سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە 2012-يىللىق ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى موناكونىڭ مونتېكارلودا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈردە شىۋىتسىيەلىك چولپان ئىبراھىموۋىچ كاكا، دروگبا قاتارلىق توققۇز كۈچلۈك رەقىبى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يىللىق ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.ئالتۇن پۇت مۇكاپاتى بولسا موناكو قۇرۇپ چىققان «دۇنيا چېمىپيۇن كۇلۇبى» باشلامچىلىق قىلغان مۇكاپات بولۇپ، بۇ تۈردىكى مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت يېشى بىرقەدەر چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتقان توپچىلارنى تەقدىرلەش ئىكەن، ھەمدە بۇنىڭ چەكلىمىسى ھازىر توپ تېپىۋاتقان يېشى 29 ياشقا توشقان توپچىلار ئىكەن. بۇ يىلقى ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىنىڭ رىقابىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان، ئەڭ ئاخىرقى 10 نامزات ئىچىدە بارسېلونا كوماندىسىدىكى پۇيول بىلەن شاۋى، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن كاسىللاس بىلەن رائۇل، ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن دىروگبا، ئىتالىيەلىك داڭلىق ۋارىتاچى بوففون، ئىلگىرى مىلان كوماندىسىدا توپ تەپكەن شىدرىف، كاكا پىرلو ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئىبراھىموۋىچ قاتارلىقلار ئىدى.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号