن گۇرۇپپىدا ئەڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىكەن. گوئاردىئولا بارسىلونا كوماندىسىنىڭ مېھمان مەيداندا غەلبە قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقسىدىكى ئىپادىمىز ئىنتايىن قالتىس بولدى، ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۇق، يەنە بىر قېتىمدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردۇق، بىراق مېھمان مەيداندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس، بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن مۇھىم، بۇ قېتىم غەلبە قىلساق، بىز گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورنىغا چىقالايمىز، مىلان بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن بىز يەنە تەڭلىشىپ قالساق بولمايدۇ. نومۇر رەت تەرتىپى چېخ كولۇبى بىلەن ئوينىلىدىغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئاساسەن بېكىتىلىپ بولۇنىدۇ» دېدى.
يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى 10 مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزگەن مىسى مۇسابىقىدىن كېيىن : «مەن ئىنتايىن بەخىتلىك، بىراق مىنىڭ نىشانىم كوباراغا ياكى سېسارغا يېتىشىۋېلىش ئەمەس بەلكى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش. كوماندا تارىخ ياراتسا، مەنمۇ تارىخ يارىتىمەن. بارسىلونا توپنى ياخشى تەپسە، مەنمۇ ئىنتايىن خوشال بولىمەن، يېڭى مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىدىلا بىز نۇرغۇن توپ كىرگۈزدۇق »دېدى.
ماسچېرانىڭ ئېيتىشىچە، بارسىلونا ئاساسەن ھىچقانداق مەسىلىگە يولۇقمىغان، ئۇ «بىز ھىچقانداق ئاۋارىچىلىققا يولۇقمىدۇق، چۈنكى بىز باشتىن باشلاپلا ئىنتايىن ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن. مېنىڭچە مۇسابىقە نەتىجىسى مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بىز مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىمىز، نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمىز، ھەمدە مۇسابىقىنى ئىنتايىن ئازادىلىك بىلەن ئوينايمىز. مۇسابىقىدە مەن ئوتتۇرا بېك بولۇپ ئوينىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن ياخشى ھېس قىلىمەن، مەن ھەر بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ مىسى توغرىسىدا كۆپ گەپ قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، چوقۇم ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدەك پۇتبولچىنىڭ قايتا يېتىشىپ چىقىشى ئىنتايىن تەس، ئۇ مۆجىزە ياراتتى » دېدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/29 13:40:20 ئۇقۇلۇشى: 279 قېتىم] |
|