تۈركىيە يەھۇدىيلار دۆلىتى ئىسرائىيە بىلەن نېمىشقا شۇنچە ئەپ ئۆتەلەيدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

G219 شىنجاڭ - شىزاڭ..
پولشا 1-1 ئىنگلاند..
شىۋىتسىيەلىك چول..
گانا ساقچىلىرىنى..
ئاۋىئاماتكىغا ئى..
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ..
تۈركىيە نېمە ئۈچ..
تۈركىيە يەھۇدىيل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغ..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..
ئامېرىكىدىكى بىر كۆل بويىدا قانخور «ئالۋاستى» ..

 
تۈركىيە يەھۇدىيلار دۆلىتى ئىسرائىيە بىلەن نېمىشقا شۇنچە ئەپ ئۆتەلەيدۇ
  [ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسى]  ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا زىدىيەت، توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇنداق ئىش يوق. ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ دىنى ئوخشاش بولسىمۇ، مىللىتى ئوخشىمايدۇ، ئەرەپ-ئىسرائىلىيە زىدىيىتىنىڭ تۈركلەر بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. تارىختا، ئوسمان تۈرك ئىمپېريەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەھۇدىلار تۈركلەرنىڭ پەلەستىن رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولغاچقا، ئەنگىلىيەلىكلەر سېپىگە قوشۇلغان. ئەنگلىيە يەھۇدىلارنىڭ يۇرت-ماكان قۇرۇشىنى قوللىسا، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى قوللىغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىيوردانىيە ۋە پەلەستىندە نېفىت زاپىسى مول دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، بۇ ئىككى جايدا بىر تېمىممۇ نېفىت بولمىغاچقا، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ سوققان چوتى خاتا چىققان. سوغوق ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركىيە ش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتە تۇرغان. ئىسرائىلىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، تۈركىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. 1967-يىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 242-نومۇرلۇق قارار ماقۇللىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچكە، تۈركىيە-ئەرەب مۇناسىۋىتى سەل ياخشىلانغان.
         ئىستانبولدا 20مىڭ يەھۇدى بار. گەرچە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىلار ئەنگىلىيە سېپىگە قوشۇلۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپريەسىنى ئاغدۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، يەھۇدىلار يەنىلا  تۈركىيەگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. 1516-يىلى تۈركىيە يېرۇسالىمنى بېسىۋالغاندىن كېيىن: پەلەستىن رايونىغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مىللەتلەر كۆچۈش ئەركىنلىكى بېرىلىدۇ، غەربىي تام (ھازا تېمى) يەھۇدىلارنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن تىلاۋەت سورۇنى بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. بۇ يەھۇدىلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، كېيىنكى كۈنلەردە يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن. 1915-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، شۇ چاغدىكى پەلەستىندىكى 600مىڭ ئاھالىنىڭ 80مىڭى يەھۇدى ئىكەن. شۇڭا، يەھۇدىلارنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىناق ئۆتمەسلىككە ئاساسى يوق دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يىراقتىكى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى مەنىۋى ۋە مالىيە جەھەتتە قوللىسا، بېقىنىدا ياخشى تام قوشنىسى ھەم ئىلگىركى ياخشى ھىماتچىسى بولۇپ، ئۆزئارا بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئەرەب -ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا، تۈركىيە بىتەرەپلىكىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولغان. تۈركىيە «مادرىد تىنىچلىق سۆھبىتى»دىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن ئاشكارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ئەينى چاغدىكى دولقۇندا، نەچچە ئون دۆلەت كەينى-كەينىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ھەزەر ئەيلىگىدەك ھېچقانداق ئامىل قالمىغاچقا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ تېز راۋاجلانغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى تېخىمۇ ماھىيەتلىك خاراكتېر ئالغان. تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بولغاچقا، ئىسلام رادىكال كۈچلىرى ۋە چېكىدىن ئاشقان كۈچلەردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.
       تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە 1991-يىلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى باش ئەلچى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. چىللەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، تۈركىيە- ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ئۇمۇمىيۈزلۈك كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقى ئەرەب ئەللىرنىڭ ھوشىيارلىقىنى قوزغىغان. بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەتتا تۈركىيە- ئسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە «ھەربىي ئىتتپاق» دەپ تەبىر بەرگەن. 1995-يىلى دېكابىردا، ئەرباقان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن، تۈركىيە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادى، سىياسى ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە بىر قاتار كېڭىشىش مېخانىزىمى ئورنىتىپ، ئىران بىلەن مۇددىتى 22يىللىق، قىممىتى 20مىلىيارد دوللارلىق ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش تۇرۇببىسى كېلىشىمى ئىمزالىغاچقا، نەتىجىدە ئامېرىكا بۇنىڭغا«يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن». ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا- تۈركىيە ئىستېراتىگىيەلىك مۇناسىۋىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىران تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان. ئامېرىكا ئەرباقاننىڭ لىۋىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئامېرىكا تۈركىيە ھەربىي دائىرلىرىگە ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكا- تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىن ۋاز كېچىپ، «رەزىل دۆلەتلەر» تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا 1997-يىلى   28-فېۋرال تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باش ئىشتاپ باشلىقى بىلەن تۆت خىل ئارمىيەنىڭ قوماندانلىرى قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ: تۈركىيەدە دىن ئەكسىيەتچىكىلى خەۋپى كۈچىيىۋاتىدۇ، دۆلەت «ئاساسىي قانۇن» دا بەلگىلەنگەن دىندىن خالىيلىشىش يولىدىن چەتنەپ كېتىشى مۇمكىن، ھازىرقى ھۆكۈمەت نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دېگەن. تۆت ئايدىن كېيىن، ئەرباقان ئىستىپا بەرگەن.
          بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئافرىقىدىكى كېنىيە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ماراكەش ۋە تۈركىيەدە كەينى-كەينىدىن تېررورلۇق ۋە پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا مەلۇم باغلىنىش بار. تۈركىيەدە پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈزبېرىشنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ، تۈركىيەنىڭ غەربكە بەك ئەگىشىپ كېتىشىمۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە ئەرەب ئەللىرىنىڭ غەزىبىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە زېمىنىدىن ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكىغا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا ئارقا سەپتىن ياردەم قىلغان. يەنە بىرى، تۈركىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ دۈشمىنى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق، شۇڭا ئىسلام رادىكال كۈچلىرى بۇنىڭغا ھەرگىز چىداپ تۇرالمايدۇ. تۈركىيە، ماراكەش ۋە كېنىيەنىڭ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىغا ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
    تۈركىيەنىڭ دىندىن خالىيلىشىش يولى بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراش بىلەن بىللە، ئىسلام دۇنياسىدا بەزى پىكىرلەرنى پەيدا قىلغان. لېكىن تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنە ئامېرىكىنى ئالاقە قىلىدىغان ئاساسلىق ئوبيېكىت قىلىپ، ئامېرىكىدىن تۈرلۈك نەپلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بەزى رادىكال دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم باسقۇچتا ئامېرىكا بىلەن ئارىلىق ساقلاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىدىغان كوزىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. شۇڭا تۈركىيە ئۆزىنىڭ دىندىن خالىي تۈزۈمىنى باشقىلارنىڭ قارىشى سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ كەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. تۈركىيە يەنە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى دىنىي كۈچلەرنىڭ تۈركىيەگە سىڭىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ دىندىن خالىي تۈزۈلمىسىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىنى خالىمايدۇ. تۈركىيە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك جەھەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-6-25 17:21:00  كۆرۈلۈشى : 3253 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682