پولشا 1-1 ئىنگلاند (دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش ئالدىن تاللاش پۇتبول مۇسابىقىسى) |
شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى 23:00 (پولشا ۋاقتى17- ئۆكتەبر 17:00) دە، 2014- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋرۇپا رايونىدىكى ئالدىن تاللاش باسقۇچىنىڭ Hگۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ۋارشاۋا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، پولشا دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئىنگلاند دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنگلاند دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندا ئەزاسى گراند ياردەمچى پاس بېرىپ، رونى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى، كەينىدىن جون خارت خاتالىق سادىر قىلىپ، قارشى تەرەپ ئەزاسى گرىك بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن پولشا دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا نەتىجە 1-1 بولۇپ ئىنگلاند دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بىر مەيدان مۇسابىقىنى كۆپ ئىلىپ بارغان ئىنگلاند دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بۇ گۇرۇپپىدا بىر نومۇر پەرق بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
ئىككى دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى تارىختا 17 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بارغان بولۇپ، ئىنگلاند دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئون مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئالتە مەيدان تەڭلىشىپ، پەقەت بىر مەيدان ئۇتتۇرغان. يەنى 1974- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش ئالدىن تاللاش پۇتبول مۇسابىقىسىدە پولشا دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-10-18 15:18:19 كۆرۈلۈشى : 1120 قېتىم] |
|