ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولۇش جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -362 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

G219 شىنجاڭ - شىزاڭ..
پولشا 1-1 ئىنگلاند..
شىۋىتسىيەلىك چول..
گانا ساقچىلىرىنى..
ئاۋىئاماتكىغا ئى..
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ..
تۈركىيە نېمە ئۈچ..
تۈركىيە يەھۇدىيل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغ..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
بىن لادىننىڭ قوللىغۇچىلىرى ئامېرىكىغا قارشى نا..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..

 
ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولۇش جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «دۆلەت گېزىتى» دىكى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەۋەتكەن ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى: دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ۋاقىتنى باشتىن ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكا ياسىشى دۇنيادا بىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتتىن يەنە بىرسى كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن.
   20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھەربىي ئىشلارغا ئاجراتقان چىقىملارنى ئىككى خانلىق سانلىق رەقەم بۇيىچە ئاشۇرۇپ ماڭغان بولۇپ، جۇڭگو بىر قىسىم ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەسلىھەلەرگە مەركەزلىك مەبلەغ سېلىپتۇ، يەنى بۇلار يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسى، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ ئىلغار بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە چارلاش بومبىسى قاتارلىقلار ئىكەن. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئاجراتقان ھەربىي چىقىمى دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا ئامېرىكا ئىكەن. جۇڭگو ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىمۇ ماس قەدەمدە ئېشىپ بېرىپتۇ.
     نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا جۇڭگو بەلكىم 20 يىلدىن 30 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلىنىدۇ دېگەن گەپلەر تارقىلىپتۇ. ئەنگىليىلىك مۇخبىر مادىڭ «نۆۋەتتە جۇڭگو دۇنيانى باشقۇرىدۇ» دېگەن كىتابنى يازغان بولۇپ، 2009-يىلدىن بۇيان 250 مىڭ پارچە كىتاب ئېلان قىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بىر قىسىم ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازلىرى ھەر ياقتىن ئاڭلىنىپتۇ.
      بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو بىر كۈچلۈك بولغان غەرب مەركىزى دۇنيا ئېقىمىغا يۈزلىنىپتۇ، بۇ ئېقىمغا كىرىش ناھايىتى ئاسان، ئەمما قېچىپ قۇتۇلۇش ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەھلىلچىسى : «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما چەتئەلدە تارقىلىپ يۈرگەن، (جۇڭگو ھېچنەرىدە يوق) دېگەن كۆز قاراش ئەمەلىيەتتە خاتا» دېگەن. ئۇنىڭ يەنە تەكىتلىشىچە، جۇڭگو نۆۋەتتە بىر نەچچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بولۇپمۇ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە شۇنداق ئىكەن. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بولغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى يۇمشاق كۈچكە نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. بىر قىسىم كىتابلاردا : «جۇڭگونىڭ يۇمشاق كۈچى ئۆلچەملىك كۈچتىن تۆۋەن، بولۇپمۇ ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچتىن. يۇمشاق كۈچى: جۇڭگونىڭ خەلقئارا سىياسى سەھنىدە باش كۆتۈرۈش ئىستراتېگىيىسى» دەپ يېزىلغان.
      بۇ دۆلەتنىڭ ئوبرازى نۆۋەتتە نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىپتۇ. ئافرىقا نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئۆزلىرىنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئېكسپورتى ھەتتا چەتئەلدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئىشسىزلىق پەيدا قىلىدىكەن. ئامېرىكىدا، جۇڭگو بولسا ئوباما بىلەن رۇمنىينىڭ زۇڭتۇڭلۇقىنى تالىشىدىغان ئاساسلىق ۋاسىتە بولۇپ قاپتۇ. گەرچە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ تەرەپنىڭ ئويلىشىچە ئاسىيا رايونىدىكى خىرىستا ۋاشىنگتون يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن، ھەمدە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كۈچ سانىلىدىكەن. لېكىن مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر جۇڭگو يەنىلا ئۆزنىڭ يولىنى تېپىپ ماڭلايدۇ.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2011-10-18 15:15:09  كۆرۈلۈشى : 2955 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682