تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغا قويغان - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

G219 شىنجاڭ - شىزاڭ..
پولشا 1-1 ئىنگلاند..
شىۋىتسىيەلىك چول..
گانا ساقچىلىرىنى..
ئاۋىئاماتكىغا ئى..
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ..
تۈركىيە نېمە ئۈچ..
تۈركىيە يەھۇدىيل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغ..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..
ئامېرىكىدىكى بىر كۆل بويىدا قانخور «ئالۋاستى» ..

 
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغا قويغان
تۈركىيەنى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش تىلغا ئېلىنسا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇستاپا كامالغا باھا بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مۇستاپا كامال تۈركىيەنى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش ۋە دېموكراتىيەلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
       تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى 29-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان، جەڭگە ماھىر مۇستاپا كامال تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ، 1938-يىل نويابىرغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. مۇستاپا كامال ئوسمان تۈرك ئىپېرىيەسىنىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە چىرىكلىكىنى بالدۇرلا چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن، ئۇ ياۋروپادىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش، ئاقارتىش ھەركىتى ۋە فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ھەم سانائەت ئىنقىلابى ۋە پارلامېنت دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ياۋروپا- ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىغا دىققەت قىلغاچقا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش، دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنقىلابى كۈرەش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت قۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيىۋىي سىستېمىسى، يەنى جۇمھۇرىيەت، مىللەت، ئاۋام، دۆلەت، دىندىن خالىيلىشىش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت «ئالتە چوڭ مەسلەك» نى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. مۇستاپا كامال ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، بىر قاتار سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائى ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقى تۈركىيەگە پۇختا ئاساس سالغان. كامالنىڭ ئىسلاھاتى ياۋروپا- ئاسىيا قۇرۇقلىقىدىكى دىندىن خالىي كۈچلەر بىلەن دىنىي كۈچلەر ئارىسىدىكى نىسبەتنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى داۋاملىق بىرلەشتۈرۈش ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تارىخىي تۆھپە قوشقان.
      ئەينى چاغدا، بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى «شەرقى ئاسىيادىكى كېسەل كۆرپىسى»، ئوسمان تۈرك ئېمپىريەسى «غەربىي ئاسىيادىكى كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇچ كېلىۋاتقان مەسلىلەرنىڭ ھەممىسى چېرىكلىشىپ خارابلىشىۋاتقان چوڭ ئىمپېرىيە غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئىدى.
        تۈركىيەدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىككى خىل ئاڭ پەيدا بولغان. بىرى ھەربىيلەرنىڭ دېموكراتىيە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى بولۇپ، «ياش تۈركىيە پارتىيەسى»، جۈملىدىن مۇستاپا كامالمۇ دىندىن خالىي بولغان، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرىدىغان دېموكىراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. يەنە بىرى، دىنىي ئاڭ ئويغىنىۋاتقان بولۇپ، دىنىي زاتلار ئىسلام روھى ئارقىلىق خەلقنى يېتەكلەپ ۋە ئۇيغىتىپ، غەرب مەدەنىيىتى بىلەن تىركەشمەكچى بولغاچقا، دىنىي ئاڭ ئەسلىگە كەلگەن ھەم ئويغانغان. لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ھەربىي كۈچلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى زېمىنىدىكى دىنىي ئويغىنىش تۈركىيىنىلا ئەمەس، بەلكى مىسىر، سۈرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ قاپلىغان. ئەگەر ئىسلامنىڭ ئويغىنىشى«ياش تۈركىيە پارتىيەسى» كۈچلىرىدىن بالدۇر باش كۆتەرگەن بولسا، ئەھۋال ئېھتىمال ھازىرقىدەك بولماستىن، مۇستاپا كامالنىڭ بىدئەتچىلىكى ئەينى ۋاقىتتا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى مەلۇم بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنى غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىۋېتىشىدىن ساقلاشقىلا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
       يەنە بىر تەرەپتىن، كامالنىڭ ئاناتولىيە ئېگىزلىكىدە ئۆز ئارمىيەسى بولۇپ، گىرېتسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسىنى تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام كۈچلىرىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوق ئىدى.
       2 -دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىسمەت ئىنونۇ تۈركىيەنىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان. ئىنونۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «ياش تۈركىيە پارتىيىسى» باش كۆتەرگەن، مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇستاپا كامالنىڭ يېقىن سەبدىشى ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىنونۇ ئامېرىكىنىڭ كاپىتالىزىم دۇنياسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى سېزىپ، ئامېرىكىغا يېقىنلىشىشنى تېزلىتىشنى قارار قىلغان. 1945-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۇ كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ۋە ئىقتىسادنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكىچە دېموكراتتىيەگە مايىللاشقان. 1947-يىلى ئىنونۇ ترۇمىنىزىمنى قوبۇل قىلغاچقا، تۈركىيە بىراقلا ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقان «سوغوق ئۇرۇش» سىياسىتدىكى پېچكىسى بولۇپ قالغان. 1950-يىلى مايدا، تۈركىيە تۇنجى قېتىم غەربچە سايلام ئۆتكۈزۈپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا تەرىپىدىن«مارشالل پىلانى» دىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكىتلار قاتارىغا كۈرگۈزۈلگەن. 1950-يىل ئىيۇندا، تۈركىيە ئامېرىكىغا ئەگىشىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1952-يىلى تۈركىيە ش ئا ئە ت گە قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگيەلىك ھەمراھى ھەم سوتسىيالستىك دۆلەتلەرنى چەكلەيدىغان ئىستراتېگيەلىك سەركىسى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا تۈركىيەدە نەچچە ئون ھەربىي بازا قۇرغان بولۇپ، مەرمەر دېڭىزىدىكى مۇھىم بازار بولغان گۈرجۈك بىر مەزگىل ش ئا ئە ت ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتپاقداش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى بولغان.
       تۈركىيەنى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش يولىنىڭ مۇۋەپەقىيەتلىك بولغانلىقى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ھازىرمۇ ئىراقتەك بۇنداق ئىسلام دۆلىتىدە ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە ئېلىپ بارغاندەك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ،  يېڭىشكە تېگىشلىك قىيىنچىلىقلار ئىنتايىن كۆپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ. ئەينى ۋاقىتتا، نادانلىق، قالاقلىق ۋە ساددىلىق تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويغان. ئەمما ھازىر ئىسلام دۆلەتلىرىنى دېموكرتىيەلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئامىللار كۆپ بولۇپ، ئىسلام دىنى كۈچلىرىنىڭ تەسىرى ۋە رولىنى سەل چاغلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن كېيىن، ئەرەب دۇنياسىدا ئىككى كۈچ باش كۆتۈرۈپ چىقتى. بىرى مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر تەشەببۇس قىلغان پان ئەرەب مىللەتچىلىكى؛ يەنە بىرى سۈرىيەلىك سىياسىيون ئافلېك قۇرغان ئەرەب گۈللىنىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى كۈچلەر دىندىن خالىيلاشتۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان، ئۇلارنىڭ شۇئارى بىرلىككە كېلىش، ئەركىنلىك ۋە سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت. گەرچە بۇ ئۈچ سۆزنىڭ تىزىلىش تەرتىپى سەل ئوخشىمىسىمۇ، ھەممىسىلا ئەرەب دۇنياسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە سىياسى تۈزۈلمىنى «سوتسىيالىزىملاشتۇرۇش» نى تەكىتلەيدىغانلىقتىن، كامالنىڭ دىندىن خالىي تۈزۈمى ۋە دېموكراتىيە تۈزۈمىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىسلاھاتنى مىسىر ۋە سۈرىيەدىن باشلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس، پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرمۇ ئالدىراپ كەتسە بولمايدۇ، پەقەت «ئەرەب دۇنياسىنى بۇزۇۋاتقان» ئىراقتەك بۇنداق دۆلەتتىن ئىش باشلىسا، دۇچ كېلىدىغان توسالغۇ سەل ئازراق بولىدۇ. يەنە بىر نىشان دېموكراتتىك ۋە دىندىن خالىي بولغان يېڭىدىن گۈللەنگەن پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش. لېكىن مەسىلە شۇكى، تۈركىيەدە مىللەتلەر ۋە دىنىي مەزھەپلەر بىر قەدەر ئاز. ئەمما ئىراقتا ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭدا دىنىي ۋە ئىرقىي زىدىيەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە گۈللىنىش سوتسىيال پارتىيىسى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋىي مىراسلار بار. يەنە بىر تۈپ پەرق شۇكى: تۈركىيەدىكى ئىسلاھاتنى ئىچكى كۈچلەر ئۆز ئادىغا يولغا قويغان، ئىراقتىكى ئىسلاھات تاشقى كۈچلەرنىڭ كونتروللىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىراقتىكى ئىسلاھات دۇچ كېلىۋاتقان توسالغۇ تۈركىيەدىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك.
        تۈركىيە ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ سىياسى تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۈركىيە«ئاساسىي قانۇنى»دا: تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى دىندىن خالىي تۈزۈم ۋە دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولۇپ، تاشقى جەھەتتە دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىسا، ئىچكى جەھەتتە دىندىن خالىي تۈزۈم ۋە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى قوغدايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي رەھبىرى باش ئىشتاب باشلىقى بولۇپ، ئۇنى قىسىملار كۆرسەتكەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. تۈركىيە جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان 70يىلدىن بۇيان، قوراللىق قىسىملار كامال يېتەكلىگەن دىندىن خالىيلىشىش يولىدىن چەتنەپ كەتمىدى. ئارمىيە دۆلەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، دىندىن خالىي تۈزۈم ۋە دموكراتىيە تۈزۈمى خىرىسقا ئۇچراپ، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئاساسى قانۇنىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى نورمال ئادا قىلالمايۋاتقانلىقىنى بايقىسىلا، ئوتتۇرغا چىقىپ بۇنىڭغا ئارىلىشىدۇ. ھازىرغىچە تۈركىيە ئارمىيەسى ئىككى قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىككى قېتىم ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا كۈچلۈك ئارىلاشتى. بۇ ھەرىكەتلەر كامالىزىمچە دىندىن خالىي جۇمھۇرىيەت گەۋدىسىنى قوغداپ، تۈركىيەنى ئىچكى ئۇرۇش، پارچىلىنىش ۋە مۇستەبىتلىكتىن ساقلىغان بولۇپ، دىندىن خالىي تۈزۈم بارغانسېرى مۇستەھكەملەشتى ۋە مۇكەممەللەشتى. شۇڭا ئارمىيە تۈركىيەدىكى دىندىن خالىيلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئۇل تېشى دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئارمىيەنىڭ رولىنىڭ گەۋدىلىنىشى يەنە تۈركىيەدىكى دىندىن خالىيلىشىش تۈزۈمىنىڭ بەزىدە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
       تۈركىيە« ئاساسىي قانۇنى» دا: دۆلەت دىندىن خالىيلىشىش ۋە دېموكراتىيەلىشىش يولىغا مېڭىشى، قوراللىق قىسىملار دىندىن خالىيلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسلام دىنى ياكى ئىسلام دىنى تۈسى ئالغان بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ مەسلىگە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن تارىخنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. دىنىي كۈچلەر 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللاردا، يەنى ئەرباقان سىياسىي سەھنىگە چىققاندىن كېيىن باش كۆتۈرگەن. ئەرباقان ئىسلام قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيون بولۇپ، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى مەزگىلدە ھۆكۈمەتنى «ھەددىدىن ئارتۇق غەربپەرەس»دەپ ئەيىبلىگەن. ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ نەزەرىنى ئىلگىرى سەل قارالغان ئىسلام ئەللىرىگە يۆتكىگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە دىننىڭ تەسىرى ۋە خىرىسىغا ئۇچراشتىن ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. چۈنكى بۇ تۈركىيەنىڭ دىندىن خالىيلىشىش، دېموكراتىيەلەشتۇرۇش لۇشىيەنىگە زىت. لېكىن تۈركىيەدە دىندىن خالىيلاشتۇرۇش تۈزۈمى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيىتقاندا، قانۇنغا تايىنىپ مەجبۇرىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى تەل ئەمەس. دىندىن خالىيلاشتۇرۇش ئاساسلىقى چوڭ شەھەرلەردىلا ئەۋىج ئالغان بولۇپ، كامالنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلار سەرخىل قاتلامدىكىلەردىنلا ئىبارەت. بۇنداق كىشىلەر ئارمىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار تۈركىيە ئاھالىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪50كە يەتمىسىمۇ، تەسىرى خېلىلا كۈچلۈك. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەدىكى كەڭ يېزا ، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ مەدەنىيەت -مائارىپ سەۋىيەسى ناھايىتى قالاق، تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇلارنىڭ قارىشى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى، زىيالىيلار قاتلىمى، سودا- سانائەت ساھەسى قاتلىمىنىڭكىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. بۇ رايونلاردا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىسلام قىممەت قارىشى نۇرغۇن تۈركىيەلىكنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.
       بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ھەر قېتىملىق دىندىن خالىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك چېرىكلەشكەن پارىخور ئەمەلدارلار بار. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، كۆپ قىسىم ئىسلام پارتىيەلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، ھېچقانداق ناچار ئىللەتلىرى يوق، ئۇلار ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدۇ، كەنىتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بولۇپ، پۇقرالارغا نۇرغۇن ياخشى ھەم ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى بۇ پۇقرالار ئىسلام پارتىيە- گوروھلىرىنىڭ ئىجتىمائى ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇنداق كىشىلەر تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ھەر قېتىملىق ئۇمۇمىي سايلامدا، ئىسلام پارتىيە-گوروھلىرىنىڭ قوللىغۇچىللىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك نامراتلار بولۇپ، بۇ قېتىم ئەردوغان رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھەققانىيەت-تەرەققىيات پارتىيىسىمۇ ئوخشاشلا كەڭ يوقسۇل خەلقنىڭ ھەم بىر قىسىم ياشلار ۋە سودا- سانائەت ساھەسەدىكى زاتلارنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەن. نەتىجىدە ئۇلار بۇلتۇر 3-نويابىردىكى ئۇمۇمىي سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلىپ، بىر پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەتكە ئايلاندى، بۇنداق ۋەزىيەت كۆرۈلۈپ باقمىغىنىغا15 يىل بولدى.شۇڭا«نامراتلار ئەردوغاننى ھازىرقى زۇڭلىلىق تەختىگە چىقاردى، دەل ئاشۇ نامراتلار ھەققانىيەت-تەرەققىيات پارتىيەسىنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقاردى»، دېيىشكە بولىدۇ.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-6-25 17:22:12  كۆرۈلۈشى : 4149 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682