گانا ساقچىلىرىنىڭ جۇڭگولۇق ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئەھۋالىغا نىسبەتەن يېڭى دوكلات ئېلان قىلىندى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -362 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

G219 شىنجاڭ - شىزاڭ..
پولشا 1-1 ئىنگلاند..
شىۋىتسىيەلىك چول..
گانا ساقچىلىرىنى..
ئاۋىئاماتكىغا ئى..
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ..
تۈركىيە نېمە ئۈچ..
تۈركىيە يەھۇدىيل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغ..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
بىن لادىننىڭ قوللىغۇچىلىرى ئامېرىكىغا قارشى نا..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..

 
گانا ساقچىلىرىنىڭ جۇڭگولۇق ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئەھۋالىغا نىسبەتەن يېڭى دوكلات ئېلان قىلىندى
  يەر شارى خەۋەر تورى جەنۇبى ئافرىقا تېلېگراممىسى، گانا ساقچىلىرىنىڭ 16 ياشلىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئەھۋالىغا نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ 16-چېسلا «يەر شارى گېزىتى» مۇخبىرغا كۆرسىتىشىچە، گانا دىپلوماتىيە ۋە رايونلۇق بىرلەشمە ئورۇننىڭ باشلىقى مەخمۇدنىڭ دېگەن سۆزىگە ئاساسلانغاندا، گانا تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ساقلانغان مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ئەھۋالى ساقلانماپتۇ، ھەمدە يېقىندا جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى كۆرسىتىپتۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇخبىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا چۈشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمدىلا زىيارەتتىن قايتىپ كەلگەن مەخمۇدقا جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك چارىلىرىنى كۆرسىتىپتۇ. مەخمۇدنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى گانا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا تاپشۇرۇپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېقىندا تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى دىپلوماتىيە ئورۇنلىرى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى يۈز بەرگەن ۋەقە ناھايىتى ئالاھىدە ئىكەن، شۇڭا گانا تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. مەخمۇد يەنە جۇڭگو تەرەپتىن زىيانغا ئۇچرىغان ياشقا تەزىيە بىلدۈرۈپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراپتۇ.
     ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگىليە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يېقىندا دېيىشىچە، گانا تەرەپ بايلىق كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، كانچىلىق ئورۇندىكى جۇڭگولۇقنىڭ قولىدا قورال بار ئىكەن، ھەمدە «يېقىن ئەتراپتىكى ھەر قانداق ئادەمگە ئوق چىقارماقچى بولۇپتۇ» شۇنىڭ ئۈچۈن گانا ساقچىسى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپتۇ. مۇخبىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دوكلات ھەقىقىي ئەمەس ئىكەن. جۇڭگو تەرەپ بەلگىلىگەن شۇ يەردىكى ئەمەلدارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە جۇڭگولۇقلارنىڭ قورال كۆتۈرۈپ قارشى تۇرۇش ئەھۋالى بايقالماپتۇ. ئەمەلىيەتتە، ساقچى شۇ رايونغا كەلگەن ۋاقىتتا، نەق مەيداندىكى جۇڭگولۇقلا ئالاقزادە بولۇپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلاپتۇ، گانا ساقچى تەرەپ كەينىدىن ئوق چىقىرىپتۇ، ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ساقچى ئاتقان ئوق جۇڭگولۇق ياشقا تېگىپتۇ.
     گانا ساقچى تەرەپ نەچچە يۈز جۇڭگولۇق كانا ئىشچىسىنى قامال قىلىپ بىر جۇڭگولۇقنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈردى
   يېقىندا، گانا چەتئەللىك كان ئىشچىلىرىغا قارىتا سۈپۈرۈپ تاشلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپتۇ. ۋە ئالدى-كەينى بولۇپ، 100 جۇڭگولۇق ئىشچىنى قانۇنسىز بۆسۈپ كىرگەن دەپ تۇتۇۋاپتۇ. 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، گانا ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا قوراللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتۇ، ھەمدە خېيلوڭجاڭلىق بىر ياشنى ئېتىۋېتىپتۇ.
     تۈنۈگۈن كەچتە، جۇڭگو ئاۋازى مۇخبىرى جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى زىيارەت قىلىپتۇ. نۆۋەتتە، ئۇلار ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇنىڭغا قارىتا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ بولۇپتۇ. جۇڭگونىڭ گانادىكى باش ئەلچىسى شۇ يەر ۋاقتى 14-چېسلا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپتۇ.
 
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2011-10-18 15:16:11  كۆرۈلۈشى : 2405 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682