G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى |
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى ، 30 - ئۆكتەبىر قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۇۋىلىنىدۇ

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى 17 - ئۆكتەبىر مۇخبىرنىڭ G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولى شىنجاڭ بۆلىكى ئۆزگەرتىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش قۇماندانلىق شىتابىدىن ئىگىلىشچە، G21 9 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولى قۇرلۇشىنىڭ ئاساسىي لىنيە قۇرۇلىشى تاماملانغان بولۇپ 564 كىلومېتىرئاسفالىت يولى قۇرۇلىش تاماملىنىپ ماشىنا ماڭغان ھەمدە 30 - ئۆكتەبىر قۇرۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋىلىش پىلان قىلىنغان. ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولى، چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولى ۋە چۇەنزاڭ تاشيولىدىن كېيىن شىزاڭغا تۇتاشقان ئۈچىنچى تاشيول ئىكەن. بۇ لىنيەنىڭ ھاۋا كىلىماتى ناچار، يەر تۈزلىشى مۇرەككەپ، ئوكسىىگېن شالاڭ ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ لىنيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4مىڭ مېتىر بولۇ پ دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاشيول ئىكەن. G21 9 لىنيىسى شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيول يولى شىنجاڭ بۆلىكى ئۆزگەرتىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشدا ئۆزگەرتىلگەن G21 9 لىنيىسى نۆل كىلومېتىر بولۇپ 315 - دۆلەت تاشيولى لىنيىسىگە تۇتۇشىدىكەن. شىنجاڭ - شىزاڭ چېگىرىسى k651+ 111.217 بولۇپ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 599.997 كىلومېتىر، قۇرۇلۇشقا سېلىنغان ئومۇمىي قۇرۇلۇش مەبلىغى 30 مىليارد ئىكەن. بۇ يول لىنيىسى شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، شىزاڭنىڭ ئالى رايۇنىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ شىنجاڭ ۋە شىزاڭ ئاپتونۇم رايۇنىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان بىردىنبىر غول لىنيە، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى چېگرا مۇداپىئە غول لىنيىسى ۋە دۆلەتنىڭ غەربىي رايۇن قۇرلىشى پىلانىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تورىنىڭ بىرى ئىكەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ قۇرلۇشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، غەربىي رايۇننى ئېچىش چوڭ ئىستىراتىگىيىسى، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان قاتناش مىقدارى تەلىپى، تەرەققىيات رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىي، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىقلارنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى قاغىلىق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرىشچە، بۇ يىل G21 9 لىنيىسى شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيول قۇرۇلىشنى ئۆزگەرتىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىغا ھۇجۇم قىلىنغان شۇنداقلا بۇ تۈرگە مەسئۇل ھەرقايسى تارماقلار قىينچىلىق ۋە جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلغان بىر يىل ئىكەن. بۇ تۈردە قاتناش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى نۇرغۇن قىينچىلىقلار بويسۇندۇرۇلغان، ئېگىزلىكتىكى مۇزلاپ قالغان تۇپراق ۋە تۆۋەن تېمپىراتۇردىكى قۇرۇلۇش مۇھىتىنى بويسۇندۇرۇپ تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇش قىلىنغان، شۇنداقلا باشتىن - ئاخىر قۇرۇلۇش سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلغان.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-10-18 15:20:09 كۆرۈلۈشى : 4332 قېتىم] |
|